VBدا تىزىملىكنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاشتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-9 15:43ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا VB ئۇيغۇرچە يېزىقنى تونىمايدۇ. ئەمما مەلۇم ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە VB مۇ ئۇيغۇرچە يېزىقنى تونىيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. مەن تۆۋەندەVBدا تىزىملىكنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن:
1-قەدەمدە، تىزىملىكتىن پروگرامما (程序) نى، بۇنىڭدىن دېتال (部件) نى، بۇنىڭدىن «Menu_Yashar » نى تاللىساق كونتۇرۇللار تىزىملىكىگە «YasharMenu» دېگەن بىر دېتال قوشىلىدۇ. بىز بۇنى تاللاپ كۆزنەككە قورىۋالىمىز ھەمدە قۇرىۋالغان بۇ «YasharMenu1» ناملىق دېتالنى بىر چىكىپ ئۇنىڭ «UniCodeYashar» دېگەن خاسلىقىنى راست «True» قىلىپ تەڭشەيمىز. بۇنىڭ ئاددىي تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
程序 → 部件 → Menu_Yashar → YasharMenu1 → UniCodeYashar → True
2-قەدەمدە، كۆزنەكتە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بىر چېكىپ چىققان تىزىملىكتىن تىزىملىك تەھرىرلىگۈچ «菜单编辑器» نى تاللاپ ئۇنىڭ تېما «标题» سىغا ئۇيغۇرچە «ھۆججەت» دېگەن خەتنى كىرگۈزۈش تەرتىپى بويىچە «hKJJgt» نى، نامى «名称» غا «File» نى كىرگۈزىمىز.
3-قەدەمدە، كۆزنەكنى قوش چېكىپ ئۇنىڭ قوزغىلىش ھادىسىسىگە تۆۋەندىكى تىزىملىكنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ ئاددىيكودنى كىرگۈزىمىز:
[Private Sub Form_Load()
YasharMenu1.Setup hWnd
End Sub]
ئەمدى كۆزنەكنى قوزغاتساق «hKJJgt» دېگەن خەت«ھۆججەت» كە ئۆزگىرەيدۇ.
مەشىق قىلىپ بېقىڭ:
تەھرىرلىگۈچنىڭ تېما قىسمىغا «yhihdhn jurux»، «/eqhx»، «sfjlfx» نى، نامىغا «new»، «open»، «save» نى كىرگۈزۈپ بېقىڭ.
مانا ماۋۇ «Menu_yashar.ocx» كونترۇلىنى چۈشۈرۋىلىپ، «Microsoft Visual Basic 6.0» نىڭ ئىچىدىكى «Wizards» دېگەن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە كىرگۈزۋىلىڭ:
http://caiyun.feixin.10086.cn/dl/011D5u5bvd5s提取密码:914428 Yashar Menuكونترولىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويۇڭ. ئۇ كونترولنى ئۆزىمىز ئەكىرمىسەك بولمايدۇدە. شاشتېكىن ئەپەندى VB نى ئۆگىنىشتىن ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ مانا، مۇبارەك بولسۇن، داۋاملىق تىرىشىڭ. ئەركيۇرت يوللىغان ۋاقتى2014-11-9 07:46
Yashar Menuكونترولىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويۇ ...
مەن ئۇ كونترولنى ئايرىم قاچىلىمىساممۇ بولىۋەرگەنتىغۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركيۇرت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-9 18:23
شاشتېكىن يوللىغان ۋاقتى2014-11-9 13:47
مەن ئۇ كونترولنى ئايرىم قاچىلىمىساممۇ بولىۋەرگەنتىغ ...
دىمەكچى بولغىنىم. vb نى توردىن يېڭى چۈشۈرۈپلاكونترول رايونىدىنYashar menu نى تاپقىلى بولماس. شۇڭائاشۇ ocx كونترولنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز دىمەكچى. ياخشى ئىزدىنىش بوپتۇ.لىكىن بىردىن بىردىن قىلىغان ئىشكەن دە ئەركيۇرت يوللىغان ۋاقتى2014-11-9 13:49
دىمەكچى بولغىنىم. vb نى توردىن يېڭى چۈشۈرۈپلاكونترو ...
ھە بولىدۇ! مەن دېگىنىڭىزدەك قىلاي ئەمىسە، بىراق ھازىرچە ياخشىراق تور دېسكىسى تاپالماي يۈرىيمەن ئەمەسمۇ. 360 ۋە چىيەنناۋلارمۇ بولمايۋاتىدۇ ھازىر. ئەركيۇرت يوللىغان ۋاقتى2014-11-9 13:49
دىمەكچى بولغىنىم. vb نى توردىن يېڭى چۈشۈرۈپلاكونترو ...
سىز «oxc» ئەمەس، «ocx» دېمەكچىغۇ دەيمەن. مەنمۇ سىناپ باقي ئەمسە ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!!!! مەن باياتىن سىناپ باققانتىم ھەقىقەتەن ئىشلىتىشكە بەكلا قولايلىق ئىكەن...
بەت:
[1]
2