بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 23:49:50

قىزلارنى بازارغا سىلىۋاتقان، دەللال سالۇنچىلارغا ئوچۇق خەت

مەنبە: مىسرانىم سالۇنى

سالونلاردىكى تېتىقسىزلىقلاردىن كۆڭلىڭىز ئېلىشمىدىمۇ؟

ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم قەلىمى

يېقىندىن بۇيان ئۈندىدارىمدا تولىمۇ تېتىقسىز تېمىلار تارقالغىلى تۇردى، <<ماڭا بېلەت تاشلاڭ >> دىگەندەك... دەسلىپىدە مەن خەلقئارالىق مۇسەبىقىلەر ياكى رايونىمىزدىكى مۇسابىقىلەردە بىزگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقانلار ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئىچىنى ئېچىپ ھەيران قالدىم ، نەدىكى بىر ساپاسىز ، مىللەتكە يۈك بولىۋاتقان ھېلىقى ئارتۇق ۋاقتى بار بالىلارنىڭ قۇرغان سالونلىرىدىكى قىزلارنى ،ئوغۇللارنى ،گۈزەل ۋە كېلىشكەن دەپ باھالاش ئاشىق – مەشۇق كۈندىلىك باھالاش،كەسپىي كىيىملىك قىزلار، كەسپىي كىيىملىك ئوغۇللار ،قېرىنداش دىلكەش كۈندىلىك چېمپىيۇنلار .. شۇنىڭدەك بىر قىسىم تېتىقسىزلىق تۈسىدىكى تېمىلار، ئەمما تېمىنى ئېچىپ بىراز كۆزىڭىزنىڭ پىتىنى ئۆتتۈرۈپلا چىقىپ كېتىسىز. ھېچقانداق ئەمەلىي نەپ تەگمەيدۇ . كۈندىلىك چولپان سايلايدىغان گەپ ئىكەن .. ئۇ چولپان نېمىگە ئاساسەن چولپان ؟ قوتۇرماچ يۈزلەر نەچچە قېتىملاپ زاۋۇتلۇق دىتاللارغا كىرىپ ياسىلىپ پاك – پاكىز بولۇپ چىققان يۈزلەر ،چىرايلار چولپانمۇ ؟ چولپانلىق سالاھىيەت دىگەن نېمە؟ ھېچ ئىش قىلماي چىرايى ۋە رەسىمى بىلەن چولپان بولىدىغان ئىش بولسىدى دۇنيا لىققىدە چولپان بىلەن تولغان بولاتتى .
كۈندىلىك ،ھەپتىلىك چولپان قىزلار تاللىنىدىكەن ، بىر تېمىنى ئون نەچچە مىڭ قېتىملاپ كۆرۈدىكەن .دىمەك شۇ بىر قىزغا نەچچە مىڭلىغان كۆز زىناسى بولدى دىگەن گەپ . ئۇزۇندىن پەقەت ئاللاھتىن شۇ شەرەپسىز، مۇناپىق ، مىللىتىگە ئىگە بولالمىغان ناكەس سالون قۇرغۇچىلىرىغا ھىدايەت تىلەپلا كەلگەن ئىدىم .ئەمما يېقىندىن بۇيانقى دوستلار چەمبىرىكىدىكى <ھېلىقىلارغا بېلەت تاشلاش> نىڭ كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ ،ئەلەملىك قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم ..
قىزلار قايسىدۇر بىر چاغلاردا تارقالغان ھېلىقى سىرتىدىكى يالتىراق سويۇۋىتىلگەن چوكا كەمپۈت بىلەن يالتىراق قەغىزى يىم بولغان كەمپۈتنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى كۆرمىگەنمىدۇ ؟
ئالدىڭىزغا قويۇلغان ئازراقلا يەپ قويۇپ دوستىڭىز سىزگە بەرگەن تاماقنى يەمسىز؟
ھېسيات بىلەن ئىش قىلىدىغان زامان ئەمەس بۇ ، ئەقىلنى ھېسيات ئۈستىگە قويمىسىڭىز زور پۇشايماندا قالىدىغان گەپ ..
خوش، ئۇنداقتا بىر كۈنلۈك چولپان بولدىڭىز دەيلى ، بىر ئوغۇلغا چاپلىشىپ چۈشكەن رەسىمىڭىز مودا بولدىمۇ دەيلى . ئەجىبا بىر پارچە رەسىم ئۈچۈن شەكىللەنگەن چاپلىشىش ۋە يالغان مۇھەببەت قاچانغىچە داۋاملىشار؟ غاپىللىقتىكى مۇھەببەت پەقەت ئۇ بىر تاۋكاغا ئوخشايدۇ .
بىر قىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشتىڭىز. شۇ كۈنلۈك چولپان بولۇپ سايلاندىڭىز، ئۇ قىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامسىز؟ۋىجدانىڭىز بىلەن باشقا قىزلارغا مەڭگۈ قارىمايمەن دىيەلەمسىز؟
ئەينى چاغلىرى ئاياللار ھامىلدار بولۇپ قالسىمۇ ،دىنىي ئەخلاقىمىزنىڭ چىڭلىقىدىن سىرتلارغىمۇ چىقىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتتە ئىكەنتۇق..
مانا زامان تەرەققىي قىلىپ باللىرىمىزنى ئالىي مەكتەپلەرگە يولغا سېلىۋاتىمىز. ئاتا ئانىڭىزنىڭ سىزنىڭ مەڭزىگىزگە سۆيۈپ خوشاللىق ھەم ئايرىلالماسلىق يېشى قىلىپ تۇرۇپ سىزنى ئۇزاتقىنى يادىڭىزدا بارمىدۇ؟
يەنە بىر يىللىرى قايتىپ كەلگىنىڭىزدە چۈشكەن قورۇقلارغا قاراپ خىياللارغا پاتقانمىدىڭىز؟
ئەجىبا ئوچۇق ئاشكارا <رەڭلىك چىراقلار ئارىسى> دا رەسىملىرىڭىز جۇلالانسا ئاكا – ئاچىلىرىڭىز نېمە دە؟ كەلگۈسىدە بىر ئانا بولغۇچى قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇنۇتتىڭىزمۇ ؟
نېمە ئۈچۈن كاباننا ، كېپىنەك ، مەرھابا يەنە شۇنىڭدەك يۇمۇر سالونلىرىنى توختىماستىن قوللايسىز؟ مانا دەسلەپتە يوللانغان رەسىملەر بارا بارا يالىڭاچلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى . ئۈندىدارلاردا تارقىلىۋاتقان ئىپلاس فىلىملەردىن قۇتۇلالمىغاندا ئوچۇق ئاشكارا رازى بولۇپ رەسىمىڭىزنى سالونلاردا سازايى قىلىۋاتامسىز؟ ئۇنىڭدىن بىراقلا كەسىپ ئۆزگەرتىپ قاۋاقخانا خىزمەتچىسى ياكى دائىمى خېرىدارىغا ئايلانغىنىڭىز تۈزۈك . چۈنكى بىز ۋە كېيىنكى بىر ئەۋلادلار ساغلام تور مۇھىيتىغا مۇھتاج . ئۈندىدارلاردا ئۆزىڭىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى سىز ئىشىنىپ قوشقان شۇ كىشىلەرگە يوللاۋاتقان رەسىملىرىڭىز يېتىپ ئاشاتتىغۇ ؟
بۇ تېتىقسىز سالون تەرەققىياتلىرىدىن ھېلىقى ئاتالمىش ئاشىقلار كۈنى ، سۆيۈشۈش كۈنلىرىدە ، شۇ ھالەتلەر تەسۋىرلەنگەن فىلىملار يوللانمايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالامسىز؟
ئامېرىكىدا قورامىغا يەتمىگەنلەرنى رەسىمگە تارتىش جىنايەت ئىكەن .مەكتەپلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا چوقۇم يانفونلارنى تاقاپ كىرىشىمىز تەكىتلىنىدىكەن .ئەگەر رەسىمگە تارتماقچى بولساق ئاتا – ئانىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ ئاندىن تارتساق بولىدىكەن . دىمەك ئۇلاردا ئۆزىنى سۆيۈش ۋە قەدىر قىممىتىنى قوغداش ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن ، بىزدىچۇ ؟ زورلاپ نەچچە يۈزمىڭ ئادىمى بار سالونلارغا مەجبۇرىي رەسىمىمىزنى بېرىمىز. رەسىمنىلا بەرمەيمىز ، ئۆزىمىزنى قوشۇپ بېرىدىكەنمىز. ئۈندىدار ئالاقىلىشىش نۇرمۇرلىرىمۇ چىقىدىكەن... توۋا... جاھان تەرەققىي قىلىپ بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل قىزلار خېرىدار چاقىرىشتا مۇھىت بۇلغىمايدىغان ئۈندىدارنى ۋاستە قىلىۋاپتۇ... بىر چاغلاردا ھاجەتخانىلاردا نۇرغۇن نۇمۇرلار تېتىقسىز گەپلەر تۇراتتى ، تۆۋە دەپ ئېتوتلاردا ، ماقالىلەردە سۆكۈپ يۈرۈپ خېلى تۈگەتكەن .. مانا ئەمدى بىر قىسىملار شۇ تېتىقسىزلار قۇرغان سالونلار تاملىرىغا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. دىمەك شۇ بىر قانچە سالونلارنى ئەڭ مەينەت شۇ چاغلاردىكى تېمىغا خەت يېزىلىدىغان ھاجەتخانا دىسەك ئارتۇق كەتمەس. ھېلىقى ھاجەتخانا باشقۇرغۇچىلارچۇ ؟ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتامدۇ ؟ ئۆزى رازى بولۇپ رەسىمىنى يوللاپ بەرسە سەن نېمە ئىش قىلالايتىڭ دەمسىلەر؟ بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇنداق ئەمەس، گەرچە رەسىمنى شۇلار رازى بولۇپ يوللاپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئائىلە ئەزالىرى قوشۇلماي ئەرىز قىلسا،ئەلۋەتتە كېيىن ئەرىزدە رەسىم تەمىنلەپ بەرگۈچىمۇ تەڭ ھە ھۇ دەيدۇ ..ئۇ چاغلاردا شۇ شەرەپسىز سالون قۇرغۇچىلار قانۇن تەرىپىدىن كىشىلىك ئىززەت ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئوغۇرلۇق قىلسا ياكى باشقىلارنى ئۇرسا ئۆي كىسىش يىل سانى ئېنىق . ئەمما روھىي تۆلەمنىڭ چېكى يوق . ۋاقتى كەلگەندە ساپاسىز سالونلارنىڭ ھارامدىن تېپىۋاتقان ئېلان پۇللىرى ئالدىدا بۇ تۆلەم ھېچنىمە ئەمەس.
شۇڭا شۇنداق كاباننا قاتارلىق تۇرمۇشىمىزدا پەيدا بولغان شۇمبۇيالارغا ۋاقتىدا زەربە بېرىشىمىز. ئەگەر ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىنى توختاتمىسا شۇنداق تېتىقسىز سالونلار كۆپىيىپ ئۆزىنىڭ ئاچا –سىڭىللىرىنى باشقا بىر سالونلارنىڭ باھالاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇ سالوندىكى مەزمۇن ۋە شۇ سالونلارنى تاكى شۇلار توغرا ھەم ھەق يولدا ماڭمىغۇچە پاش قىلىپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىزگە مىللەتنىڭ ئەقىدىسىنى ،دىنىي ئىتقادىنى ، ئۆرىپ – ئادىتىنى يەرگە ئۇرىدىغان ،دۆلىتىمىزمۇ قارشى تۇرىدىغان سېرىق تۈس ئالغان يازما ۋە سالون ، شۇنىڭدەك ساپاسىز سالون قۇرغۇچى ، باشقۇرغۇچى كىشىلەر كېرەك ئەمەس.
تەۋسىيەرىمىز بارلىق تورداشلارنىڭ مەنىۋىيتى ئۈچۈن مىننەتسىز، تىنىمسىز ئىشلەۋاتقان سالون باشقۇرغۇچىلىرىغا چوڭقۇر رەھمەتلەر بولسۇن.خەلق ئۈچۈن چىقارغان ۋاقتىڭلار، زېھنىڭلار مەڭگۈ قەدىرلىكتۇر... يۇقىرىدا دىيلگەندەك شۇنداق سالونلار دەرھال توغرا يولدا جەۋھەر تېمىلارنى يوللاپ ئەخلاقلىق سالون باشقۇرغۇچىسى ، مەنىۋىي دۇنيارىمىزنى بېيىتىۋاتقان مېھنەتكەشلەر سېپىغا قوشۇلسا ئۇلار يەنىلا بىزنىڭ دوستىمىز ۋە قېرىندىشىمىز.ئازماس كىشى بولمىغىنىدەك مۇشۇ سالون باشقۇرغۇچىلىرىنىڭمۇ مەزكۇر چاقىرىقلارنى كۆرگەندىن كېيىن سالون مەزمۇنلىرىنى قايتىدىن يېڭىلىشى ۋە بۇرۇنقى مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىنى ئەسكەرتىمىز. بۇ بەلكىم مەن ئەمەس مۇشۇ يازمىنى تارقىتىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ يۈرەك سۆزى . سالوننى ماڭغۇزۇپ نۇرغۇن جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ ماڭغۇزىۋاتقان، ئەقلى ئويغاق سالون قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە چاپلىشىۋالغان ساپاسىز شەيتانلاردىن يىراق تۇرىشىنى ،ھېسيات ئەمەس ئەقىل بىلەن ئىشلارغا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 13:51:15

بۇ تېما بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ،گەرچە مەن شۇ ئۈندەللال دىگەن كىسپۇرۇچنى ئىشلەتمىسەممۇ نورغۇن ئادەملەرنىڭ شۇ نەرسىگە زايە قىلىۋاتقان ۋاقتىغا ئېچىنغۇم كىلىدۇ.

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 15:16:44

ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك ئاجايىپ بىر چاقىرىق بوپتۇ، بارىكاللا!
مەن بۇ چاقىرىقتا دېيىلىۋاتقان بۇ گەپلەردىن ھەيران قېلىۋاتىمەن. چۈنكى، بۇنداق سالۇنلارنى كۆرۈپمۇ ھەم شۇنداق سالۇننىڭ بارلىقىنى، جاھان تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلانغان تور تېرمىناللىرىدا مۇشۇنداق تېتىقسىزلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. چۈنكى، مەن كۈنبويى ئالدىراشچىلىقتا پەقەت مۇشۇ روھلاندىن باشقا مۇنبەرنى كۆرگۈدەكمۇ ۋاقىت يوق دېيەرلىك ئەھۋالدا تۇرغاشقا بۇلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن
بۈگۈنكى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپاسى، قانداق تەربىيە ئېلىشى، ياشاش مۇھىتى مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. ھەممىمىز بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، زامانىۋىي تۇرمۇشنىڭ بۇنداق يېڭى ئەخلەتلىرىنى تور مۇھىتىدىن سۈپۈرۈپ تاشلايلى!

كىرەم953 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:44:04

نىمىدىگەن تېتىقسىزلىق بۇ، ئاشۇنداق سالۇنلارنى قۇرغانلارنى.................................................ئاغزىمغا بىر گەپ كەلگەن:@

tusuntay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:21:11

ھەجەپكۆڭلۈمدىكىگەپبوپتۇ.مىنىڭئۈندىدارىمدابىرسىباكاباننادەپ.   دەلتېمىدادىيىلگەنگەئوخشاش.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 20:19:24

دەل ۋاقتىدا يوللانغان تېما.

kokbura3140 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 22:02:11

بەزى دەللالارنى قامچىلايدىغان تىما بوپتۇ. ياخشى يىزىپسىز.

kokbura3140 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 22:04:14

ھە راس بارى قىرىندىشىم.سىز يوللىغان تۇرمىدىن قىچىشنىڭ باھارلىق قىسىملىرنى چۇشۇرۇپ كۇرەي دىگەن. چۇشۇرۇش ئادرىسىنى خاپا بولماي يىڭىلاپ قويسىڭىز سىزدىن خۇرسەن بولغان بۇلاتتىم.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 22:13:13

ئويلىسا ئادەمنىڭ ئوغىسى قاينايدۇ زادى

margan520 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 23:57:56

بولساشۇ   سالۇنئىگىللىرى    كۆرسەمۇشۇتىمىنى!
بەت: [1] 2
: قىزلارنى بازارغا سىلىۋاتقان، دەللال سالۇنچىلارغا ئوچۇق خەت