ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 13:14:14

ساغلاملىق ۋە سېمىزلىك

ساغلاملىق ۋە سېمىزلىك
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/3b71405b/
ئادەتتە ئوخشاش دەرىجىدىكى سېمىز كىشىلەر ئارىسىدا نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئاسانلا كېسەلچان بولۇپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئەكسىچە ساغلام تۇرىدۇ؟ يېقىنقى خەلقئارالىق تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، سېمىز كىشىلەرنىڭ ساغلام بولۇش – بولماسلىقى بەدىنىدىكى بىر خىل ئېنزىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە 2 مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم سەمرىپ كەتكەن ياكى بەك سەمرىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئادەم قەنت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە راك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان، قالغان تۆتتىن بىر قىسىم ئادەمنىڭ مېتابولىزمى نورمال ھەم ئۇزاققىچە ساغلام تۇرغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بۇنىڭدا ھىموپروتېئىن (قىزىل قان ئېلېمېنتى) ئوكسىگېنئازا – 1 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېنزىم ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن. تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ئىنسانلار ۋە تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭ تېنىدىكى ھىموپروتېئىن (قىزىل قان ئېلېمېنتى) ئوكسىگېنئازا – 1 نىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاندا، ئاسانلا قەنت كېسىلى ۋە جىگەرنى ياغ قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ئەكسىچە بۇ خىل ئېنزىمنىڭ مىقدارى تۆۋەنرەك بولغاندا ساغلاملىق ھەم سېمىزلىكىنى ساقلاپ قالىدىكەن. بۇ بايقاش ئېھتىمال سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللەرگە بالدۇر دىياگنوز قويۇش، داۋالاشنى تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 23:28:18

توۋا، مۇشۇ سېمىزلىك ھەققىدە گەپ بولغاندا بەزىدە تۇرۇپ ئويلىنىپ قالىمەن، ئەشۇ سېمىز ئادەملەر سەل- پەل نەپسىنى يىغسا نېمە بولا دەپ، تورلاردا ۋە باشقا ۋىدىئولۇق ئۇچۇرلارغا قارايدىغان بولساق بىر كېلەڭسىز سېمىزلەرنىڭ يوغان بىر ئۈستەلگە نەچچە كىشىلىك غىزانى قويۇۋېلىپ، ئاچكۆزلەرچە يىيىىشلىرى ئادەمنىڭ ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەپ قاتلايدۇ، مانا بۇ تېمىدىكى يوقۇرقى سۈرەت بۇنىڭ بىر دەلىلى (بۇ بىر زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن قىلىنغان چاخچاق- ھە{:6_276:} )
ئادەم بەك ئورۇقمۇ- سېمىزمۇ بولمىسا، مۇھىمى تېنى ساغلام بولسا ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن ياخشى ئىش يوق. ئەڭ مۇھىمى بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسەك، ھەم كۈندىلىك ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپىتى ۋە بەدىنىمىزگە ماس ئوزۇقلۇق مىقدارى ۋە تۈرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلا بولساق، مېنىڭچە بۇنداق بىرقىسىم كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنالىشىمىز مۇمكىن.
بەت: [1]
: ساغلاملىق ۋە سېمىزلىك