روھلاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە
قۇت بولسۇن مەرھابا ئىككى يېشىڭغا26-سنتەبىر
كۆز ئاچتى دۇنياغا يەنە بىر سەبى.
يارالدى قايتىدىن يېڭى بىر بۇلاق.
چاقنىدى بىر يۇلتۇز تور دۇنياسىدا،
مەزمۇتكەن ئۇ شۇنچە،بولمىدى قامغاق.
كۆڭۈلنى رام قىلار ھەر بىر تىمىسى،
شۇنچە تەس ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قايتماق
كېچە سائەت 12دە
ئەتمىسە گەر تورنى ئادىل ئەپەندىم،
نىسىپ بولمايدۇ بەلكىم ئۇخلىماق.
بولسىمۇ ئۇ گۇيا گۈدەك بىر بالا،
بۇرۇچى بىراۋنىڭ ھاجىتىن چىقماق.
بولمىسا ئىزدەپ باق باشقا تور بەتتنى.
بەكمۇ تەس روھلاندەك بىرسىنى تاپماق.
روھلان
قۇت بولسۇن ،مەرھابا ئىككى يېشىڭغا،
سەن تېخى بالىسەن بەك پۇختا بالا.
بىلىمگە ھاجىتى چۈشكەن ئىنسانلار،
ئىزدەپ كەلمەكتە سىنىڭ يېنىڭغا.
مەنمۇ ھەم ئارلىدىم خىلى تور بەتنى.
سىنىڭدەك بىرسى ھەم يوقتۇر دۇنيادا.
كۈنسىرى يىتىلىپ ،پىشىپ كەلدىڭسەن،
مەدىھيە ئوقۇيدۇ ھەممەيلەن ساڭا.
ئالدىڭنى توسسىمۇ تالاي داۋانلار.
بىز يۈلەك خاتىرجەم ئالدىڭغا قارا.
سەندىكى سەركىلەر بەكمۇ ئەقىللىق.
شۇڭلاشقا يىغىلدۇق سىنىڭ قوينۇڭغا.
ئەل ئوغلى نامىدىن مۇبارەك يوللاپ،
سائادەت تىلەيمەن ماڭار يۇلۇڭغا.
ئالدىراشلىق تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئەتگەن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ يەنە ئىنكاسنى چالا يېزىپ،كەچكىچە قانداق يازمىلار چىققاندۇ دەپ تەقەززالىق ئىلكىدە كەلسەم يوق.ھەس ئۇستازنىڭ،ئارزۇ قىز لازىنە خانىم ۋە باشقا شائىرلارنىڭ شىئېرلىرغا تەقەززا بولغان قەلبىم بىرخىل بۇلۇپ مىنى ئۆزەمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئىېتىشقا ئۈندىدى،ئۆزەم -ئۆزەمگە مەدەت بىېرىپ بۇنى يوللىدىم،مازاق قىلمىغايسىلەر ئەسلى شىئېر دىگەننى روھلاندىكى پىشقەدەم ئۇستازلار باشلاپ بەرسە بۇلاتتى،ئەممە ئالدىراقسان كۆڭلۈم قويمىدى شېئېر ناھايىتى ياخشى چىىقىپتۇ، خۇددى پىشقەدەم ئۇستازلار يازغاندەكلا ، ئەل ئوغلى قەلىمىڭىز پىشقەدەم شائىرلارنىڭقەلىمىدىن قىلىشمايدىكەنبۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرىڭ ئەل ئوغلىغا خاس شېئىر يېزىپسىز ، رەھمەت سىزگە ،ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ . بۇنى مەن كۆرۈپ بولالماپتىكەنمەندە . بۇ ئىككى ياشتىكىسىگە ئاتالغىنىكەنتۇق ! مانا ھەش-پەشدېگۈچە روھلان (تور بېكىتىمىز)يەنە بىر ياش چوڭايدى .
بەت:
[1]