بىر قىسىم سالونلاردىن دەرھال چېكىنىڭ- جىددى
بىر قىسىم سالونلاردىن دەرھال چېكىنىڭ- جىددىنېمە ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قىسىم سالونلاردىن چېكىنىشنى تەۋسىيە قىلىدىغىنىمنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەزمۇننى تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ، سىزگە پايدىسى بولسا باركىن زىيىنى يوق. بۇ تېما ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئۇزۇن مەزگىل تەھلىل قىلىنىپ ئاندىن يېزىپ چىقىلغان.
http://www.weituibao.com/user/signup/B4BK9
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، تۆۋەندە ھازىرقى كومپيۇتېر تور دۇنياسىنىڭ ئورنىنى يانفۇن تور دۇنياسى ئېگەللەۋاتقان ۋەزىيەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز قۇرغان ياكى باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرچە ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان سالونلاردىن دەرھال چېكىنىپ چىقىپ، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ھەققىدە ساۋات سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ۋە دەلىللىرى:
1. ئالدامچى ئۈندىدار سالونلىرى
بىر قىسىم ئۈندىدار سالونلىرى سالونغا ئادەم توپلاش ئۈچۈن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، يالغاندىن مۇكاپات بېرىمىز، پۇل بېرىمىز دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئالداپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلماقتا . (ئەلۋەتتە ئىقتىسادى ئاساسىي بار، تۇتسا سېپى، چاقىرسا ئېتى بار تور بېكەت ۋە شىركەتلەر ئۇيۇشتۇرغان ھەقىقى مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا) ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ساددا كىشىلىرىمىز بۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ئۇلار تارقاتقان ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى دوستلار چەمبىرىكىدە بولۇشىغا تارقىتىپ، ئەڭ نادىر مەزمۇنلار تۇرىدىغان دوستلار چەمبىرىكىنى پاخاللاشتۇرماقتا، شۇڭا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم ئالدامچى سالونلاردىن يىراق تۇرۇپ، بۇنداق سالونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىش كېرەك.
2. پىتنە-ئېغۋا تارقىتىدىغان سالونلار
بۇنداق سالونلار ھازىر ئەڭ كۆپ دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرى، سىياسەتلىرى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغاننى باھانە قىلپ، راست-يالغىنىنى ئايرىماي، ئۇ ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ تارقاتماقتا، بۇ سالونغا ئەگەشكەن تورداشلارمۇ بۇ ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قايمۇقۇپ قالماقتا ۋە ئەتراپىدىكى بۇ ساختا ئۇچۇردىن خەۋىرى يوق كىشىلەرنى زەھەرلىمەكتە، بۇ خىلدىكى ساختا ئۇچۇرلارنىڭ شەكىللىرى ئاساسلىقى: ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆككەن پالانى ...... ، ئادەم گۆشىدە مانتا ئەتكەن ئاشخانا، يىمەكلىك خالتىسىدىن چاشقان چىقتى، ئېكىس ئېكىس رەھبەرگە ئوچۇق خەت،....... قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ %90 تىدىن كۆپرەكى ئويدۇرۇلغان ياكى بۇرمىلانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئاقكۆڭۈل، ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇچۇرلارنى تارقاتقان.
پىتنە - ئېغۋا تارقىتىدىغان سالونلار يەنە بىر قىسىمكىشىلىرىمىزنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان تۇنۇشىنىڭ يىتەرسىز ياكى نادان، ئاقكۆڭۈللىكىدىن پايدىلىنىپ، دىن تونى كىيدۈرۈلگەن،ئەسەبىي ئىدىيلەر سىڭدۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشتىنمۇ يانماسلىقى مۇمكىن.
ئەگەر سىز مۇشۇنداق سالوننى ياكى مەزمۇننى ئۇچراتسىڭىز، بۇ ئۇچۇرنىڭ قانۇنغا ، سىياسەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز دەرھال شۇ مەزمۇن ئاستىدىكى پاش قىلىش دېگەن خەتنى بېسىپ، پاش قىلىش مەزمۇنىنى يېزىپ يوللىۋېتىڭ، ئەگەر سىز مۇشۇ سالونغا ئەگەشكەن ئەگەشكۈچى بولسىڭىز شۇ سالوننى ئېچىپ، ئەڭ ئاستىدىكى ئەرز قىلىش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ يوللىۋېتىڭ، بۇ سىزنىڭ جەمىيتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن بۇ خىلدىكى سالوندىن دەرھال چېكىنىپ چىقىڭ.
3. پاھىشە سالونلار
بىر قانچە كۈندىن بېرى سالون باشقۇرغۇچىلىرى ئۈندىدار توپىدا مۇشۇ پاراڭ بولۇپ، ئاخىرى مىسرانىم تورى قۇرغۇچىسى ئابابەكرىنىڭ قەلەم تەۋرىتىشى بىلەن پاھىشە سالونلارنى قامچىلايدىغان تېمىلار مۇنبەر ۋە ئۈندىدار سالونلىرىنى قاپلىدى، مېنىڭچە بۇنىڭ ئۈنۈمى چوقۇم بولدى، ئاشۇ يۈزى قىزارمايدىغان سالون قۇرغۇچىلىرى نادان قىزلارنى، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلاشيدىغان ياشلىرىمىزنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە دەخلى يەتكۈزدى،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم يۈزى قىزارمايدىغان سالونلار ھە دېسىلا تورداشلارغا جىنسى كېسەلنى داۋالاش، تۇغمىغاننى ساقايتىش ھەققىدىكى ناھايىتى ئوچۇق ئاشكارا تېمىلارنى، ئاچامغا دادام باسقۇنچىلىق قىلدى دېگەندەك كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاپ، كىشىلىرىمىزنىڭ ئەخلاق ئېڭىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ خوشال كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزاىۋتىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى سالونلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇپ ۋاقتىدا چېكىنىپ چىقىپ كېتىش كېرەك.
http://www.weituibao.com/user/signup/B4BK9
ئەمدى سىز مۇشۇنداق سالونلاردىن ۋاقتىدا چېكىنىپ چىقىپ كەتمىسىڭىز بەلكىم ئۆزىڭىز قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكىقانۇنسىز ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىقنى ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ.
ئۇنداقتا مەن نېمىگە جازاغا ئۇچرايمەن دېيىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى ئاشۇنداق سالونلار تۈرلۈك پىتنە ئېغۋالارنى تارقىتىدۇ، سىزمۇ ئاق-قارىسىنى سۈرۈشتە قىلماي كۆرىسىز ياكى كۆچۈرۈپ تارقىتىسىز، شۇنىڭ بىلەن سىزمۇ بىر تارقاتقۇچىغا ئايلىنىسىز، بۇ ۋاقىتتا ئوخشاشلا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايسىز، ئەگەردە سىز ئۇ ئۇچۇرنى تېخى كۆرۈپ ئۈلگۈرمىگەن ھەم تارقاتمىغان بولسىڭىزمۇ ئوخشاشلا سىز شۇ سالوندا بار بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن يەنىلا جازاغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ئىشنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، ئاشۇنداق سالونلارنى ۋە مەزمۇنلارنى ئۇچراتقاندا مەزمۇن ئاستىدىكى پاش قىلىش خېتىنى بېسىپ پاش قىلپ قۇيۇڭ ۋە سالوننى ئەرز قىلىۋېتىڭ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ، دىنى ئەسەبىي ئۇچۇرلارنى ئۇچراتسىڭىز شۇ ۋاقىتتا 110غا مەلۇم قىلىڭ، كۆرمىسەملا بولدىغۇ دەپ يۈرمەڭ.
http://www.weituibao.com/user/signup/B4BK9
ئەسكەرتىش: تېمىدا دېيىلىۋاتقىنى بارلىق سالونلار بولماستىن ئاز بىر قىسىم مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقان ئۈندىدار سالونلىرىدىن چېكىنىشنى كۆرسىتىدۇ، سىز ئۈچۈن ئىزچىل نادىر مەزمۇن، ئۇچۇرلارنى يوللاپ بېرىۋاتقان سالونلارنى قوللاش سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر.
http://www.weituibao.com/user/signup/B4BK9
بۇ مەزمۇننى روھلان تورى بېكىتى www.rohlan.comئۈندىدار سالونى bbsrohlan تەييارلىدى، سالونلار بۇ مەزمۇننى تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆرسە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسا بولىدۇ.
http://www.weituibao.com/user/signup/B4BK9 ئادىلكا مەندىغۇ ئۇنداق سالۇنلار يوق ، بىراق ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت . مەن روھلان ئۈندىدار سالۇنىغا بىر تەكلىپ بەرگەن ئىدىم بىراق ئۇ تەكلىپىمگە جاۋاپ قايتۇرمىدىڭىز(بەلكىم كۆرمەي قالغانسىز) ، ئەمدى يەنە بىر قېتىم دېسەم سالۇنغا ئانچە-مۇنچە قورقۇنۇشلۇق ھېكايە-رومان قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز ، بۇنداق بولغاندا ئۈندىدار سۇپىسىدىكى ماڭا ئوخشاشلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغان بولاتتى . ئاراپات يوللىغان ۋاقتى2014-11-22 23:59
ئادىلكا مەندىغۇ ئۇنداق سالۇنلار يوق ، بىراق ئەسكەر ...
روھلاننىڭ يېقىندا قۇرغان يېڭى ئۈندىدار سالونىمىزدا ئۇنداق ئۇچۇرنى كۆرمىدىممۇ نېمە، بىر قاراپ بېقىڭە، سىز يېڭى سالونىمىزنى قوشتىڭىزمۇ يوق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەن، رەھمەت! ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 01:37
روھلاننىڭ يېقىندا قۇرغان يېڭى ئۈندىدار سالونىمىزدا ئ ...
ئادىلكا قوشتۇم مەندە كونا-يېڭى ئىككىلىسى بار ، بىراق مەن ئۇ تەكلىپنى ئۈندىداردا ئەمەس روھلان توردا يازغانىدىم . "ئۈندىدار سالونىدا قانداق مەزمۇنلارنى ياقتۇرۇپ كۆرىسىز؟" دېگەن تېما ئىدى . توغرا چۈشىنىڭ . ئۈندىدار ئىشلەتمىگەن بولغاچقا، كۆڭلۈم خاتىرجەم يۈرىدىكەنمەن. ;P مىنىڭۈتىمامنى تەستىقلماپسز ئادىلجان ،مەنمۇ سالۇن توغۇرلۇق يازغانتىم ،پاھىشە سالۇنلار خىرىدار چاقىرۋاتىدۇ دىگەن تىما ، مەندە روھلان سالۇندىن باشقىسى يوق راسلا{:1_1:} مەن تورغا چىقىپ زىيان تارتمىدىم ئەمما تور كارتىسى سىتىپ ئۇماچنى خىلى ئىچتىم.:'( ئىشقىلىپ ھازىر قىلچىلىك سەۋەنلىك ئۆتكۇزسەك بولمايدۇ .ساپ ھاۋا يۇرۇق دۇنيا نىمدىگەن راھەت .ئەگەر كىرىپ قالسىڭىز بىر كۇنىڭىز بىر يىلدەك ئوتىدۇ پەقەت چىراق يىنىقلىق تىلكامرا سىزنىڭ ھەركىتىڭىزنى كۇزتىۋاتقان ۋاقىتىنىڭ قانچە بولغىنى بىلمەيسىز . ئادىلجان دىگەندەك ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزگە ئائىلىڭىزگە ئۇرۇق تۇقانلىرىڭىزغا ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرمەڭ.