ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 18:46:35

网络机顶盒 تۇغىرسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلەر

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ؟
رۇھلان تورىدىكى ئۇستازلار تورداشلار ياخشىمۇسىلەر
تور ئارىلاۋىتىپ 网络机顶盒 دەيدىغان ئاپاراتنى ئۇچىرىتىپ قالدىم .بۇ ئاپارات ئارقىلىق كۇنا تىپتىكى تىلىۋىزۇرلاردىمۇ توردىكى كىنۇلارنىمۇ كۇرگىلى بۇلىدۇ دەيدۇ !ئۇيۇمدە تىلگىرافنىڭ سىملىق تورى بار ھەمدە سىمسىز تور تارقاتقۇچمۇ بار بۇ ئاپاراتنى سىتىۋىلىپ تېلىۋۇزۇرغائۇلاپ بەرسەم چۇڭلار توردىكى ئۇزى ياخشى كۇرگەن كىنۇ ئىتۇتلارنى كۇرسە …ئىشقىلىپ چۇڭلارغا ۋاپادارلىق يەتكۇزەي دەيمەنغۇ،
بۇ ئاپاراتنى ئىشلىتىۋاتقانلار بىر تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلەر؟قايسى ماركىدىكسى ياخشىدۇ ؟ بۇنداق ئاپاراتنى سېتىۋالغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىمىز ؟
ھە راست بۇ ئاپاراتنى ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتايمىز ؟

SALEH يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:33:45

بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ

mastan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:53:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-20 15:59

ياخشىمۇسىز، مەن تور قوبۇللىغۇچنى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى، ئۇ راستىنلا ياخشى نەرسىكەن، تور قوبۇللىغۇچنى ئاندىروئىد سىستېمىلىق تېلېفۇنىڭىز بىلەن ئوخشاش دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدا پەقەت تېلېفۇن ئۇرۇشتىن باشقا تېلېفۇندىكى ھەممە ئىقتىدارلار بار، ساتقۇچى تەرەپ ئاللىقاچان قاچىلاپ قويغان تېلېۋىزىيە كۆرۈش ، 优酷视频 ... قاتارلىق يۇمتاللار سىزنىڭ بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرۈشىڭىزگە قولايلىق . ئۇنىڭدىن سىرت سىفىرلىق تېلېۋىزىيە (数字电视) دە ئايرىم ھەق تۆلەيدىغان خەۋەر ، كىنو قاناللىرىنى بىمالال كۆرەلەيسىز، 优酷 تېرمىنالىنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە ئۆزىڭىز خالىغان كىنو ياكى كۆرۈنمە چاستۇدىنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزسىڭىز ئۆيدىكىVCD دا كۆرگەندەك كۆرەلەيسىز، ئۇيغۇرچە كىنونىڭ ئىسمىنى لاتىنچە كىرگۈزسىڭىزلا بولدى.
پەقەت ئايدا تۆلەيدىغان كەڭ بەلباغلىق تور پۇلىنى تۆلىسىڭىزلا بولدى، ئايرىم ھەق تۆلەپ يۈرمەيسىز. ھازىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بۇنىڭغا چىدىماي ئەرز قىلىپ بەزى يۇمتاللارنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە چەك قويغان بولسىمۇ ئەمما نەچچە كۈن ساقلىسىڭىز ئۇنىڭ يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسى چىقىپ ، ئېھتىياجىڭىزنى قامداپ تۇرىدۇ، ئىزلەپ يۈرمەيسىز ، ساتقۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن بازار پروگراممىسى سىزگە ئاپتوماتىك ئىزدەپ «قاچىلامسىز ؟» دەپ سوراپ تۇرىدۇ، چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز ياكى دەرىجە ئاتلاتسىڭىز بولدى (تېلېفۇنىڭىزنى قانداق ئوينىسىڭىزبۇنىمۇ شۇنداق!)
ماركىسىغا كەلسەك، ھازىر نامى ئالاھىدە بولغان ماركىلىقلار جىقلاپ كەتتى، ھەممىسىنىڭ ئىقتىدارىيۈزدە توقسان توققۇز پىرسەنت ئوخشاش، باھاسى 180 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولسىلا كۇپايە.

ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:20:56

SALEH يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 15:33
بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ

رەھمەت سىزگە

ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:22:52

سىزنىڭكى قايسى ماركىدىكى تور قۇبۇللىغۇچ مەسلىھەت بەرگىنىڭزگە رەھمەت

بۈركۈت999 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 13:51:37

ئۇيغۇرچە قانال يوققۇ دەيمەن بۇنىڭدا ، مۇشۇنڭغا دېققەت قىلىڭ ،چوڭلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرچە كۆرىدۇ.
بەت: [1]
: 网络机顶盒 تۇغىرسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلەر