سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 19:53:14

سىزمۇ ئۇقۇپ بېقىڭ- مەن ئۇقۇغان رومانلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-1 17:50

[                                                                         مەن ئوقۇغان نادىرئەسەرلەر تىزىملىكى
                                                                                          گۈلبوستان موللىمىن

ھەر قانداق بىر ئادەمدە ئازدۇر كۆپتۇر قىزىقىش بۇلىدۇ ئەلۋەتتە،مىنىڭمۇ شۇنداق بىر قىزىقىشىم باركىن ،ئۇ بولسىمۇ كىتاپ ئۇقۇش،ساۋادىم چىققاندىن بۇيان ئۈزۈمنىڭ بىرەر كۈنمۇ كىتاپ ئۇقۇماي يۈرگىنىمنى پەقەت ئەسلىيەلمەيمەن ،ئۈزۈمنىڭمۇ ئەدەبىياتتا ئوقۇغۇم بار ئىدى،،،،:( ئەپسۇس ئۇقۇيالماي قالدىم ،ئەمما كىتاپ ئۇقۇشنى پەقەت تاشلاپ قويمىدىم،خىزمەتتىن چارچىغاندا،ئارام ئالغاندا ،ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىققاندا،تۇرمۇشتا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىرغاندا،ھەتتا ساتىراچخانىغا چېچمنى ياساتقىلى بارغاندىمۇ بۇ قىممەتلىك ئەزىزىم (كىتاب)ماڭا ھەمرا. :kiss: تارىخى كىتاپلارنى ئۇقۇسامئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق ھاياتى ماڭا مىللىتىمنىڭ ناھايتى ئىستىداتلىق،باتۇر ،ئەمگەكچان مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.ھازىرقى زامان رومانلىرنى ئۇقۇغۇنۇمدا بىزنىڭ جەمىيىمىزدىكى ھەر خىل ۋەقەلەر(يازغۇچىمۇ چۇقۇم كىشىلىك تۇرمۇشنى ئۆرنەك ئېلىپ ئەسەر يازىدۇ ئەلۋەتتە)،ئائىلە،جەمىيەتتىكى ھەر خىل ئىشلار مىنىڭ جەمىيەتنى يەنىمۇ چۈشىنىشىمگە ياردەم بىرىدۇ،چەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرنى ئوقۇغۇنۇمدا ماڭا بىزنىڭ ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى،كىشىلىك قارشى،مىللەت قارشى،مۇھەببەت قارشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىمىغان بىلىم ۋە ھۇزۇر بىرىدۇ،،،،،قىسقىسى مەن بۇ يەردە قانداقتۇر ئۈزۈمنىڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىمنى باشقىلارغا كۆز كۆز قىلماقچىمۇ ئەمەس،مەقسىدىم مۇشۇتىمام ئارقىلىقروھلان مۇنبىردىكى كەڭ تورداشلارنىڭ مەن تەۋسىيە قىلغان بىرەر كىتابنىمۇ بولسا ئۇقۇپ چىقسامىنىڭ بۈگۈنكى ئىككى سائەتلىك ئەمگىكىمنىڭ مەھسۇلى،ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ،،،:loveliness: مەن ئاران باشلانغۇچنى تۇگۈتۈپلا ئاتا ئانامنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە سەنئەت كەسپىدە ئۇقۇغان،گەرچە كىيىن يۇقىرلاپ ئۇقۇغان بولساممۇ يەنىلا ئۈزەمنىڭ مەدىنيەت سەۋىيەمنى بەكلا ئاجىز چاغلايمەن،ھازىر ئىمكانىيىتىم يار بەرسە قايتىدىن ئەدىبىيات كەسپىدە ئۇقۇغۇم بار،ئەمما تۇرمۇش،خىزمەت،،،،،يەنە تۇللۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان پەرزەنتىمنى تەربىيلەش دىگەندەك سەۋەپلەر تۇپەيلى بۇ ئارزۇيۇمغا يىتەلمىدىم،لىكىن مۇشۇ ئارزۇيۇمنى قىزىمنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كىچىكىدىنلا ئۇنىمۇ كىتاپ ئۇقۇشقا ھىرىسمەن بىر قىز قىلىپ تەربىيلەپ چىقتىم.(ئاللا خالىسا مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە ئاقسۇ شەھىردە مىنىڭ بىر كىتاپىخانام بارلىققا كەلگۇسى)ھەم شۇنىڭغا تىرىشىمەن،،،،،،،،،مەن مۇشۇ پۇرسەتتە بارلىق تورداشلارنىمۇ كىتاپ ئوقۇشقا ئازراق ۋاقىت چىقارسىكەن ،پەرزەنىتلىرنىمۇ قىزىقتۇرۇپ ماڭسىكەن دىگەننى ئۈمۈت قىلىمەن،،،،ئىسىل قەھۋەنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىپ ئولتۇرۇپ كۇندە بىر سائەت كىتاب ئوقۇيلى قېرىنداشلار،،،،،،بالىلارمۇ بىزدىن ئۈلگە ئالسۇن:ow

توۋەندە مەن كەڭ دوسلارنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇزۇم مۇشۇ 20يىل مابەينىدە ئۇقۇپ چىققان ھەم ساقلاۋاتقان ئەدىبى ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن.
                ئانا يۇرت:زۇردن سابىر
ئىز:ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئويغانغان زىمىن:ئابدىرىھىم ئۆتكۈر
ئىزدىنىش:زۇردن سابىر
مەھمۇد قەشقەرى:پەرھاد جىلان
قانلىق يەر:مەمتىمىن توختى ئايۇپ
سۇتۇق بۇغراخان:سەيپىدىن ئەزىزى
بۆرە ئانا:توختى ئايۇپ
ئۇنتۇلغان كىشىلەر:ئەخەت تۇردى
داغ:ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
مەمتىلى ئەپەندى:يالقۇن روزى
پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر:باتۇر رۇزى
نۇزۇگۇم:مەمتىمىن ھۇشۇر
قۇملۇقنىڭ چۈشى:خالىدە ئىسرائىل
ئوربىتا:خالىدە ئىسرائىل
مەختۇمسۇلا:خالىدە ئىسرائىل
ئاقساق بۇغا:مۇھەممەت باغراش
ئاھ رەھىمسىز دەريا:ئەختەم ئۆمەر
قۇرتلاپ كەتكەن كۆل:ئەختەم ئۆمەر
ئاق رومال:ئەسئەت ئابدۇرشىت
يىرتىلغان نىقاپ:سىن كەيلۇن
قىز قەلبى:سىن كەيلۇن
شوخ پەرىشتە:سىن كەيلۇن
سۆيگۈ ۋە قىساس:ئابدۇلئەھەت ئابدۇرشىد بەرقى
كۆپۈك:ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت
مۇھەببەت ۋە رەزىللىك:نەسىرۇللا ئابلەت
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم:گىئورگى .كىلاسۇن
يۇلتۇزلۇق تۈنلەر:پىرىمقۇل قادىروۋ
رەزىل كىچىلەر:سېندېي شېلدون
لاي سۇ ئىچكەن جانلار:ئەنۋەر مۇھەممەت
كوكۇيۇن:ئې.ل.ۋوينىچ
تامغا:رىشاد نۇرى گونتىېكىن
چالىقۇش:رىشاد نۇرى گونتىېكىن
لەۋدىن قەلىبكە:رىشاد نۇرى گونتىېكىن
سەرۋىخان:رىزۋانگۈل يۈسۈپ
قانلىق ئىز:مۇھەممەتئىلى ھېلىم
كۆز تەگكەن گۈزەل:تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم
ئەنسىز يىللاردىكى ئوغرى:توختى سابىر
ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس:توختى باقى ئارتىشى
ئاۋرال شاماللىرى:زۇردۇن سابىر
تاش شەھەردىكى ئايال:گۈلباھار ناسىر
شەھلا كۆز:نۇرمەھەممەت توختى
مەن 13ياش ،پاھىشە،خىروئىن چەككۈچى:بەك كونا ئىدى ،ئاپتۇرى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
ئۇيغۇر روھى مەھمۇد كاشغەرېي:مەتسەئىدى مەتقاسىم
نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە:لىئوىد سولوۋيوۋ(روسىيە)
يىلانلىق قورۇق:سۇلتان ھاشىم
پەرزەنىت تەربىيلەش دەستۇرى :كارىل ۋىتنىر
مازوننىڭ دىلو قىدىرىشى:ئېرلى سىتانلېي گاردنېر
ئۇيقۇسىز كىچىلەر:كەرىمە نادىر
مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ:ئايشەم ئەخمەت
ئەقىدە:مۇھەممەت ئەھمىدى،ئابدۇللا مۇھەممىدى ئەرتەن
باھاردىنامە:ياسىنجان سادىق چوغلان
جاللات خېنىم:ياسىنجان سادىق چوغلان
نازىنىن قىزلار:ياسىنجان سادىق چوغلان
مىھرىگىياھ:جالادىن بەھرام
لېيىغان بۇلاق:جالادىن بەھرام
كۈمۈرچى بالا:جالادىن بەھرام
تەكلىماكان ئوغلى:جالادىن بەھرام
ناتىۋانلار:جالادىن بەھرام
ئامەت ۋە ئاپەت :جالادىن بەھرام
غېرىپ سەنەم:ئەختەم ئۆمەر
باياۋاننىڭ سىرى:ئەختەم ئۆمەر
چۈمبەللىك ساھىپجامال:ئەختەم ئۆمەر
دىلغۇللۇقتىكى سۆيگۈ:ئەختەم ئۆمەر
ئاھ رەھىمسىز دەريا:ئەختەم ئۆمەر
قۇملۇق تىتىرەۋاتىدۇ:ئەختەم ئۆمەر
يىگانە ئارال:ئەختەم ئۆمەر
ئەلۋىدا كۈلرەڭ بىنا:ئالىمجان ئىسمائىل
يىغلىما قىز:ئالىمجان ئىسمائىل
زامانداشلار:ئالىمجان ئىسمائىل
قىسمەت:ئالىمجان ئىسمائىل
ھايات جىلۋىسى:ئالىمجان ئىسمائىل
قايتا نىكاھ:رەيھانگۈل مىجىت
سەرسان روھ:ئەھەت تۇردى
ئارمان:مۇھەممەتئېلى ھىلىم
قىسمەت ئاچىلدا:ئىلغارجان سادىق
تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى:ئۆمەر ئابدۇللائەرقۇت
ھىجران :تۇرسۇنجا مۇھەممەت
ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەس:مەمتىمىن شىپە
ھاردۇق يەتكەن ئايال:ماھىنۇر ئابدىلىم
كەچمىش:خالىدە ئىسرائىل
قۇملۇقنىڭ چۈشى:خالىدە ئىسرائىل
ئاي يامغۇرى:ئەھەت تۇردى
چىن ئەقىدە:سىن كەيلۇن
شەربەت كوچىسى:نەجىپ مەھفۇز
ھىجران كوچىسى:نەجىپ مەھفۇز
قەسىر كوچىسى:نەجىپ مەھفۇز
قۇم باسقان شەھەر:مەمتىمىن ھۇشۇر
قاباھەت:ئەخەت تۇردى
قىساس:قاھار جېلىل
توغراق قىزنىڭ ئاشىقى:ئابدۇراھمان قاھار
مۇھەببەتتە مىنىڭمۇ ھەققىم بار:ساجىدە سۇلايمان
قايتىش:تۇرسۇنجان مۇھەممەت
ساداقەت:ماھىنۇر ئابدىلىم
تۇنجى مۇھەببەت:مۇستاپا ئەمىن مىسىر
قىزارغان ئۇپۇق:مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم
قۇرۇپ كەتكەن دەريا:ياسىنجان سادىق
ئاخىرقى ئوۋ:ئاباس مونىياز تۈركىيقان
تۇمان تارىغان سەھەر:ماھىنۇر ئابدىلىم
مۇھەببەت كۈمۈلگەن قەبرە:تۇرسۇنگۈل تۇردى
ئاخىرقى مەكتۇپ:ئەركىن سابىر
ھېسام ھەققىدە:ماخمۇت مۇھەممەت
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ماك ساتقۇچى:ئوگ ماندىنو
كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز:چېن كەييۇەن
يىتىم قىز:ئەمەت جاپپار
بۇمۇ ئۆتمۈش:بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
تۈشۇك مۇنچاق:بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
يۇلتۇز ئەپسانىسى:بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
قەرىزدار:زۇردۇن سابىر
ئاتا:زۇردۇن سابىر
يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا:ئېھسان ئابدۇققۇدۇس مىسىر
ھايات شاماللىرى:سەمەت دۇگايلى
تەڭرىنىڭ ھۆكىمى:توختى ئايۇپ
ئىلىچى بۈركۈتلىرى:مەتقاسىم ئابدۇراھمان
بالىلىق دەۋرىم:گوركىي
ئاخىرقى مەكتۇپ:ئەركىن سابىر
گۈلدۇرماما:ياقۇپ ئىسمايىل پەيدا
ياپۇنىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا كۆرگەنلىرىم:سۈي يۇڭيۈن
ئاننىنىڭ كامالىتى-بالىنىڭ ھالاۋىتى:گۈلباھار ناسىر
پەرزەنىت تەربەيلەش دەستۇرى:چەتئەل نادىر ئەسەرلىرى
مەرىپەتپەرۋەر ئانا-ئايىخان:تۇرسۇن ئەرشىدىن
ئۈششۈگەن ياپىراق:ماھىنۇر ئىسماھىل
شىھىتلەر گۈلىستانى-يەتتە قەزلىرىم:باتۇر رۇزى
پىداكار شاھىر-نىمشىھىت:ئابلىز ئوسمان
قەھرىمان قىز-مەختۇمسۇلا:خالىدە ئىسرائىل
مەڭگۈلۈك ئابىدە-كىروران گۈزىلى:ئەسەت سۇلايمان ئۇيغار
لەۋ سۇرۇقنىڭ سىرى:ئابدۇۋەلى ئابدۇقادىر
قىزارغان سەھرا:رىزۋانگۈل يۈسۈپ
يار سوۋغىسى:ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى
ئۇيغۇر مەشرەپ مەدىنىيى:راھىلە داۋۇت ،ياسىن مۇخپۇل
كۈلپەتلىك مۇھەببەت:چەت ئەل ئەسىرى ،بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
مەڭگۈلۈك مۇھەببەت:شىنجاڭ رومان ،بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ

مىنىڭچە ھەر بىر پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەشھۇر شەخىسلىرىنى تۇنۇش مەجبۇريىتى بار دەپ ئويلايمەن،شۇڭاقىزىمنىڭ بىر نەچچە كىتاپلىرىنىمۇ قىستۇرۇپ قويدۇم،ئاتا ئانىلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،،،،،،،يەنە نۇرغۇن كىتاپلىرىم بار ئىدى،ئەمما ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي،ياخشى كىتاپلار بولسا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،،،،،،ھەممىڭلارغا ساقلىق ،خوشاللىق ۋە ئامەتلەر نىسىپ بولسۇن،،،،،،،كىتاپلىرىمنى سىلەرگە تۇنۇشتۇردۇم دەپ ھەممىنى قالايمىقان قىلدىم،،،:o كىم ماڭا رەتلىشىپ بىرىدۇ:( ،،،،،،،،،،،،،،،:ow ;P :loveliness:

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 21:16:29

بىرەر پارچە نەزمىي ئەسەر ئوقۇپ باقمىغىنىڭىز قىززىق.

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 21:35:38

نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2014-11-30 21:16
بىرەر پارچە نەزمىي ئەسەر ئوقۇپ باقمىغىنىڭىز قىززىق.

ئۇقۇيمەن ،تارىمدىكى نەزمى ئەسەرلەرنى ئاساسەن ئۇقۇپ چىققان،ھەم ساقلايمەن،بۇ يوللىغانلىرىم پەقەت رومان تۈردىكى ئەسەرلەر،،،،

mubarakxah يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:30:55

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ تەسىرلەندىم . ئالدى بىلەن سىزگە ئالى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرمەن. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت! بۇ يازمىنى يېزىپ ناھايىتى توغرا قىپسىز. بولۇپمۇ ھازىرقى ئېلىكتىرۇن دەۋرىنىڭ ئۇچقاندەكتەرەققى قىلىشى ۋە ئىقتىساد ئۇقۇمىنىڭ يۇقۇرى كۆتۇرلىشىگە ئەگىشىپ كىتاپ بىلەن ئۇچىرىش پۇرسىتى ئازلاپ قېلىشى ياكى ئوقۇشنى خالىماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۇلۇپ كىشىلەرنىڭ راھەت پەرەسلىكنى قوغلىشىۋاتقان مۇشۇنداق كۈندە بۇ تېمىنى يېزىپ ياخشى قىپسىز. شۇنداقلا سىزدەك بىر ياخشى ئانا، بىلىمخۇمار تەربىيلىگۈچى، ياخشى بىر قىزنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدىم. سىز مىللىتىمىزنىڭ ئىپتىخارى بولۇشقا مۇناسىپ ياخشى قىزكەنسىز...داۋاملىق بۇ ياخشى ئادەتنى ساقلاش بىلەن بىرگە يەنىمۇ تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن....

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:39:29

mubarakxah يوللىغان ۋاقتى2014-11-30 22:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ تەسىرل ...

بەك ئارتۇق ماختىۋېتىپسىز ،،،،شۇنداقتىمۇ يەنىلا سىز گە رەھمەت،،،،:loveliness:

Ayshemgul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 00:55:11

ۋاھ....... مۇشۇلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ بولدىڭىزما؟ مەن پەقەتلا كىتاپ ئوقۇپ باقماپتىمەن سىزگە سېلىشتۇرغاندا. مەن كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق دەپ جۆيلۈپ قويۇشلىرىم بار تېخى يۈزۈمنى قىزارتماي تۇرۇپ. ياخشى بىر تېما يوللاپسىز. ئازراق بولسىمۇ چىمىلدىدى بۇ يۈزلىرىم.قېنى بۇندىن كىيىنكى ئىپادەمگە قاراپ باقاي ھە ھې ھې.... يەنە شۇ بۇندىن كىيىن.....

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 03:19:54

نېمە دېگەن ئەھمىيەتلىك، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ئاجايىپ ئەھمىيەتلىك تېما ھە بۇ! توپتوغرا 131 پارچە كىتابنى بىرمۇ- بىر رەتلەپ چىقىش ئاسان ئەمەس، بۇنچىۋالا كىتابنى ئوقۇپ، ھەزىم قىلىپ، سىزگە ئوخشاش ئەمەلىيەتتە ھەزىم قىلىپ، تۇرمۇشتا قىبلىنامە قىلىش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس. مەن بۇ تېمىنى باياتىن ئىش قىلىۋېتىپ، تولىمۇ كېچىكىپ كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم، كۆرۈپ، شۇ تاپتا 20 سائەتچە توختىماي ئىشلىگەندىن بېرى قاتتىق چارچىغان نېرىۋىلىرىم قايتىدىن سەگەكلەشتى.... سىز ھەقىقەتەنمۇ ھۆرمەتلىك «مۇبارەكشاھ» ئەپەندىم دېگەندەك ماختاشقا، ئېتراپقا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ بىر ئۇيغۇر قىزى، شۇنداقلا ئۇلۇغ بىر ئانا ئىكەنسىز، بارىكاللا «سېھىر» خانىم، ھاياتىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي، ئەشۇ گۈللەر ئارقىلىق پۈتكۈل جاھان گۈل ھېدىغا پۈركەنگەي! ئاپىرىن- ئاپىرىن!
قېنى بىز ھازىرغىچە قانچىلىك كىتاب ئوقۇدۇق، قايسى كىتابلارنى ئوقۇدۇق؟ ئەشۇ ئوقۇغان كىتابلىرىمىزدىن نېمىلەرنى ھاسىللىدۇق؟ مەنمۇ ئۆزۈمچە ئەتراپىمدىكىلەرگە نىسبەتەن ئۆزۈمنى كىتاب ئوقۇغان دەپ بىلجىرلىغان ۋاقىتلىرىمنى ئويلاپ ھازىر بۇ تېمىنى ئوقۇپ نومۇس ھېس قىلىۋاتىمەن، نومۇس- نومۇس- نومۇس! تېخى تۈنۈگۈنلا يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئوغلۇمنىڭ ئىسىمىنى قويۇش جەريانىدا ئۆيدىكىلەر قائىدە بويىچە «مەرتىۋىلىك بولۇڭ»، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭ»، «تەلەيلىك بولۇڭ»... دەپ قولدىن- قولغا ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا مەلۇم بىرۆيلەننىڭ يەھۇدىيلار پەرزەنتى دۇنياغا كەلگەندە ئىسىمىنى قويىدىغان ۋاقىتتا بىزگە ئوخشاش بۇنداق دېمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە «بىلىملىك بولۇڭ» دەيدىغانلىقىنى ھەم بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك دەستۇرى «ئىنجىل» غا ئوخشاش مەشھۇر كىتابلىرىنىڭ ۋارىقىدىن ئازراق پارچىسىنى بوۋاققا يىگۈزۈپ ئېغىزلاندۇرۇدىغانلىقىنى، ئەشۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكىلىرى بىر يىلدا ھىچ بولمىغاندا 100 پارچە كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. بۇ بەلكىم راستتۇر ياكى شۇلارنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپىقىيىتى ھەققىدىكى پەرەز- توقۇلمىسىدۇر. ئەمما بۇ شۇلارنىڭ مەيلى ئەمەلىيىتى ياكى توقۇلما ھېكايىتى بولۇشتىن نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بىزگە ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە بىلىمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى- كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇتماي قالمايدۇ. بىز تارىختا نادانلىقنىڭ، بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغان، ھازىرمۇ يەتكۈچە تارتىۋاتىمىز.
تېمىغا ئانچە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئۆز بېشىمدىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئۆتكەن كىچىككىنە بىر ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ. بىز ئادەتتە مۇقىم ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيالمىساقمۇ ئەمما ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا، باشقىلارنى مەلۇم ئىش بىلەن ساقلاۋاتقاندا يېنىمىزغا ئېلىۋالغان كىتابنى (گېزىت- ماتېرىياللارنى) ئېلىپ كۆرۈدىغان ئادەت بار (بولۇپمۇ مەندە ئىزچىل شۇنداق)، ئەمما، قايسى كۈنى مەلۇم بىر ھاجەتخانىغا كىرسەم قاۋاقخانىلاردا كۆپ سېتىلىدىغان، ھاراقكەشلەر كۆپرەك ئىچىدىغان، ئىچىپ بولۇپ قويۇپ قويۇلغان كىچىك ئىستاكانلىق ھاراق تۇرماسمۇ، بۇنى كۆرۈپ، شۇنچىلىك ئېچىندىمكىن، ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەمدى بۇنچىلىك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ غەش بولدى، ئاجايىپ بىر ئېچىنىشلىق خىيال قەلبىمنى ئىختىيارسىز بىئارام قىلدى، بۇنى باشقىلارغا (ئەلۋەتتە ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا) دېسەم خۇددى نومۇس بولىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ، ھىچكىمگە تىنمىغان ئىدىم، ھالبۇكى بۇ يەردە تىنىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەي ئىنسان، ئەي ئادەم، سەندىكى ساپا، سەندىكى غورۇر، سەندىكى ئىنسانچىلىق قېنى؟! ھاجەتخانىدا تۇرغان ئەشۇ بىرقانچە مىنۇت جەريانىدا مەن ئۆزۈم گېزىت پارچىلىرىغا نەزەر سالغانمەن، باشقىلارنىڭ تاماكا چەككىنىنى كۆرگەنمەن... ئەمما بۇنداق قىلىقنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم.......
ئاقسۇ شەھرىدە 1998- يىلى قۇرۇلغان تۇنجى شەخسىي كىتابخانا «ئۈمىد» كىتابخانىسى ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا زور مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە، شۇ تەسىردە ھازىرغا قەدەر بىرقانچە شەخسىي كىتابخانا قۇرۇلدى. ئەشۇ «ئۈمىد» كىتابخانىسىنىڭ ھازىرقى مەسئۇلى، يېقىن دوستۇم ئايىمنىسا بىلەن كۆپ يىللاردىن بويان ئەتراپلىق ئەھۋاللىشىش ھەمدە باشقا كىتابخانا ئاچقان شەخسلەر بىلەن پىكىرلىشىش جەريانىدا بىر كىتابخانا ئېچىش ھەم ئۇ ئارقىلىق ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىش بەكمۇ تەسكەن، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، كىتابخانا ئاچماقچى بولغان، شۇ ئوي- خىيالدا يۈرگەن يۈرەكلەر ئېنىقكى ئۆزىنى قۇربان قىلىش- ئۆز مەنپەئەتىدىن، زېھنىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە باشقىلارنى مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش روھىدىن باشقا ئۈمىدلەردە بولماسلىقى تولىمۇ ئېنىق. بۇ يەردە ھۆرمەتلىك، پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى، مەرىپەتپەرۋەر ئانا «سېھىر» خانىممۇ ئۆزىنىڭ ئەشۇ كىتابخان ئېچىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇسىنى بۇ يەردە قەيت قىلىپ ئۆتۈپتۇ، بىز مۇمكىن بولسا كۆپچىلىك بۇ خانىمنىڭ ئۇلۇغ ئىشىنى بىرلىكتە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە قوللايلى، مانا مەن ئازراق بولسىمۇ ئىقتىساد ۋە ياكى قولۇمدىن كېلىدىغانلىكى باشقا ئىشلاردا ھەمدە بولۇشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن! بىر كىتابنى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ كۆرۈشىگە سورۇن ھازىرلاش ئارقىلىق ھېلىقىدەك ھاجەتخانىدا ھاراق ئىچكەن، نادانلىقتا، مەھكۇملۇقتا قالغان قېرىندىشىمىزدىن بىرنى ئازايتىشقا، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز مۇمكىن، بۇ ھەممىمىزگە ياخشى.

ئەركيۇرت يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 05:49:44

مەن كىتاب ئوقۇشقا شۇنداق بەك قىزىقىمەن.لېكىنئۆيدىكى كىتابلار تۈگەپ قېلىپ ئوقۇيدىغان نەرسە تاپالماي ئولتۇرىمەن.:lol   شۇڭا توردىن كىتاب ئىزدەپ ئولتۇردىغان ئىش.

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 13:36:11

ئەركيۇرت يوللىغان ۋاقتى2014-12-1 05:49
مەن كىتاب ئوقۇشقا شۇنداق بەك قىزىقىمەن.لېكىنئۆيدىكى ...

سىز نىمانداق ئەقىللىق دەيمەن ،،،،;Pيىشىيۇ ،،،،،:Pھەر ئايدا بىر كىتاپ سېتىۋالسىڭىزمۇ بىر يىلدا 12 پرچە كىتاب يىغىسىز ،،،،،:victory:

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 13:44:55

جام يوللىغان ۋاقتى2014-12-1 03:19
نېمە دېگەن ئەھمىيەتلىك، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ئاجايى ...

كۆپ رەھمەت جام ئەپەندىم ،،،،،ئېيتقىنىڭىز ھەھىقەتەن توغرا،،،،مىنىڭ بۇ خىيالنى قىلغىنىمغا ىېلى ئۇزۇن بولدى،ئىنسان بۇ دۇنيادا نەچچە ئون يىل ياشاپ ئۆزى قىزىققان ،ياخشى كۆرگەن بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماي ئۈتۈپ كەتسە بەكمۇ ئىچىنارلىق ئىش بولمامدۇ،،،،،مىنىڭ مەقسىدىم ھەرگىزمۇ كىتاپ سېتىپ پۇل تېپىش ئەمەس،،ئەلۋەتتە ئىقتىساتتىن زىيان تارتساممۇ بولمايدۇ،،،ئۈزۈمنىڭ نورمال تۇرمۇش ئېھتىياجىمنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە كۈندە كىتاپلار ئارىسىدا ياشىسام بانكىنىڭ پۇل ساقلاش ئۈيىدە تۇرغاندىنمۇ بەك خوشال بۇلىمەن ،،،،:ow    ھە راسىت نەچچە پۇل ياردەم قىلسىز(چاقچاق):P
بەت: [1] 2 3 4 5
: سىزمۇ ئۇقۇپ بېقىڭ- مەن ئۇقۇغان رومانلار