شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 19:51:09

قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر

قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر
http://mmbiz.qpic.cn/mmbiz/Az1JCsdnVpnGmTG5gLeS1FHvP2YtnPuxZcB6ao59Q9MaGzHawD9Yypg9ibtbPLkGsGaW77dFiayZ5WB4md0mn7jg/0?tp=webp
قورۇق خانىم – قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى . بەزىلەرنىڭ يۈزىگە 30 ياشتىلا قۇرۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ ، لېكىن بەزىلەرنىڭ يۈزىگە بولسا خېلى ياشقا كىرگىچىمۇ قورۇق چۈشمەي نۇرلۇق تۇرىدۇ . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ ؟
گۈرۈچ تامىقى ئارقىلىق قورۇق يوقىتىش : گۈرۈچنى يۇمشاقراق پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى كۇمىلاچ قىلىپ ئىسسىق ۋاقتىدا (يۈز كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە) يۈزگە قويۇپ تاكى گۈرۈچ كۇمۇلىچى قارا بولغۇچە دومىلىتىپ ، ئاندىن يۈرنى يۇيۇۋەتكەندە ، تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى ماي ۋە پاسكىنا نەرسىلەر تولۇق چىقىپ كېتىدۇ – دە ، تېرىنىڭ نەپەس ئېلىشى راۋانلىشىدۇ ۋە قورۇق سۇسلايدۇ .
توخۇ گۆشى ئۇستىخىنىنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : توخۇنىڭ گۆشىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇستىخىنىنى توخۇ تېرىسى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ، قورۇقنى يوقىتىپ ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ .
مېۋە – چېۋىلەرنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : باناننى سىقىپ ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق زەيتۇن مېيىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە قورۇق يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ ؛ تاۋۇز شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسىمۇ تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ؛ ئاغىچە يۇغۇچنىڭمۇ(丝瓜)قورۇق يوقىتىش رولى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ شىرنىسىنى تېرىگە سۈرتىدىغان تۆۋەن پىرسەنتلىك ئىسپىرت ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ ، قۇرىغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە تەرخەمەك ،پەمىدۇر ، بۆلجۇرگەنلەرنىڭمۇ قورۇق يوقىتىش رولى بار .
چاينىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : چاينىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول كوئىن (茶多酚) ، كاربون سۇبىرىكمىسى ، ئاقسىل ، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ،ۋىتامىن ، مىنېرال ماددىلار ۋە مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق خىمىيىۋى تەركىبلەر بار بولۇپ ، ئۇلار تېرىنى نۇرلۇق ، يۇمران قىلىپ قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈپ ، قورۇقنى ئازايتىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
سېغىزنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : ھەر كۈنى 20–15 مىنۇت سېغىز چايناپ ، بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى قورۇقلار سۇسلاپ يۈزگە قان يۈگۈرىدۇ . تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، يۈز تېرىسىنىڭ يۇمرانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .
ئۇندىن باشقا ، بىز كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تېرىگە نىسبەتەن زىننەتلەش رولى بولىدۇ . مەسىلەن ، تېرە ناھايىتى مول ئاقسىلغا موھتاج بولۇپ ، كالا گۆشى ، سۈت ، تۇخۇم ، ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار يەنى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) قاتارلىقلار .
بۇ تېما شىپا xipa سالوندىن ئېلىندى
بەت: [1]
: قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر