ئائىلەڭ
(مۇخەممەس )مۇھەممەدجان راشىدىن
ماتىرياللارنى رەتلەۋېتىپئۇستاز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بۇ شېئىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم،بۇ شېئىر ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى . ئائىلە ھەقىقەتەن ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇنى مۇنبەر ئەھلى بىلەن تەڭ بەھىرلىنەيدەپ يوللاپ قويدۇم .
ھىدلىماقتا گۈلۈڭ بار ،گۈلزارىڭدۇر ئائىلەڭ،
شاھ تاجىغا زوقلانما، گۈلتاجىڭدۇر ئائىلەڭ،
كۈندە سۆيسەڭ ئەرزىيدۇ، دىلدارىڭدۇر ئائىلەڭ،
كۈندە كۆيسەڭ ئەرزىيدۇ، گۈلخانىڭدۇر ئائىلەڭ،
ھۆسۈن قوشقان ھۆسنۈڭگە، بىر خالىڭدۇر ئائىلەڭ.
قەدرىن بىلسەڭ ، مەھبۇبەڭ بىللە چۈشكەن مەپە ئۇ،
بىلگەنلەرگە ئۆمۈرلۈك بىر مېھنەتتىن شەپە ئۇ،
جاھان شۇندا: گاھ ساراي، گاھ خارابە كەپە ئۇ،
سېنى قىلار نەۋرىلىك شۇ كەچمىشتە ئەتە ئۇ،
تەزكىرەڭدىن تەلتۆكۈس ئىزھارىڭدۇر ،ئائىلەڭ.
كەتتى دىمە ياشلىقنى، ۋىسال دىگەن شۇنىڭدا،
نەدە ھوزۇر ئۇنىڭسىز يالغۇز كىيگەن تونۇڭدا؟
ياخشى كۆرگەن يارىڭ بار ،دىمەك، قۇرغۇي قولۇڭدا،
سېنىڭ ئۈچۈن پىدائى، ئۇچۇپ يۈرەر يولۇڭدا،
قاناتلىقسەن ئۇ بىلەن شۇڭقارىڭدۇر ئائىلەڭ.
ھىكمەتلىرى كۆپ ئۇنىڭ، غەمدىن تولا شاتلىقى،
تاڭلىيىڭدىن كەتمەيدۇ تائامىنىڭ تاتلىقى،
مېھمان كەلسە خىزمەتتە چويلا بىلەن ساپلىقى،
شادلىقىغا بىللىدۇر سېخىلىقى، پاكلىقى،
دوستلار بىلەن چالارغا دۇتارىڭدۇر ئائىلەڭ .
يارىڭ يۆلەك بارچىدا ، تەڭ تارتىدۇ جاپانى،
ئادەت قىلغان بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئۈچۈن ۋاپانى،
كەچۈرىدۇ،ئۇرساڭمۇ سەندىن ئۆتكەن خاتانى،
دېۋەيلىسەڭ،دوستۇڭدەك كۆرسىتىدۇ ساپانى،
ئاۋۋال يارىڭ سۇغارغان بوستانىڭدۇر ، ئائىلەڭ .
تۆكەلەيسەن تالادا تۆكەلمىگەەن سىرىڭنى،
يۇيالايسەن ، يالغۇز باش يۇيالمىغان كىرىڭنى،
تاپار كۆڭلۈڭ تەسەللى بىرىڭ سىلاپ بىرىڭنى،
كۆرسىتىسەن يىرتىلغان، تىكەن كىرگەن يېرىڭنى،
ئۆزگىلەرگە ئوخشىماس ئۆز يارىڭدۇر،ئائىلەڭ،
ئائىلەڭدەك نەدە بار ئىسسىق ماكان، ئىسسىق جاي،
مۇزلاپ كەلسەڭ، ئالدىڭغا قويۇلىدۇئىسسىق چاي ،
دېرىزەڭدىن زوقلىنىپ قارىشىدۇ تۈندە ئاي،
ئىناق جۈپلەر بەختىيار، ئىناق جۈپلەر بولۇر باي،
شۇڭا ئېيتقان دەردىڭگە دەرمانىڭدۇر ئائىلەڭ.
ئۇ بولمىسا، باغرىڭنىڭ پاراغىتى- بالاڭ يوق،
ئۇ بولمىسا،قوي-قوزا،مۆرەپ تۇرغان كالاڭ يوق،
ئۇ بولمىسا ھويلاڭ يوق، ئالما، ئۈرۈك، باراڭ يوق،
ئۇ بولمىسا ، سېنىڭدە كەلگۈسىدىن پاراڭ يوق،
شۇلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئىمكانىڭدۇر ئائىلەڭ.
سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئائىلىنى سۆيمىگەن،
سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن،
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشناپ گۈللىگەن؟
گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن؟
مەيلى سولسۇن ،كۆكلىسۇن، ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ.
2104-11-29-كۈنى يوللاندى . مەنبە: مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ :[ ياخشىلارغا خۇشتار بۇ ئالەم ] دىگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
مەنمۇ تونۇلغان يىتۈك شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن. شائىرنىڭ شېئىر يېزىش ئۇسۇلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، مەن ھازىرغىچە بىلگەن بارلىق ئىجادلىرىدە تىل ئىشلىتىش ماھارىتى پىشقان، ئەمەلىيەتچىللىكنى ئاساس قىلغان، تۇرمۇشقا يېقىن، ھەق- ناھەق كۆز قارشى ئېنىق ۋە يارقىن، ئىشلەتكەن سۆز- ئىبارىلىرى دەبدەبىسىز، بىر ئاڭلاپلا ئەستە قالغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ، تالانتلىق سەنئەتكار ئۆمەرجان ئالىم قاتارلىق ناخشىچىلىرىمىز مۇشۇ ئۇلۇغ شائىرىمىزنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ناخشا ئېيتىپ، خەلقىمىزگە زور مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ كەلمەكتە.
مەن بۇ يەردە بۇ پىشقان يىتۈك شائىر، پىشقەدەم مائارىپچى مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ھاياتىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى تىلەش بىلەن بىرگە بىزگە مانا مۇشۇنداق ياخشى ئەسەردىن زوق ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ قەلەم تەۋرەتكەن ھۆرمەتلىك «خىرىستال» خانىمغىمۇ ئۆز تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. مەھەممەتجان راشىدىننىڭ ھەر بىر شېئىرى بىزدەك ھەۋەسكارلارنىڭشېئىردىكى تىل ماھارىتىمىزنى پىششىقلىشىمىزغا ئۆرنەك بولالايدۇ.
خىرىستالنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. ئىككى ئۇستازىمىز ناھايتى ئەتراپلىق،ئورۇنلۇق ئىنكاسنى قالدۇرۇپتۇ، مەنمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنى ئويلىيالمىدىم. ئەجرىڭىزگە رەھمەت. ھارمىغايسىز.
بەت:
[1]