ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 08:13:27

يىقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمى قانداق بىكىتىلگەن؟


مۇشۇ ئىنىرگىيە ماشنىلېرى ساھەسىدە سىتېرلېڭ ماتورىنىڭ ئىش ئۈنىمى%25، دېزىل ماتورنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىش ئۈنىمى %45، چوڭ تىپتىكى پار ماشنىسىنىڭ ئىش ئۈنىمى %90، رىئاكتىۋ ماتورنىڭ ئىش ئۈنىمى %90دىگەندەك ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بۇلىدۇ. ئىنىقكى بۇ ئۆلچەم %100كە يىتىشى مومكىن بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمما رىئاكتىۋ ماتور بىلەن پار ماشنىسىنى(تەبئى گاز يىقىلغۇ قىلىپ توك تارقىتىشتا ئەمىلى قوللىنىلغان) بىرلەشتۈرۈپ قۇراشتۇرۇپ چىقساقلا بۇ يەردە ئۈنۈم%180 كە يىتىپ بۇلىدۇ. يەنە مەن تەييارلاۋاتقان تۈرۈمنىمۇ بىرلەشتۈرسەم بىراقلا %210كە يىتىپ بۇلىدۇ...

بىزنىڭ مۇقىم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردا دېزىل ماتورى ياكى بېنزىن ماتورى بىلەن توك چىقىرىدىغان ئۈسكىنىلەرنى ئىشلەتمەسلىكىمىز تەننەرخى ھەم سەرپىياتنىڭ زىيادە كۆپلىكىدىن، يەنە چاقارغان توكنىڭ تەننەرخىمۇ يۇقىرى، بۇ تىمىدا بۇنى مۇنازىرە قىلماقچى ئەمەسمەن.
    ئۈچ خىل ماشنىنى بىرلەشتۈرۈپ يىقىلغۇدىن قاتلاممۇ-قاتلام پايدىلىنىش تەرەققى قىلغان ئەللەردە ئاللىبۇرۇن قوللىنىلىۋاتقان بۇلىشى مومكىن. دىمەك يەر شارىمىزدا نىفىت يىقىلغۇسىدا مىڭىۋاتقان ماشنىلارنىڭ ئىش ئۈنىمى ھەسسىلەپ چۈشۈپ كەتتى دىگەن گەپ، ھەتتا يىقىلغۇ چىقىرىدىغان ئۇمومى ئىنىرگىيەنىڭ %10 تىگىمۇ يەتمەيدۇ.
مىنىڭ ھازىرقى تۈرۈم پەقەت بىر باشلىنىش. مىنىڭ تەخمىنى ھىسابىمدا مۇۋاپىق شارائىتلار ھەل بولغان ھالەتتە يىقىلغۇنىڭ ئەمىلى پايدىلىنىش ئۈنىمىلا ھازىرقى ئۆلچەم بۇيىچە ھىساپلىغاندا %2000كە يىتىپ كىتىدىكەن.
شۇڭا مەن ئويلاپ قالدىم، يىقىلغۇنىڭ ھەقىقى ئىش ئۈنىمى زادى قانچىلىك بۇلار؟!...
بولسا بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭمۇ ۋاقتى يەتكەندە ئازراق پىكىر قاتناشتۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 21:34:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-21 14:41

كەشپىيات تورىدا ۋە ئالىپتا مۇنازىرە كۆپ، ئىزدىنىشتا تىما ئۈچۈرۈلدى. بۆزقىردا ئەلباش چۈشەنچىسىنى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەپتۇ.



ئېھتىياتسىزلقتىن ئۈچۈرلۈپ كىتىپتىكەن، تىزلا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:03:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-18 14:11



يىقىلغۇ بىلەن ئىشلەيدىغان ياپراقلىق ماتورنىڭ ئىنىرگىيسىنىمۇ بىرلەشتۈرگىنى بار ئىدى.
ئايرۇپىلاننىڭكىدەك ماتور 1200گىرادوسقا يىقىن ئىسسىقلىقنى قۇيۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن 700 گىرادوسلۇق پار ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ئوت بىلەن قۇيۇپ بېرىلىدىغان 700 گىرادوستىن يۇقىرى ئىسسىقلىقنى يەنە بىر قىتىم قايتا ئىشلىتىپ يەنە بىر تۈۋەن بىسىملىق پار ھاسىل قىلىدۇ. ئاندىن قۇيۇپ بېرىلىدىغان ئىسسىقلىق 300گىرادوس ئەتراپىدا بۇلىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە باشقا تورلار ئىچىلمىغاچقا ماتىرياللا ئەمەس شۇ رەسىمنىمۇ تاپالمىدىم.
700 دىن يۇقىرى ئىسسىقلىقنى ھاۋاغا قۇيىۋەتكەن بىلەن يېرىمىغا تەڭ ئىسسىقنى قۇيىۋەتكەننىڭ قايسىسى ياخشى؟...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 06:19:58

مەن 7-8 يىلغىچە پۇلنىڭ ئىپىنى قىلىپ 50000نى خەجلەپ بۇ نى ياساشقا تەييارلىق پۈتۈپ قالغاندا خەق بازارغا سىلىۋاپتۇ.ئۆتكەندە بانكىدىن قەرىز ئالغاندا سەل كۆپرەك ئالغان بولسام بلارنىڭ ئالدىدا قىلىۋالغان بۇلاتتىم.
بۇ يەردىن كۆرۈڭ...
ئەلۋەتتە مەندە يەنە باشقا تەييارلىق بار ئىدى...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:30:10

蒸汽联合燃气涡轮

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 21:37:15

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 21:34
كەشپىيات تورىدا ۋە ئالىپتا مۇنازىرە كۆپ، ئىزدىنىشتا ت ...

ئىزدىنىشتا نىمە سەۋەبتىن ئۈچۈرۈلۇپتۇ    مىنڭ بۇ تۇغرىلىق بىلىمىمكەمچىل بۇلغاپقا   پىكىرقاتناشتۇرالمىدىم

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 00:33:10

سارسان يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 21:37
ئىزدىنىشتا نىمە سەۋەبتىن ئۈچۈرۈلۇپتۇ    مىنڭ بۇ تۇغرى ...

مەشغۇلاتتىكى خاتالىق سەۋەپلىك ئۈچۈرلۈپ كىتىپتىكەن، تىزلا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 14:41:29

ئىزدىنىشتىكى توردىشىمىز زىيالى ئەمەندىم بۇ خىل قايتىلانما پايدىلىنىدىغانقۇرۇلمىغا مۇناسىۋەتلەك ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ، مەن شۇنى يوللاپ قۇياي.

لىتىرىغا قانچە كىلومىتىر يۈرەلەيدىغانلىق توغرىسىدا ياپۇنىيەدە ئىككى خىل ھىساپلاش ئۇسۇلى بار بولۇپ بۇنىڭ بىرى 2013-يىلى 2-ئايغىچە ئىشلىتلگەن 10.15 شەكىللىك يىقىلغۇ سەرپىياتى ھىساپلاش ئۇسۇلى،يەنە بىرى 2014-يىلدىن كىيىن ئىشلىتىلىۋاتقان JC08 شەكىللىك يېقىلغۇ سەرپىياتى ھىساپلاش ئۇسۇلى ئىكەن.ماشىنا ياسىغۇچى تەرەپنىڭ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدىن چىقىرىلغان نەتىجە ماشىنىنىڭ ئارخىپىغا يېزىش مەجبورىيىتى بار ئىكەن.
10.15 شەكىللىك ھىساپلاش ئۇسۇلىدا،ماتور قىزىتىلىپ بىر قەدەر مۇقىم ھالەتكە چۈشكەن ۋاقىتتا بىر قەدەر مۇقىم سۈرئەت بىلەن ماڭغىنىدا لىتىرىغا قانچىلىك ماڭالايدۇ دىگەننى ھىساپلايدىغان ئۇسۇل ئىكەن.
بۇ خىل ئۇسۇل ئەقىلغە مۇۋاپىقتەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە يول يۈرگەندە سۈرئەتنى ئاشۇرۇش،تورمۇزلاش،قاتناش ئەھۋالى..........قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېقىلغۇ سەرپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچ،ساتقۇچى تەرەپنىڭ دىگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ئەھۋال ئوتتۇرىسىىدىكى پەرىق بەك چوڭ بولۇپ كىتىدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ يىلدىن باشلاپ ماتور يىڭى قوزغانغان ۋاقىت ،سۈرئەت ئاشۇرۇش تورمۇزلاش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈردىغان JC08شەكىللىك ئۇسۇل قوللىنىلىۋېتىپتۇ.
يەنە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ھىساپلاش ئۇسۇللىرى بولسىمۇ تەرەقىيات يۈزلىنىشى JC08شەكىلدە ھىساپلاش يۈزلىنىشىدە ئىكەن

گىنراتورنىڭئۆلچىمىنى مۇنداقلا ئىزدەپ باقسام چىقمىدى.تەپسىلىي ئىزدەپ باقسام چىقىشى چوقۇم.ئەمما گىنراتورنىڭمۇ ماشىنا ماتورىغا ئوخشاش يېقىلغۇ ئىش ئۈنىمىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىمى بولىشى ئېنىق.بۇ ئۆلچەمدە بېكىتىلگەن شارائىتلار ئۈنۈمگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ.شۇڭا خەق 35% دىگەن بولسا ئۇ مەلۇم ئۆلچەمدە 35% بولىدىغانلىقىنىلا دەيدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك چىقماسلىقى ياكى ئۇندىن ياخشى بولىشى نورمال ئىش.
بەت: [1]
: يىقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمى قانداق بىكىتىلگەن؟