ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 00:04:19

كەيپىيات بىلەن راك كېسىلى «يېقىن»

كەيپىيات بىلەن راك كېسىلى «يېقىن»
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/94e6c630/
ناچار كەيپىيات ئادەمنىڭ ئىمۇنىتېت سىستېمىسىغا ئېغىر زىيان سېلىپ، بۇ «قوغدىغۇچى ئىلاھ»نىڭ ھەر قايسى ئەزالارنى «نازارەت قىلىش» ئىقتىدارىنى بوشىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشىكە تەييار تۇرىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى تېزلىشىدۇ. ناۋادا بەدەننىڭ مەلۇم بىر ئەزاسىدا يارىلىنىش، زەخىملىنىش، ياللۇغلىنىش ياكى جاراھەتلىنىش بولسا، ئۇلارنىڭ ناچار كەيپىيات سەۋەبىدىن راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولىدۇ.

ئۆسمە دوختۇرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى راك ئاغرىقىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يا ئۇنداق، يا مۇنداق روھىي زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇزاققىچە ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ پاكىتلاردىكى ئايانكى، «ناچار كەيپىيات ئادەمنى راك كېسىلىگە گرىپتار قىلىدۇ».

مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بەت: [1]
: كەيپىيات بىلەن راك كېسىلى «يېقىن»