win8.1 دىن ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئالەمەت3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-26 23:33win8.1 دا توربەتلەردىكى خەتلەر چىريلىق چىقماۋاتىدۇ . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجمەن ،ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
ئاۋال سىلەرگە رەھمىتىمنى بۈلدۈرىمەن ،رەھمەت سىلەرگە توركۆرگۈچنىڭ ئۈستىدە بىرچىشلىق چاقنىڭ رەسىمى بار شۇنى باسسىڭىز (ماسلاشمىغان كۆنۈش تەڭشەكلىرى )دىگەن بىر خەت بار ،قايسى توربەتنىڭ خىتى نۇرمال چىقمىسا شۇتوربەتكە كىرىپ تۇرۇپ ئاشۇ خەتنى باسسىڭىزيەن بىر رامكا ئىچىلدۇ شۇيەردىن قوشوش دىگەن خەتنى بىسىپ قويسىڭىز ئۇنداق چىقۋالمايدۇ مەن بىلمەيدىكەنمەن قانداق چىرايلىق چىقماۋاتىدۇ؟ خەتلەر ئۇلاشمىغاندەكمۇ ياكى كىچىكمۇ؟ قايسى كۆرگۈچنى ئىشلەتكەن؟ ھەقىقىي نۇسخىمۇ ياكى ساختىسىمۇ؟
تېما يوللىغۇچىلار مەسىلىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويساڭلار مەسىلە بىر يولىلا ھەل بولغۇسى، بولمىسا مۇشۇنداق سۇئال بىلەن سۇئالغا جاۋاب بېرىدىغان ئىش چىقىپ قالىدىغان گەپ. win8.1 ھەقىقى نۇسىخا، ئشلەتكەن تور كۆرگۈچۈم سىستىما ئۆزى بىللە چىققان internetexplorer . چىرايلىق چىقمىدى دېيىشىمدە ، تور بەتلەردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر بىر خىل سەت، مەسلەن خەتنىڭ دىشلىرى تىكلا چىققان ،خۇددى بىز باشلانغۇچ بىرىنجى يىللىقتا تۇنجى خەت يېزىشنى ئۈگۈنۈپ يازغاندەك .خەتنىڭ چېكىتلىرى پاراللىل تەكشى ئەمەس. كومىپىيۇتېرىڭىزغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلانغانمۇ ئەگەر قاچىلىمىغان بولسىڭىز قاچىلاپ ئاندىن تور كۆرگۈچنىڭ ئىنتىرنىت تاللانمىلىرى دىگەنگە كىرىپ خەت نۇسخىلىرى دىگەن تۈرنى ئېچىپ شۇ قاچىلىغان فونتنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز پەچەت چىقىدۇ رەھمەت سىلەرگە ،قېنى سناپ باقاي . رەھمەت سىلەرگە ئوڭشىۋالدىم . رەھمەت سىلەرگە ئوڭشىۋالدىم .
بەت:
[1]
2