ئوغرىلاپ كېلىنگەن مۇھەببەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-29 18:24ئوغرىلاپ كېلىنگەن مۇھەببەت
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/ef217c79/
ئۇمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئاپىسىدىن بەك قورقاتتى. مەيلى ئۇنىڭ ئىپادىسى قانچە ياخشى ياكى نەتىجىسى قانچە ئەلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئاپىسى چىش يېرىپ بىرەر ئېغىز ماختاپ قويمايتتى. نەچچە قېتىم ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ بالىلىرىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا ، ئۇ تولىمۇ ھەۋەسلىنىپ كەتكەندى.
لېكىن ئاپىسى ئاغزى ئېچىلماس قۇتىدەك ، بىرەر ئېغىز سۆزنىمۇ ئارتۇق قىلىشنى خالىمايتتى ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ‹‹ ھە››، ‹‹ھىم›› دېگەندەك سۆزلەرنىلا قىلاتتى.
بەزى ۋاقىتلاردا ئاپىسىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاقبولۇپ سانجىلاتتى.
-ئىككىنچى بولغاننىڭ نىمىسى قالتىس ؟ سەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بىرىنچىلىكنى تالاشساڭ بولمامدۇ؟
ئۇ ئاپىسىنىڭ ئاغزىدىن مېھىر- مۇھەببەتكە تەۋە ھېچقانداق سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغاندى. شۇڭا ئۇ ئاپىسىنىڭ بۇ تەرپىنى زادىلا كەچۈرەلمەيتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىنىڭ نەتىجىسى تۆۋەنلەپ ، ئۆزىمۇ كەم سۆز، مىسكىن بولۇپ قالدى.
بىر كۈنى ئاپىسى ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىغا خەت يېزىپ، بالىنى پوچتىخانىغا بېرىپ خەتنى سېلىۋېتىشكە ئەۋەتتى. يولدا كېتىۋېتىپ، بالا بىر خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە خەتنى ئېچىپ ئوغۇرلۇقچە كۆردى. كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالدى. توپتوغرا ئۈچ بەت كېلىدىغان خەتنىڭ ھەممىسى ئۇنى ماختايدىغان سۆزلەر بىلەن تولغان ، ئاپىسى تىلغا ئېلىپ باقمىغان مېھىر- مۇھەببەتكە تەۋە سۆزلەر خەتتە ئون نەچچە يەردە تىلغا ئېلىنغاندى.
بالىنىڭ ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ، خەتنى ھۆلدىۋەتتى، ئۇ خەتنى بىر نۇسخا كۆچۈرۋېلىپ ، ئارقىدىن ئەسلى پېتى كونۋېرتقا سېلىپ پوچتا ساندۇقىغا سېلىۋەتتى.
ئۇ كۆچۈرۋالغان خەت ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى، ئۇ خەتنى ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئوقۇيتتى. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ، ھېلىقى خەت ئۇنىڭغا كۈچ ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ مىجەزى بارغانسېرى ئوچۇق- يورۇق، جانلىق بولۇپ، نەتىجىسىمۇ تىكسىزىق بۇيىچە ئۆرلەشكە باشلىدى. كىشىلەر ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ قاتتىق قاتتىق ھەيران قالدى.
ئۇ ئىلگىرى ئاپىسىنى كۆرسە ، يات ئادەمنى كۆرگەندەك ئۆزىنى قاچۇراتتى. لېكىن ھازىر ئاپىسى بىلەن بىرگە بولۇشقا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ كەتتى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ، بۇ بالا داڭلىق ئالىمغا ئايلاندى. ھېلىقى خەتنى ئۇ ھېلىمۇ يېنىدا ئېلىپ يۈرۈيدۇ، چەتئەللەرگە بېرىپ يىغىنغا قاتناشقاندىمۇ شۇنداق.
ئانىلارغا سۆز: ئادەتتە: ‹‹ مۇھەببەتنى داۋراڭ قىلىش ھاجەت ئەمەس، ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىساقلا بولدى ›› دەپ قارايمىز. لېكىن ئوتلۇق مېھىر- مۇھەببىتىڭىزنى سۆزلەپ، خەت قىلىپ يېزىپ ياكى ھەرىكىتىڭىزدە ئىپادە قىلىپ كۆرسىتىپ، بالىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دېققەت قىلىپ بېقىڭ . ئۇنىڭ قەلبى ئەڭ سەزگۈر راداردەك ، مۇھەببەتنىڭ سىگنالىنى دەرھال قۇبۇل قىلالايدۇ.
ھېلىقى بالا ناھايىتى بەختلىك ئىكەن، ھېلىمۇ ئۇنىڭ كەپسىز بولۇپ قالغىنى. ئۇ ئاپىسىنىڭ تاپىلاشلىرىغا قۇلاق سالماي، خەتنى ئېچىپ ئوغرىلىقچە كۆرۈپ، ئاپىسىنىڭ ماختىشى ۋە مۇھەببىتىنى ئوغرىلىۋالدى. بولمىسا ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭغا قانچىلىك زور ئۈمىد باغلىغانلىقىنىمەڭگۈ بىلەلمىگەن بولاتتى. بالىنى شەرتسىز ھالدا سۆيۈش ، ماختاش، ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
مەنبە: ‹‹ ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك 101 ھېكايەت›› نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/70940c66/
قىسقا، ئەمما تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇشۇنداق يازمىلارنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. مەرىپەتنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. ھۆرمەتلىك «مەرىپەت» خانىمنىڭ بۇ تېمىسى ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىكەن.
ئىنسان بالىسىنىڭ باشقا جانلىقلار، جۈملىدىن باشقا جان- جانىۋار، ھايۋانلاردىن بىردىنبىر پەرقى شۇكى- ئېنىق بولغان تەپەككۈر ۋە ئاڭغا ئىگە بولغانلىقىدا. دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىرق- مىللەت، قەۋمدىن ئاپىرىدە بولغان، ئادەم بولۇپ تۆرەلگەنلىكى ئادەم، ئۇ مەيلى قانداق ئادەم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ساق بولامدۇ، مېيىپ بولامدۇ، جەمئىيەتتە ياخشى ياكى يامان (بەلكى «ئەڭ ئۇچىغا چىققان رەزىل، قەبىھ ئادەم») بولۇشتىن قەتئىينەزەر باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا- ئىلھاملاندۇرۇشىغا مۇھتاج، بۇ مۇتلەق ھەقىقەت. مەنمۇ، سىزمۇ، ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئادەم ئەلۋەتتە شۇنىڭ ئىچىدە. شۇڭا بىز باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا، رىغبەتلەندۈرۈشكە، ماختاشقا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. بۇنداق ئادەملەرنى بىز بەزىدە «ئېغىزى تاتلىق» (تىلى تاتلىق) دەپ تەرپلەيمىز.
ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىر پارچە تەخمىنەن 3- 4 دىيوم چوڭلىقىدىكى بىر پارچە رەڭسىز سۈرەت بولىدىغان، دادام- ئاپاملارنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا دەپ بېرىشىچە ئۇ سۈرەتتىكى ئايال بىزگە تۇغقان كېلەتتىكەن. ئۇ ئايال بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، قاپقارا دوسكىدىن باشقا، دوسكىدىكى «ئىلھاملاندۇرۇش» دېگەن خەتمۇ ئاق، دوسكا جايلاشقان تاملارمۇ ئاق، ئۇچىسىغا كېيىۋالغان كۆينىكىمۇ ئاپئاق ئىدى، ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان تەرەپكە يۈزلەنگەن چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان، مېھرىبانلىق تەپچىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزلىرى، ئەپچىلگىنە ياغلىق ئارتىۋالغان بېشىدىن سىرغىپ چۈشۈپ تاكى بېلىگىچە سوزۇلغان قۇندۇزدەك قاپقارا ئۆرۈمە چاچلىرى بالىلىق قەلبىمدە نېمىشقىكىن ئاجايىپ بىر تۇيغۇلارنى ئويغاتقان ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئويلاپ باقسام ئۇ بىرخىل مېھرىبانلىقنىڭ يارقىن شەجەرىسى ئىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئايال شۇ زامانلاردا (ئېھتىمال ھازىرقى ۋاقىتتىن كەم دېگەندە 30 يىل بۇرۇنقى رەسىم بولۇپ) نامەلۇم سەۋەبلەردىن قازا قىلىپ كەتكەن ئىكەن بولغاچقا ئائىلىمىزدە تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلنىۋاتقان ئىكەن.
يوقۇرقى ئىنكاس سۈپىتىدە يازغان كىچىككىنە يازمامنى كۆپچىلىك بەلكىم، نېمىشقا بۇ يەردە بۇنى ئەسكە ئالىدىغاندۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن. سەۋەب شۇكى، ئۇ دەل ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى «مەرىپەت» خانىم ئوتتۇرغا قويغان ئىلھاملاندۇرۇش دېگەن سۆز ھەم شۇ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەھلىللەر سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتۈم. بىر پەرزەنتكە ئائىلىدە، مەكتەپتە ئوخشاشلا ئىلھاملاندۇرۇش ئەلۋەتتە زۆرۈر. ھازىر خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش- ئەتراپلىق تەربىيەگە ئىگە قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋېلىش، ئاخىرىقى ھېسابتا بەلىم بالىنىڭ تەقدىرىگە بېرىپ چېتىلىشى مۇمكىن. بىز ھەممىمىز بالىلىق دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلەرمىز، ھىشقايسىمىز بۇنداقلا چوڭ بولۇپ قالغان ئەمەس، شۇڭا بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈندىلىك ئىشلىرىمىزنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا مەدەت- ئىلھام، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. ماددىي ۋە باشقا مەنىۋى شەرت- شارائىتلارنى تەق قىلىپ بەرگەندىلا ھەممىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ- ئەلۋەتتە. شۇنداق ياخشى بىر ئەسەرنى يوللاپسىز ،،،،رەھمەت جېنىم،،،،دۇنيا ئەسلىدىمۇ مىھىر مۇھەببەتكە تولغان:loveliness: سىھىر يوللىغان ۋاقتى2014-11-29 22:33
شۇنداق ياخشى بىر ئەسەرنى يوللاپسىز ،،،،رەھمەت جېنىم،، ...
شۇنداق، سىزگىمۇ رەھمەت. جام يوللىغان ۋاقتى2014-11-29 20:00
ھۆرمەتلىك «مەرىپەت» خانىمنىڭ بۇ تېمىسى ھەقىقەتەنمۇ ئو ...
سىزنىڭ ھەر بىر يازغان پىكرىڭىز شۇنداق ئورۇنلۇق جۇمۇ، دىگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن توغرا. رەھمەت سىزگە. مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى2014-11-30 11:53
سىزنىڭ ھەر بىر يازغان پىكرىڭىز شۇنداق ئورۇنلۇق جۇمۇ،...
رەھمەت سىزگە«مەرىپەت» خانىم، بەك خۇش بولىۋاتىمەن. مەن ئويلايمەنكى، ئۆز نىشانلىرىم ئۈچۈن پىكىر قىلىشتا ھىچبىر ۋاسىتە تاللىمايمەن، شۇ سەۋەبلىك سىزدەك مۇنبەرداشلىرىمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلىسەم ئىدى، بۇ ماڭا زورئىلھام بولاتتى.
بەت:
[1]