دوپپا بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيتى بار……؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركيۇرت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-28 08:33دوپپا بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيتى بار……؟
ئىنسانىيەت تەرەققىياتى بۈگۈنگە قەدەم قۇيۇپ
تىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچىدەمەدەنيەت يۇقۇلۇشمۇ تىز بولماقتا، جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ تىپك ئالاھدىلىككە ئىگە بولغان كىيم - كىچەك مەدەنىيتى ئىچىدىكى 《دوپپا》 بۇ خىرسنى كۇتۋالغىلى خىلى يىللار بۇلۇپ قالىدى، خىرسقا ئۇچراش دائىرسىدىن كۈزەتسەكيىزلارغا قارغاندا
شەھەرلەردە تىز بۇلۋاتىدۇ ، ئەمدىكى بىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسلە تەۋەرۇك مىسراس دوپپىنى قوغداپ قىلش مەسلىسى بولغاچقا ، نۇرغۇن مەدەنىيىتىمزنى قۇغداپ قىلشقا تەشنا قىرنداشلىرمىزنىڭ ئارزۇسى بۇيچەبىرقىسم 《داڭلىق ئەربابلىرمىز بىزگە ياردەم قىلىپ》بىر كۈنلۈك دوپپا بايرىمىنى ھۇجۇتقا چىقىرىپ بەردى ،ھەم بىزمۇبۇ ئاۋازغا 《كۈچ》 قۇشۇپ بىر كۇنلۇك
بايىرمىزنى ئۆتكۈزگىلى بىر نەچچە كۈنمۇ بۇلۇپ قالدى، لىكىن ئۇ 《دوپپا بايرىمى》 كۈنى مەندوپپا كەيمىدىم ، دوپپام يوق ئەمەس بار تۇرۇپ كەيمىدىم ، چۇنكى مەن كىيىپ كىلۋاتقان بۇ دوپپامنى بىر كۈنلۈك دوپپا قىلىپ قۇيۇشنى خالىمىدىم ، ئەسلى بۇرۇندىن كىيىپ كىلۋاتقان بۇ دوپپامنى بۇنداق بايرامدا كەيسەم تۇلىمۇ ياخشى بۇلاتتى ، لىكىن بۇ بايرام بۇ دوپپامنىڭبۇندىدىن كىيىنلىك تەقدىرگە خەۋىپ ئىلىپ كىلىشى بەك ئىغىر دەپ ئويلاپ ئۇ 《دوپپا بايرىمى》 دوپپىسىز ئۆتۇپ كەتتى ،مىنڭمۇ دوپپا بىلەن ئۆتكەن ھاياتىمۇ ئاز ئەمەس ، ئەسلەپ ئۆتسەم ، ئەقلىمنى تىپىپتىلىم چىققىلى تۇرغان ۋاقىتلار ئىدى، ئانام ھەركۈنى ئەتتىگەندە كىيىملىرىمنى كەيدۇرۇپ قۇيغانداچىمەن دوپپامنىبىشمغا كەيدۈرۈپ قۇيغاندىن كىيىن پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ 《بالام - دوپپاڭنى ھەرىگىز بىشىڭىدىن ئەۋەتمە 》دەپ تەربىيە قىلاتتى ، شۇنداق دەپ تۇرسىمۇ شۇ چاغلاردا كىچىك بولسام كىرەك ، دوپپامنى باللار بىلەن ئوينىغان يەردە چۇشۇرۇپ قۇيۇپ كىرەتتىم ،ئاناميەنىلا ئاچچىقلىماستىنئاكاملارنىڭ بۇرۇن كەيگەن دوپپسنى تىپپ بولسمۇ كەيدۇرۇپ قۇياتتى ،ھەم 《 بازاركۈنى يىڭى دوپپا ئەكىلىپ بىرمەن ، بۇ دوپپىمنى بازار كۈنگەىچە كىيىپ تۇرغىن دەپ》 ئەركىلتىپ كەيدۇرۇپ قۇياتتى ،
ئەنەشۇ چاغدىكى ئانامنىڭ دوپپا كەيدۇرۇپ ئۈگىتىشى تەسىردە مەن دوپپا كيشكە شۇنداق ئامراق ئىدىم ، ھەش - پەش دىگۈچەباشلانغۇچ مەكتەپكىمۇ كىرىم ،مەكتىپىم يىزدا بولغاچقىمىكى ھەممە باللارمەكتەپكە دوپپا كىيىپ كىلەتتى ، بۇ باشلانغۇچتىكى ساۋاقداشلىرقمنىڭبىشىدىكى دوپپا 4- يىللىققا چىققاندىن كىىيىن يىرىمنىڭ شەپكىگە ئالماشتى ،
سىنىپتىكى يىرىمدەك ئۇغۇللاردوپپا كەيسە قالغىنى شەپكە كىيەتتى ، مۇشۇنداق ھالەتتەباشلانغۇچمۇ تۇگىدى ، تۇلۇقسىزغا قەدەم قۇيۇپ
باشلانغۇچتىكىدەك ئۇنچە كۆپ دۇپپا كىيدىغان باللارنى كۆرەلمىدىم ، سىنىپلارغا بۆلۇنۇپسىنىپقا كىرسەم بىزنىڭ سىنىپتا مەن بىلەن قۇشۇلۇپ بەشچە بالا دوپپا كىيىپتۇ ،قالغىنىشەپكە ياكى يالاڭباش يۇرەتتى ، شۇ چاغدا ئويلاپ قالاتتىم شەپكە ئالدىغان پۇلغا دوپپا كىلدىغان تۇرسا دوپپائىلىپ كەيمەيدىغاندۇ دەپ ،، ،
لىكىن مەن ئۇنداق ئويلىغان بىلەن ھەركىمنىڭ ئۆزى خالىغان باش كىيىمنى كىيىش ئەركىنلىكى بار - دە،
تۇلۇقسىزمۇ سىنپىمىزدىكى ئۈچ - تۆت دوپپىلىق بالا بىلەن ئۆتۇپ كەتتى ، ئۇقۇش ئىستىكىدە تۇلۇقئوتتۇرغائۇقۇشقا كىردىم ، تۇلۇق ئوتتۇرىغا تىزىملاتقان كۈنىدوپپىلىق باللارنى خىلى كۆپ كۆرگەندىم ،لىكىن ھەپتە ئىچىدە بۇ 500 گە يىقىن يىڭى ئۇقۇغۇچى ئىچىدەدوپپا كىيىپ يۇرگەن بىرنى ئۇچۇرتالىغان بىلەن ئىككىنچىسنى ئۇچۇرتالمىدىم ، سىنپىمىىزدا مەندىن باشقا دوپپا كەيگەن بالا يوق ، شەپكە كىيۋالغانلىمۇ يوق دىيەللىك ئىدى ،سىنىپمىزدا مەن باشقا دوپپا كىگەن ساۋاقداشلىرىم بولمىغاچقا دەرس ئۇقۇتقۇچىمىز دەرس باشلاشتىن بۇرۇن سىناق ئالغان ۋاقىتلاردا باشقا باللارنى ئىسمنى بىلەن چاقىرىپ سىنىاق ئالسا ،مىنىڭ ئىسمىنى چاقىرماستىن 《دوپپا》 دەپ چاقىرىپ سىناق ئالاتتى ،ساۋاقداشلىرىممۇ مۇئەللىمدىن ئۈگىنىپ
ئىسمنى چاقىرماستىندوپپا دەپ چاقىرشنى ئۈگەندى،شۇنىڭ بىلەن تۇلۇق بىرىنچى يىلقتىكى ئىسم دوپپا بىلەن ئۆتۇپ كەتتى ،
تۇلۇق ئىككىگە چىققاندا مەكتەپنىڭ باش كىيمگە بولغان باشقۇرشى كۈچىيىپ كەتتى ، سىنىپ مەسئولىم قايتاـ قايتا مەكتەپتە دوپپا كەيمەسلىكىمنى ئيىتىپ تۇرۋالغاچقائامالسىز دوپپامنى مەكتەپتە كەيمەي ئۆيدە كىيىپ ئۆتتۈم ،شۇنداققىلىپ تۇلۇق ئوتتۇردىكى ئىككى يىللىق ھاياتدوپسىز ئۆتۈپ تولۇقمۇ ئاخىرلاشتى ، مەكتەپ پۇتۇپبىر ئايدا ساقداشلار يىغىلىشى بولغاندا دائىملىق ئادىتىم بويچە دوپپا كىيىپ بارغانتىم ، ساۋاقداشلار بىلەن كۆرشىۋاتسام ھەمىمىسى:《 ئۆيىڭىدە بىر ئىش بولدىمۇ ؟》دەيدۇ ، 《ھىچ ئىش بولمىدىغو ،،،!؟》 دىسەم ، دوپپا كىيۋاپسەن بىرە ئىش بولدىمىكىن دەپتىمىز دىدى، شۇ چاغدىلابۇ دوپپامنىڭ مۇسبەتنىڭ بەلگسى بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىغان ئىدىم، ئەمدى گەپنى بۇ تىمىغا ياندۇرۇپ كەلسەكدوپپا بايرىمى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش لىكىنبۇ بايرامنىڭ دوپپىمىزنى قوغداپ قىلىشتا قانچىلىك ئەھمىيتى بار ؟ دىگەن سۇئالغا ئەتراپلىق ئويلىنىپ جاۋاپ بىرىپ باقساق بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيتىدىنسەلبى تەسىرنىڭچوڭ ئىكەنلىكنى ھىس قىلمىىز ،مىسالەن بۇ بايرام چوڭلارغاسەلبى تەسىر ئىلىپ كەلمىسىمۇ ئەۋلادلار بولغان ياش - ئۆسمۇرلەرگە ئىلىپكىلدىغان تەسىرى مىنىڭچە خىلى چوڭ، ئۆسمۇرلەر باللار بايرىمى بىركۈن دەپ شۇ كۇنىلا بايرام دەپ بىلىدۇ ،شۇكۈنى بايرامىلىقيىڭى كىيملىرنى كىيىپخۇشال خۇرامئوينايدۇ،ئۇلارچە بۇ كۇن ئالاھىدە خۇشال بۇلدىغان كۈن، ئاشۇ باللار بايرىمىغا ئوخشاش دوپپا بايرىمى بىر يىلدا بىر كۈن بولساباللارنىڭ ئىڭىدا دوپپا ئاشۇ بىركۇنلۈك كىيش ئۇچۇنلا تىككەن نەرسە دىگەن ئۇقۇم شەككلىنىپ قالىدۇـ دە، بۇ دوپپاپەقەت ۋە پەقەت 5-ئاينىڭ 5-كۈننىڭ دوپسى بۇلۇپ قالماسمۇ ،،، !؟ ئەجدادلىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان كىيىپ كىلۋاتقان بۇ دوپپايىلدا بىر كىيىپ قۇيغان بايرام بۇيۇمى بۇلۇپ قالماسمۇ ،،،؟!مەن ئەمدىبۇ بايرامنى 《تەسس》 قىلىپ بەرگەنلەردىن بۇ دوپپىمىزنىڭ 365كۈنلۈك كىيش ھۇقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ بىرشنى چىن دىلمىدىن ئۆتىمەن ، 2014-5-9 ئۈرۈمچى مەنبە :ئۆز قەلمىم، دوپپا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيمىمىز، ھەر بىرىمىزگە يارشىدۇ ماھىيەتتىن ئىيتقاندا دوپپا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ، دوپپا بايرىمى بىكىتلگەنلىك باشقا مىللەت ۋە رايۇنلارنىڭ ئىتىراپ قىلغانلىقى ، نېمە ئۈچۈن بەزى ئورۇنلاردا چەكلىنىدۇ ؟ بىز ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى كىيىشنى چىڭ تۇتىدۇ ، باش كىيىمى ( ئىنىقكى دوپپا كىيىمىز )چەكلىنىدۇ ؟ بۇ قانداق گەپ ؟ يا دوپپا كىيىپ دەرس ئۆتسەك ئۈچكە ئۈچنى قوشساق سەككىز دەپ ئۆتەمدىغاندىمىز ؟؟؟ بىز مەكتەپتىكى ۋاقىتتابېشىڭلار سېسىپ قالىدۇ دەپدوپپىنى ئالدۇرۋېتەتتى. شۇڭادوپپا كىيىشنى چەكلەمدىكىن... :lol …… دۇپپا بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن تەۋەرۈك تاجىمىزيەنە كىلىپ بىزنىڭ دوپپىمىز ياراشمايدىغان ھېچقانداق بىر ئادەم يوق ھەي بولدىلاھەسرەت
بەت:
[1]