ئىنتىل تورى قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تەرجىمىھالى
بۈگۈن تور بەتلەردىن ئىنتىل تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەتكامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. كەمتەر، كىچىك پېئىل ئادەم ئىدى.باشقا گەپلەرنى قىلىشنى خالىمىدىم.
تەرجىمىھالىنى بىلىۋېلىڭلار
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي
ئابلەتجان ئىبراھىم، 1969-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىقەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.
1- باشلانغۇچ، 1- ئوتتۇرا، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا ( 6- ئوتتۇرا ) مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.
1987- يىل 9-ئايدا شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستېتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1992- يىلىئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
2005- يىلى ئۆزىنىڭ OFFICE ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە 《بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار》 دېگەننى ئۆزىگە مىزان قىلغان ئابلەتجان ئىبراھىم،ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تورى ، بىلىك كۇلۇبى ۋە بىلگە تورىدىن باشقا كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت ئۇيغۇرچە توربەتنىڭ 4- سىيۇلغۇنجان مۇنبىرى www.yulghunjan.com نى 《 بىلگەننى يوللاڭ بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، بىلمىگەننى يوللاڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن》 دېگەن مەنىلىك شۇئارى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان.
شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مول بىلىملىرى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئاجايىپ پەزىلىتى ئارقىلىق ئىنتايىن كۆپ كومپيۇتېر، تور ھەۋەسكارلىرى، Office ھەۋەسكارلىرىنى يۇلغۇنجان مۇنبىرىگە جەلىپ قىلغان ۋە ئاجايىپ قىزغىنلىققا چۆمگەن كومپيۇتېر، Office بىلىملىرى مۇنبىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
2007-يىلى ئەسلىدىكى يۇلغۇنجان مۇنبىرىنىڭ نامىنى ئىنتىل سەيناسىغا ئۆزگەرتىپ www.intil.cnنامى بىلەن 2009-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان.
2008-يىلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئېگە يوليار ئۇلىنىش تورى http://www.yolyar.com نى قۇرغان،www.yolyar.com/rawaئادرىسىدا ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇنجى ئۇچۇر تورىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە 2009-يىلى مۇھتاج نامىدا ئايرىم http://muhtaj.com ئۇچۇر تورىنى قۇرغان.
2010- يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق تور نامىwww.intil.biz نامىدا كومپيۇتېر،تور ۋە Office بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئىنتىل سەيناسى تور بېكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
بىز بۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش روھىغا ئېگە، باشقىلارغا ياردەم بەرسە كۆڭلى ئېچىلپ قالىدىغان، مېھنەتكەش ئۇستاز ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ ئاخىرەتلىك ئورنىنىڭ يۇقىرى بولىشىنى، ئاللاھنىڭ مەغفىرەت ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قېرىنداشلار دۇئالىرىڭلاردا دائىم ئەسلەپ تۇرغايسىلەر.
ئىنتىل تورىدىن كېيىن قۇرۇلغان روھلان تور بېكىتى، قىياس تورى، ئادۇۋكات تورى،شەربەت تورى، بۇلاقجان تورى، ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى، بىلىملەر تورى، توقسۇ تورى، بىجىرىم تورى، قاراسۇ تورى، قۇتيار تورى، تور كاتىپ، بەشتاش تورى، ئەتىرگۈل تورى، يۈكسىلىش تورى، ئۇچقۇن تورى، كوئىنلۇن تورى (ھازىر ئىنتىل سەيناسى بىلەن بىرلەشكەن) .... قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى مانا مۇشۇ ئىنتىل سەيناسىدا تۈرلۈك كومپيۇتېر ۋە تور بىلىملىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىدە يىتىشىپ چىققانلاردۇر.
ئابلەتكامغا ئائىت ئۇچۇرلار روھلان مۇنبىرىدىكى بۇ تېمىدىن ئېلىندى.
/forum.php?mod=viewthread&tid=28370
ئوتتۇرىدىكىسى مەرھۇم ئابلەت ئەپەندى.
بۇ سۆرەت 2007-يىلى ئىنتىل قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى تەبرىكلەپ يىغىلغاندا چۈشكەن سۈرەت.
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !!!!!!!!! تورداشلار ئابلەتكامنىڭ سۈرىتى بولسا يوللاپ قويساڭلار
باشقۇرغۇچىلار تېمىغا قىستۇرۇپ قويسا مەرھۇم دەپسىز بۇ نىمە گەپ:( بىز بۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش روھىغا ئېگە، باشقىلارغا ياردەم بەرسە كۆڭلى ئېچىلپ قالىدىغان، مېھنەتكەش ئۇستاز ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز.)
ئاقساقاللىق قىلغان بولسام كەچۇرۇڭ. ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 18:03
مەرھۇم دەپسىز بۇ نىمە گەپ بىز بۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش رو ...
تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇدىڭىزمۇ يا ياتقان يېرى جەنەتتە بولغاي، ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋر تىلەيمەن. alxir يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 16:14
تورداشلار ئابلەتكامنىڭ سۈرىتى بولسا يوللاپ قويساڭلار
...
بۇ تەرجىمھالنى 10 ئاي بۇرۇن ئابلەتكام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزۈم ئەھۋالغا ئاساسەن يېزىپ چىققان ئىدىم، ئابلەتكام ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى توردا ئاشكارلاشنى مۇۋاپىق كۆرمەيتتى، ماڭىمۇ ھەم يوللاپ بەرمىگەن.
بەلكىم بار دېگەندىمۇ 2005-يىلىدىكى ئىنتىللىقلار ئۇچرىشىشىدا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىمى بولۇشى مۇمكىن، مەن شۇ يىلى جىددى ئىش چىقىپ قېلىپ قەشقەردىكى يىغىلىشقا بارالمىغان ئىدىم.
ئابلەتكامنىڭ ۋاپاتى بەكلا تۇيۇقسىز بوپتۇ، زادى نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق تۇيققسىز تۈگەپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر يوقمۇ؟ alxir يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 18:07
تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇدىڭىزمۇ يا
شۇنداق تىمىنى تەھىرلەپ قويوڭ ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 19:03
شۇنداق تىمىنى تەھىرلەپ قويوڭ
مۇسىبەت خەۋرى ئېغىر كېلىپ ئۇنچە زىل تەھرىرلەپ بولالمىغان ئوخشايدۇ. ئۆزىمىز توغرا چۈشىنىۋالغان بولساقلا مەرھۇمغا كۆپرەك دۇئا قىلىپ باشقا ئىشلارنى قويۇپ قويۇپ تۇرايلى. باشقىلارمۇ توغرا چۈشىنەلىدى چوقۇم. ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 18:34
بۇ تەرجىمھالنى 10 ئاي بۇرۇن ئابلەتكام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئ ...
بايا ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشتىم
ئاخشام يۈرىكى ئاغرىغاندەك قىلىپ، ئۆيىدىكىلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپتىكەن. رەھمەتلىك شۇ يەردە جان ئۈزۈپتۇ.
ئۆيىدىكىلەردىن ئەھۋال سوراپ قويۇشنى خالايدىغانلار
13909988638 مۇشۇ نومۇرغا تېلىفون قىلىڭلار(ئىشى يوقلار ئاۋارە قىلماڭلار) مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىر-رىزالىق تىلەيمەن. مەرھۇمنىڭياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.