يوشۇرۇن قاتىلدىن ئېھتىيات قىلىڭ
كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولۇپ، كۆپىنچە كىشى ئۆزلىرىىدكى قايسى ئالامەتلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ ھەم دوختۇر جېكىلىگەن دورىنى ئىستېمال قىلىش، يېمەك-ئىچمەكتە پەرھىز تۇتۇش بىلەنلا بۇ كېسەللىكنىڭ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمەن، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزىلەر بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى جاڭ لېي بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى:http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/7013331a/
-يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن زور. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يۈرەك، مېڭە بۆرەك زىيانغا ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر: يۇقىرى قان بېسىم مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى. دەسلەپكى باسقۇچتا يۈرەك چوڭىيىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا بولسا يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، چارچاش خاراكتېرلىك ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپ قوزغىلىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ: يۇقىرى قان بېسىم مەنبەلىك بۆرەك ئاغرىقى بۆرەك قان تومۇرلىرى قېتىشىپ كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ، ئاخىردا بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ: يۇقىرى قان بېسىم مەنبەلىك مېڭە قان تومۇر كېسىلى قىزىل قان تومۇرلار قېتىشىپ، مېڭە قان تومۇرلىرىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، پالەچ بولۇپ قىلىش، گەپتىن قېلىش قاتارلىقلار. كىشىلەردىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە بولغان خاتا تونۇشلار: 1. كېسەللىك دەسلەپ بايقالغاندا سەل قاراش. كۆپىنچە ئوتتۇرا ياش، ھەتتا ياشلاردىمۇ سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، يۇقىرى قان بېسىم، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلساملا بولىدىغۇ، دەپ قاراپ، كېسەلگە ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىدىن چارچاش ھەمدە ناتوغرا تۇرمۇش ئادەتلىرى سەۋەبلىك كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا بولسا، ھەر قانچە كۆڭۈل بۆلسىمۇ ئورنىغا كەلتۈرەلمەيدۇ: 2. ھامان ئاتا-ئانامدىن ئىرسىيەت قالىدۇ، دەپ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراش. يۇقىرى قان بېسىمىدىكى ئىرسىيەت بىر خىل ئېھتىماللىق بولۇپ، پەقەت ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرغاندىلا ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى ياكى پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ: 3. يۇقىرى قان بېسىم بولۇپ قېلىشتىن زىيادە ئەنسىرەش ھەمدە ياشانغاندا بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ چارىسىنى قىلىش، دەپ قاراش.
ئېنىقكى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، مۇۋاپىق كونترول قىلىش رەئىس ئەزالارنى، جۈملىدىن يۈرەك، مېڭە، بۆرەكنى ھەقىقىي ئاسرىغانلىق بولىدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بىلىۋالدۇق،ياخشى بىلىمكەن رەھمەت
بەت:
[1]