ArkinSoft يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:55:32

ئەركىن سوفت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى1.0 نەشىرى تارقىتىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ArkinSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 23:05

ئەسسالامۇئەلەيكۇم روھلان مۇنبىرىدىكى تورداشلار

بۈگۈن سىلەرگە ئىلىپ كەلگەن دېتالىم بولسا ئۆزۈم يازغان vbئۆگۈنۈش جەريانىدا ياسىغان ئۇيغۇرچە يۇنىكودىسز كىرگۈزگۈچ بولۇپ ،ئەمدى دېتالنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتسەم.

1.كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ.

http://alip.biz/data/attachment/forum/201411/16/234402jl57xorx3oy8ruoo.jpg

http://alip.biz/data/attachment/forum/201411/16/234410fd777a7u901l11c7.jpg

http://alip.biz/data/attachment/forum/201411/16/234411hxxwwdyyg8x2yjt5.jpg

http://alip.biz/data/attachment/forum/201411/16/234413of3t3f4zu4tt7qe6.jpg

http://alip.biz/data/attachment/forum/201411/16/234405hgvq7vqfp30cgg0v.jpg

2.ئىقتىدارلىرى:
1› بۇ دېتال ئۇيغۇرچە قوللىمايدىغان يۇنىكودىسىز تېكست رامكىلىرىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
2›كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھەمدە كۆركەم بىزىلگەن.
3›ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قوشۇلغان.
4›ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى كومپيۇتېر ئېكرانىدا ئەڭ ئالدى قىلىش.
5›تىز ئىجرا كونۇپكىلىرى: Shift+A   بۇ بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كىچىكلىتىپ چۈشۈرۈپ قۇيۇلغاندا ئېكران يۈزىگە چاقىرىش .
6›ئۇيغۇرچە 46 خىل ھۆسنىخەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان.

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرۈش:

چۈشۈرۈش

ھازىرچە بۇ دېتال ھەرقايسى سىستېمىلاردا سىناق قىلىنىپ نورمال ئىجرا بولدى،يەنە بۇ دېتالنىڭ كەمچىللىكلىرى بار بىز بۇلارنى تىزدىن ھەل قىلىپ قېرىنداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچى.
دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ باشقىلارنىڭ سېتىپ كىرىم قىلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ ، بۇنداق قىلغۇچىلار بولسا قانۇن ئارقلىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

دېتال توغۇرلۇق تەلەپ-پىكىرلەر بولسا ئۇدۇللا بۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قايتۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى:13345429732 , QQ:1620996953 , Email:1620996953@qq.com

ھۆرمەت بىلەن:ئەركىن سوفت

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 09:48:17

دىتالنى ناھايىتى چىرايلىق تۈزۈپسىزبۇنىڭغا خېلى كۈچ سەرىپ قىپسىز   مەن بۇنى ئىشلىتىپ پوتوشوپ قا كۈچۈرۈپ چاپلىسام چاپلىغىلى بولمىدى ھېچىنمە كۆرۈنمىدى . مەن بىلەلمىدۇممۇ ياكىخىيالنى ئىشلەتسەم نومال
دىتالغا تەكلىپ :
ئوڭ تەپ مائۇسنى باسسسا ئۇيغۇرچە كۈچۈرۈش چاپلاش دىگەن ئىقتىدرىنى قوشسىڭىز تېخىمۇ ياخىشى بۇلىدۇ

ArkinSoft يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 13:31:23

دېتالنى يەنە بىر ئىقتىدارىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن يىزىپ قۇيىدىغاننى تېكست رامكىسىغا ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىنEnterكونۇپكىسىنى باسسىڭىزخەت كۆچۈرۈلىدۇ.

تەكلىپ پىكىر ياكى قوشۇدىغان ئىقتىدارلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار مەن شۇ ئاساستا تۈزۈتىش كىرگۈزگەن بولسام ياخشى بۇلاتتى.

arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:22:08

مەن سىناپ كۆردۈم،photoshop چاپلىسام پەقەت نورمال ئەمەس.خەتلەرنىڭ ھەممىسى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ مۇشۇنداق چىقىۋالدى.

ArkinSoft يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:26:14

arkinjuma يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 22:22
مەن سىناپ كۆردۈم،photoshop چاپلىسام پەقەت نورمال ئەمەس.خەت ...

مەن psتا سىناپ باققان ئىدىم خەتلەر نورمال چىققان ئىدى.بولمىسا خەت نۇسخىلىرىنى توغرا تەڭشەپ خەت نۇسخىلىرى قاچىلاندىمۇ بىر تەكشۈرۈپ بىقىڭبولمىغاندا مەن قايتا سىناپ باقاي قېرىندىشىم.

arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:50:10

ArkinSoft يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 22:26
مەن psتا سىناپ باققان ئىدىم خەتلەر نورمال چىققان ئىدى ...

مەن بۇنداق مەشغۇلاتلارغا خېلىلا پىششىق،كۆپ قېتىم سىنىدىم،پەقەتلا بولمىدى.ئۆزىڭىز قايتا سىناپ باققان بولسىڭىز،مۈمكىن بولسا ئۆزىڭىزنىڭكىدىن باشقا كومپيۇتېردا سىناپ بېقىڭ.

ArkinSoft يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 23:01:35

arkinjuma يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 22:50
مەن بۇنداق مەشغۇلاتلارغا خېلىلا پىششىق،كۆپ قېتىم سىن ...

بولىدۇراستلا دېتالدا نورمالسىزلىق بولسا تىزدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

روھلان21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:10:07

ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت مەن ps كە خەت كىرگۈزسەم شۇنداق نورمال چىقتى ، سىستېما win8.1 x64   
%5BURL=http://upload.ouliu.net/%5Dhttp://upload.ouliu.net/i/20141118074834q8ous.jpeg

mastan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 22:28:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مەن مەزكۇر يۇمتالنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم، win8.1 ئۈچۈن كۆزنەك كىرگۈزگۈچ لازىم بولۇپ قېلىپ تاپالماي يۈرگەن ئىدىم.
يۇقۇرىدا قېرىندىشىمىز دېگەندەكphotoshopتا ئىشلەتكەندەخەت نۇسخىسىنى تاللىغان تەقدىردىمۇ ؟؟؟؟؟ ياكىقۇرۇق ئورۇن چىقىۋالىدىكەن، ئەمما مائۇس بەلگىسىنى يېزىق كىرگۈزۈش ھالىتىدىنتاللاش ھالىتىگە ئۆزگەرتسىڭىزلا ئۇ خەتلەر نورمال كۆرۈنىدىكەن، مېنىڭچە يۇمتال تۈزگۈچى قېرىندىشىمىز مۇشۇ ئەھۋال ھەققىدە قايتا ئىزلىنىپ باقسا بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم، ئوخشىمىغان سىستېمىدىكى ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمىسا كېرەك، شۇنداق بولسىمۇ بۇ قېرىندىشىمىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !

ArkinSoft يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 22:59:30

mastan يوللىغان ۋاقتى2014-11-18 22:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مەن مەزكۇر يۇمتالنى ق ...

بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلدىم بىرقانچە كودلارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن،بولسا ئەمدى بۇنىڭغا يۇنىكود بىلەن يۇنىكودسىز كىرگۈزگۈچ ئىقتىدارنى قوشۇپ ئىككى خىللىق كىرگۈزگۈچ قىلماقچى تورداشلار قانداق ئويلايدىكىن.
بەت: [1] 2
: ئەركىن سوفت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى1.0 نەشىرى تارقىتىلدى