ahat0902 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 10:29:38

بىز نېمىشقا بالىلىق بولىمىز؟ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جاۋاب...

بىز نېمىشقا بالىلىق بولىمىز؟ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جاۋاب...
ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، بالىلىق بولۇشىڭىز نېمە ئۈچۈن؟ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟ قېرىغاندا مېنى باقسۇن دەپمۇ؟ بايام بىر كىتابتا شۇنچىلىك تەسىرلىك جاۋابنى كۆرۈپ قالدىم :« بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قاتنىشىش، ماڭا يۈز تېپىپ بەرمىسىمۇ مەيلى، ئەۋلاد قالدۇرۇش ياكى قېرىغاندا مېنى بېقىش ئەمەس. مەن پەقەت بۇ ھايالىق بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولسىكەن، بۇ گۈزەل دۇنيانى مېڭىپ ئۆتسىكەن، مەن بىلەن بىر مەزگىل سەپەرداش بولسىكەن دەيمەن»...
نېمانداق گۈزەل جاۋاب ھە؟

توغرا، بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قاتنىشىش. بىر تال ئۇرۇق مېنىڭ قورسىقىمدا بىخ سۈرۈپ، ئاستا-ئاستا چوڭايسا، كۈچلۈك پۇت قوللىرىنىڭ سىزنى تېپىۋاتقانلىنى ھېس قىلسىڭىز، بىر كۈنلەردە ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىركىشىپ بۇ دۇنياغا كەلسە. بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، توغرا، ئۇ ھاياتلىق كۈچىگە ئىگە. ھەر كېچە زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش، ئېمىتىش، ئاغرىپ قالغاندا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جاپالىقمۇ؟ ياق، بىزنىڭ ئېسىمىزدە قالىدىغىنى، ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىشى، بىرىنچى قېتىم سىزنى «ئاپا» دەپ چارقىرىشى، بىرىنچى قېتىم چىققان چىشى، تەمتىلەپ مېڭىشلىرى... ئۇ يەسلىگە باردى، باشلانغۇچقا كىردى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولدى... مەن شۇنچىلىك تەلەيلىك، چۈنكى مەن ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر باسقۇچلىرىدا ھەمراھ بولالىدىم. يىغلىغاندىمۇ، كۈلگەندىمۇ.

بالا تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتى. ئۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر بىز بالىنى بىزنىڭ نەتىجىمىز، يۈزىمىز دەپ قارىساق، ئۇنىڭ پەقەت ساغلام، ئەقىللىق، چىرايلىق، نەتىجىلىك بولۇشىغا يول قويساق ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلغاندەك بولىدىكەنمىز. لېكىن، لېكىن، بىز راستتىنلا بالىنى كونتىرول قىلالايمىزمۇ؟ بىز پەقەت ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكىنى قوبۇل قىلمامدۇق؟ بالا ئەزەلدىن ئۆزىگە چۇشلۇق بىر ھايات، ئۇنىڭ بۈگۈنى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىدۇر.
لېكىن بىز ئۇنىڭغا پەقەت بىر مەزگىللا ھەمراھ بولالايمىز، ئۇنىڭ ئۆيى، بالىسى بولغاندا، ئۇلار بىزنىڭ ئائىلە ئەزايىمىز بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئەمەس. لېكىن، بالا مەيلى نەدىلا بولسۇن، بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزاسى. كۆڭلىڭىز يېرىم بولدىمۇ؟ بىزنىڭ ھەمرا بولالايدىغىنىمىز، پەقەت مۇشۇ يىگىرمە يىللا ۋاقىت، ئەمىسە نېمىشقا كۈچىمىزنىڭ بارىچە پۈتۈن مۇھەببىتىمىز بىلەن ئۇنىڭغا ھەمرا بولمايمىز؟


تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان قىزىم مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى، ئۇ بىر ھەپتىدە بىرلا قېتىم قايتىپ كېلەتتى. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشىكنىڭ چېكىلىشىنى ساقلايتتىم، بۇمۇ پەقەت بىر يىللا داۋاملىشالىدى. كېيىن كۈندە بىر قېتىملىق ساقلاش بىر ھەپتىگە ئۇزاردى. ھەر كۈنى بالىڭىز بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇت سىكۇنتنى قەدىرلەڭ، بەلكىم ئۇ سىزگە گەپ ياندۇرۇشى، كەپسىزلىك قىلىشى، گېپىڭىزنى ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن...لېكىن، بىرگە بولساڭلار يەنىلا ياخشى.

بىز نېمە دەپ بالىلىق بولىمىز؟ بىز تەڭرىگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇ بىزگە شۇنچىلىك گۈزەل بىر سالاھىيەتنى بەردى، بىزگە مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى بالىنىڭ قەلبىگە تېرىشقا، بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىغا ئىسپات بولۇشقا، بىزنى ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇشقا پۇرسەت بەردى. بىز يەنە نېمىنى ئۈمىد قىلىمىز؟

بىز بالىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن نارازى بولغىنىمىزدا، ئېسىڭىزدە بولسۇن: يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم يۈز بېرىشكە تېگىشلىك، ئۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ. ھەممە ئىشلارنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش. ئىچكى دۇنيارىمىزنى ئەقىل پاراسەت بىلەن بېيىندۇرغاندا، بالىمىزمۇ بىزنىڭ تەسىرىمىزگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇلارغا ئەڭ مۇۋاپىق يولغا قەدەم باسىدۇ.
مەيلى بالىمىز بىزگە قانچىلىك قىيىنچىلىقلارنى،ئازابلارنى،ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلسۇن، ھەتتا بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمىز، ئۇيقۇمىز، پۇلىمىز، زېھنىمىزنى ئېلىپ كەتسۇن، بىز يەنىلا شۇنچىلىك كەڭ قورساق؛ چۈنكى بۇ تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگىنىدۇر. بالىڭىز يېنىڭىزدا بولغان ھەر بىر كۈننى قەدىرلەڭ، بىرگە بولغاندىكى بەخىتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
بالام، كېلە بىر قۇچاقلىۋالاي...
biz nemixka balilik bolimiz.pdf

مەنبە :نۇر تورى

ئاكاش0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 12:37:38

ئاااااااااااااااااااااااا

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 14:17:18

بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز . بالىلارغاكۆيۈنەيلى . ئۇلارنىڭ ئەتىراپلىق تەربىيىنىشىگە ئەھمىيەت بېرەيلى .

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:07:58

بالا كىچىكلىكدە ھەقىقەتەن ئوماق، ھەم تاتلىق ،لىكىن كىيىنكى ئوماقلىق تاتلىقلىق ئاتا-ئانىنىڭ تەربسىسى ھەم موھىتقاباغلىق ئىش.

خىيال388 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 21:44:59

بالا دىگەن بىر نىئمەت ، شۇ نىئمەتنىڭ شۈكرىسىنى جايىدا ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

arkzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 21:53:25

60-70 ياشلىق چاللارمۇتەۋەررۈك ئاتا-ئانىسىئالدىدا يەنىلا بالا-دە!
يامان دېسەڭ بالاڭنى كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
گەرچە يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى....
   شۇنداق، بالا-يۈرەكنىڭ جان تومۇرى.
بەت: [1]
: بىز نېمىشقا بالىلىق بولىمىز؟ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جاۋاب...