ئەركان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 14:56:35

بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئېقىم بانكىسى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا چىقاردى.

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يىقىندا «ئېقىم مىقدارى بانكىسى» نى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ﯐ بۇ مۇلازىمەتنى كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلگراف ئابونتلىرىمۇ ئورتاق ئىشلەتسە بولىدىكەن.
تۈنۈگۈن﯐ 2014-يىللىق كۆچمە ئىنېرنېت تورى ئېقىم مىقدارى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ﯐ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بۇ يىغىندا «ئېقىم مىقدارى بانكىسى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ﯐ بارلىق خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئابونتلىرىنىڭ بۇ «بانكا» نى ئورتاق ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە﯐ «ئېقىم مىقدارى بانكىسى» 3G ۋە 4G تورى ئابونتلىرىغا قارىتا يولغا قويۇلىدىغان تور ئېقىم مىقدارىنى باشقۇرۇش ۋە سېتىۋىلىش سۇپىسى بولۇپ﯐ كارخانا ئابونتلىرى ئۈچۈنمۇ نىشانلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
بۇندىن كىيىن﯐ ئابونتلار پەقەت ئالاقىدار ئەپ دېتالنى يانفونغا چۈشۈرۈش ياكى (http://bank.wo.cn) تور ئادرىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق﯐ «ئېقىم مىقدارى بانكىسى» غا كىرەلەيدىكەن﯐ ھەمدە بۇ يەردە ئېقىم مىقدارىنى تەكشۈرۈش﯐ ئامانەت قويۇش ۋە سېتىۋىلىش قاتارلىق ھەرخىل تۈردىكى مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولالايدىكەن﯐ ئارتۇقچە ئېقىم مىقدارىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە سوۋغا قىلسا بولىدىكەن.
بۇندىن باشقا﯐ ئابونتلار يەنە مەزكۇر مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرخىل پائالىيەت تۈرلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق﯐ ھەقسىز ھالدا ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئىكەن. كەلگۈسىدە﯐ ئابونتلار يەنە ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن ھەرخىل جۇغلانما نۇمۇرلار (ئىناۋەتلىك كارتا جۇغلانما نۇمۇرى﯐ تاللا بازىرى جۇغلانما نۇمۇرى قاتارلىق) نى ئېقىم مىقدارىغا ئالماشتۇرالايدىكەن﯐ شۇنداقلا ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق مال سېتىۋىلىش﯐ باشقىچە ئېيتقاندا ئېقىم مىقدارىنى پۇلغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلەيدىكەن.                           مەنبە نۇر تورى

aska0077 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 21:47:54

بىرلەشمىگە تىلفۇن قىلىپ سورىغانبىزدە ئۇنداق ئش يوقئۇنداق خەۋەرمۇ يوق دەيدۇ ،

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 22:10:47

ئەگەر راس بولسا ئارتۇق ئىقىملىرىمىزنى يىقىنلىرىمىزغا ئەۋەتىپ بەرسەك بولغۇدەك

aska0077 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 22:37:14

يالغان كەن ،10010 غا تىلفۇن قسام ئۇنداق ئش يوق دەيدۇ ،بۇ شەخسلەرنىڭ نىمسكەن بىزنىڭ ئۇنداق نەرسە يوق دەيدۇ ،

يىلتېز يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 09:29:38

شۇنداق بولسا ياخشى بولاتتى

ئاكاش0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 12:44:02

ياخشىكەنراس بولسىلا

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:41:48

ياخشى بوپتۇ

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:42:03

ياخشى بوپتۇ

abdu28 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 23:46:04

سىلەر تىلفۇن قىپ سورىغان ئۇ خانىملار سېستىما ئىشىدىن باشقىنى بىلمەيدۇ ئۇلارنىڭ ياردەم نىشانىمۇ شۇ بولغاندىكىن.

abdu28 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 23:49:00

ئادەتتە سىرتقى ئىشلاردىن ئۇلارنىڭ خەۋرى بولمايدۇ،ئۇنداق ئىشلار پۈتۈنلەي يولغا قۇيۇلۇپ بولغاندىلا ئاندىن شۇ توغۇرلۇق سوئاللارغا جاۋاپ بىرىدۇ.بولمىسا يوق دەپلا گەپنى تۈگىتىدۇ شۇ
بەت: [1] 2
: بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئېقىم بانكىسى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا چىقاردى.