ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ قۇيايلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئونسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-17 14:53ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلانمۇنبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش باغۋەنلەر،ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرلىرى!
جەمىيتىمىزدە قىيىنچىلىق ئىچىدە ھالسىز ،لىكىن ئۇمىد بىلەن ياشاۋاتقان كىشىلەر تولىمۇ نۇرغۇن.بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ بولالمايمىز،بەزىللىرىدىن خەۋەر تاپالمايمىز،بەزىلىرىگە قولمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلالايمىز، بەزىلىرىگە پەقەت ھېسداشلىق قىلالايمىز.......مەيلى نىمە قىلالىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا ياردەم قىلىپ مېھرى-مۇھەببەت بىلەن دۇنيانىڭ گۇزەل بولدىغانلىقى بىلدۇرەيلى.
بۇگۇن سىلەرگە تەۋسىيە قىلدىغان قېرىندىشىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىچە.تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئادىرىسىغا كىرىپ تەپسىلى ئەھۋالدىن خەۋەردار بۇلۇڭ.
قېنى مەرھەممەت!!!!!
ئازدۇر-كۆپتۇر كۆڭلىنى بىلدۇرۇشنى خالايدىغانلار تۆۋەندىكى كارتا بىلەن ئالاقىلشىڭ.
يېزا ئامانەت -قەرز كوپىراتىپى : 6210082033563041
ئىسىم فامىلىسى : نازىنە باتۇر
خەنزۇچىمۇ يوللاپ قوياي : 那子那·巴图尔
农村信用社卡号:6210 0820 3356 3041
姓名: 那子那·巴图尔
ئەزىزىنىڭبۇ تېمىسىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم بۇزۇلدى. مەنمۇ چوقۇم ئەتىگىچە ئاتىغىنىمنى ئەۋەتىمەن.
ئەزىزىنىڭ دەل ۋاقتىدا بەرگەن ئۇچۇرىغا رەھمەت. كۆرۇلۇش قېتىم سانى 768.كۆرۇپ قۇيۇپ قاچقىنى 767، ئېھسان تاپقىنى بىر ئادەم.
رەھمەت نۇرلان ئەپەندىم. ئەجىرڭىزنى ئىگىمىز زىيادە بەرسۇن. مەن تۈنۈگۈن تېما يوللىنىپ بىر سائەت بولغاندىلا ئىنكاس قالدۇرۇپ، دەرھال ئازراق بولسىمۇ (100 يۈەن) كارتىغا پۇل ئۇرىۋەتكەن ئىدىم. قارىسام ئىنكاسىم يوق، كومپيۇتېرنىڭ كاشىلىسىمۇ ياكى تور بەتنىڭ كاشىلىسىمۇ بىلمىدىم، بەكلا ئالدىراش بولغاچقا ئۇنچىلىك ئىشقا داۋراڭ سالماي دەپ قايتا ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرمىغان ئىدىم. بەلكىم باشقىلارمۇ شۇنداق ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندۇ، شۇڭا ئۇنداق دېگىلىمۇ بولماس.
تالانتلىق يازغۇچى مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ 2007- يىلىدىكى ۋاپاتىنى شۇ ۋاقىتلاردا تور ئارقىلىق بىلگەن ئىدىم ھەم ياشقىنە ھاياتىغا شۇنچىلىك ئېچىنغان ئىدىم. ئۇشبۇ يازمىنى كۆرۈپ تېخىمۇ بەك بىئارام بولدۇم.
قايسى كۈنىدىكى بۇ تېمىغا قالدۇرغان ئىنكاسىمدىكى بىرقىسىم تېلەكلىرىم شۇكى: مۇمكىن بولسا مەرھۇمنىڭ ئايالىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ئاساستا روھلان مۇنبىرىگىمۇ بىۋاسىتە بەرگەن بولساق، چۈنكى، روھلان تورى ھەممىگە مەلۇملۇق، رايونىمىز ئىچى- سىرتىدا خېلى چوڭ تەسىرگە ئىگە مۇنبەر بولۇپ قالدى، ئۇششاق- چوڭ ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئېغىزىدا شۇ روھلان تورى توغرىسىدا خېلى ياخشى تونۇشلار بار، مۇشۇنداق ئالاھىدە مۇھىت ھەم شارائىت ئاستىدا مەرھۇمنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىغا جەمئىيەتتىن كېلىدىغان ياردەم كۆپىيىپ، شۇلارنىڭ ياشقا تولغان كۆزى ئارام تاپسا، شۇلارمۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىللىقلىقىدىن سۆيۈنسە ياخشى بولاتتى.
دۇنيا مېھرى- مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر! ساڭا كەلدى- ماڭا كەلمەيدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىشقا ئامالسىزمىز. بىز ھازىر باشقىلارغا شۇنچىلىك ياردەم قىلساق، بەلكىم بىر كۈنلەردە يامان كۈنلەر بېشىمىزغا كېلىپ قالسا بىزمۇ شۇنداق مۇھتاجلىق ئىچىدە باشقىلارنىڭ ئىللىق مۇھەببىتىگە تەشنا بولۇپ قالارمىز.
قېنى مېھرى ئاتەش، قەلبى ئىللىق قېرىنداشلىرىمىز، تاما- تاما كۆل تولار، ئۆزىمىزنىڭ ئازغىنە ئاتىغانلىرىمىز بولسىمۇ ئاز دېمەي ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! بىر يۈەن، ئون يۈەن بولسىمۇ ھېساب، قېنى، بىر مىنۇت بولسىمۇ ئۇلار شۇ ئازاب ۋە يوقسۇزلۇقتىن بالدۇرراق قۇتۇلسۇن! ............. جام ئەپەندىمنىڭ خالىس كۆڭلىگە كۆپ رەھمەت.
بەت:
[1]