ئوقۇتقۇچى بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى:ئەتىگەن روھلۇق ھالدا ئورنىدىن تۇرۇش، ئائىلىدى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈتۈۋاتقان ھەر بىر مىنۇتنى مۇۋاپىق بىكىتىش، مەجبۇريەت ئۈچۈنلا ۋەزىپە ئورۇنداش تۇيغۇسى بولماسلىقى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم، ئىشقا ۋاقتىدا بېرىش، كىچىكىپ قالماسلىق، ئىش ئورنىدا ئىتتىپاق، كەڭ قورساق، كەم سۆز بۇلۇپ كەسىپداشلار ئارا كۆپرەك پىكىرلىشىش، ھەمكارلىشىش ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىش پائالىيەتلەردە بولماسلىق، چىدامچانلىق، تىرىشىپ ئۈگۈنۈش ۋە ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىش روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش، ئۆز كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى ھەر دائىم يالقۇنلاپ تۇرۇش، رىقابەت تۇيغۇسى، خىزمەتكە بىرىلىپ ئىشلەش تۇيغۇسى، ئۆزىنى ئاتا قىلىش تۇيغۇسى بۇلۇش، خىزمەت بېسىمى بولماسلىق، خىزمەتلەردە ئۆزىگە بېسىم قىلىۋېلىش تۇيغۇسى بولدىمۇ ئۇ چاقدا ئۆزىدىكى ئىشەنچ تۇيغۇسى ئاجىزلاپ ئوقۇتقۇچىلىق روھ تۈگدى دىگەن گەپ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقىت كۆز قارشى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇش، ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋاقىتنى توغرا ئورۇنلاشتۇرشى كىرەك. ۋاقىت قارشى بولمىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ئورنى ناھايىتى تۆۋەن بۇلىدۇ. قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىش، بوشاڭلىق قىلماسلىق، كىچىك مەسىلىلەر ئۈستىدە دائىم ئويلىنىپ تۇرۇش، كۆپ پىكىر قىلىش ۋە قول سېلپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىش، ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشىلتىشنى بىلىش، ئىشىلتىش مۇھىتى ھازىرلاشقا ماھىر بولۇش، شوخ-تىتىك بۇلۇش باشقىلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ھالىتىنى ئۆزىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش، باشقىلارنىڭ مىجەزىگە بېقىپ ئىش تۇتۇشنى بىلىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماسلىق لازىم. بولمىسا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى سىز تېزلا چۈشۈپ كىتىسىز.
مۇشۇنىڭدىنلا ئوقۇتقۇچىلىقنى ھەممە ئادەمنىڭ قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. :handshake توغرا دەيسىز . ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق جاپاسى با . توغرا دەيسىز . ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق جاپاسى با . ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ھەم جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت . «ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ» دېگەندەك، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەردىنى ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللانغۇچىلار ئەڭ تولۇق بىلىشى مۇمكىن. بىرقىسىملارنىڭ نەزىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئاسان خىزمەت، ئەمما ئورنىدا شۇ كىشى بولسۇنا ئالدى بىلەن ئەڭ قاقشايدىغىنى دەل شۇ كىشى بولۇپ چىقىدۇ.
ھازىر مەيلى ئوقۇتقۇچى بولۇڭ ياكى باشقا خىزمەتچى بولۇڭ ۋە ياكى تىجارەتچى- دېھقان بولۇڭ، ھەممە ئىش بەك تەسلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلىق شۇنداق. يوقۇردا ئوقۇتقۇچىلارغا خىزمەتتە ئۆزىگە بېسىم ھېس قىلىۋالماسلىق دېيىلىپتۇ، قارىماققا بۇ سۆز توغرىدەك، چوقۇم شۇنداق قىلىشتەك تويۇلغىنى بىلەن مەنچە بولغاندا بۇنىڭغا سەل باشقىچە پىكىرىم بار: 1. ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئەزەلدىنلا مىنۇت- سېكونتلاپ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان خىزمەت، شۇڭا بېسىم ھېس قىلىش تەبئىي ئەھۋال؛ 2. بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن باشقا قوشۇمچە خىزمەتمۇ ئاز ئەمەس بۇ بىر بېسىم ھېس قىلىشنىڭ مەنبەسى؛ 3. ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرىدىغان (ئەسلى يېتەكچىلىك قىلىدىغان دەپ ئېلىش كېرەك ئىدى، بىراق بۈگۈنكى كۈندە يېتەكچىلىك قىلىش دېگەندىن كۆرە باشقۇرۇش دەپ ئالغان تۈزۈك، شۇڭا شۇنداق ئالدىم) تۈرلۈك رەھبەرلىك تارماقلىرى نېمە ئۈچۈندۇركىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشتىن ئىبارەت ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە سەل قاراپ، ھەرخىل قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ھىچبىر ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا يېنىكلىك بىلەن يۈكلەۋىرىدۇ (بىلىشىمچە ھېلىمۇ ياخشى بۇنداق ئىشلار بۇرۇنقىدىن سەل- پەل ئوڭشالغاندەك)، بۇمۇ بىر بېسىمنىڭ مەنبەسى؛ 4. ناھايىتى ئاز ساندىكى بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ قانداقلارچە دەرس مۇنبىرىگە كىرىپ قالغانلىقىنى، دەۋر ئالدىدىكى ئەقەللىي بۇرچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېلىھەم بىلمەي، ئۆزىنى باشقا ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن قارغۇلارچە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمىتىگە نىسبەتەن زورمۇ- زور بېسىم كەيپىياتىنى يۈكلەپ قويىدۇ.
ھىچكىمنىڭ بېسىم ئىچىدە ياشىغۇسى يوق، ئەركىن- ئازادە، جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە كۈندىلىك ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرگۈسى كېلىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەت ھەرخىل ئامىللار بىلەن ئۇنداق بولۇپ كەتمەيدۇ. نېمىلا بولمىسۇن ئوقۇتقۇچى بىر ئادەم تەربىيەلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىدىن باشقا ئەتراپتىكى ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش، كىشىلىك ئالاقە، گەپ- سۆزلىرىدە ياخشى تەسىر بېرىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر تېمىدا يۇرۇتۇلغان ئامىللار ئاساسىدا ئىزدىنىپ، ئۆزىنى پەيدىنپەي تاكاممۇلاشتۇرۇپ مېڭىشى زۆرۈر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-14 15:19
ناھايتى ئورۇنلۇق سۆزلەر ئىكەن."جام"ئەپەندىممۇ كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى دەپتۇ،يۈرەككە ياققۇدەك گەپلەر ئىكەن.بۇ پۇرسەتتە مەنمۇ ئىككى ئېغىز سۆز قىلىۋالسام.
ئوقۇتقۇچىلىق شەرەپلىك خىزمەت دەيمىز.نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغىنى كەلگۈسىنى قۇرغۇچىلاردۇر،شۇنى ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەككى ئالدىمىزدىكى بالىلار بىزنىڭ توختىماي كۆيىنىشىمىزگە،پەرۋىش قىلىشىمىزغا،تەربىيلىشىمىزگە مۇھتاج.ئۇلار بىلمەسلىكى،يېتەرسىزلىكى،نۇقسانلىرى بولغاچقىلا بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.قاقشاش،ئەيىپلەش مەسىللەرنى تۈۋىدىن ھەل قىلالمايدۇ.بىز ئۇلارغا سۆيگىمىزنى بېرىشىمىز،سەۋىرچان بولىشىمىز،توغرىنى تونىتىشىمىز كېرەك.مۇشۇ بالىلاردىن قاقشاش،خىزمەت جاپاسىدىن قاقشاشلارنى ئاڭلاشتىن تولىمۇ زېرىكتىم.نەدە ئۇنداق مۇكەممەل بالا؟بالا مۇكەممەل بولسا بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇراتتىمۇ؟نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش؟جاپاكەش ئۇستازلىرىم،خىزمەتداشلىرىم....قاقشىمىغان بولساق.قاقشىغانغا بىر ئىش ھەل بولۇپ قالمايدۇ.ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن تۇرساق.باللىرىمىزنى سۆيەيلى،كەسپىمىزنى سۆيەيلى.شۇنىڭدا ئەل بىزنى سۆيىدۇ.
ئەسكەرتىش بېرەي،بۇ يەردە مېنىڭ قاقشىمساق دىگىنىم بالىلاردىن ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن قاقشىمىساق.ھەرگىزمۇ بەزىبىر ئەھمىيەتسىز،شەكىلگە قىلىپ قويىدىغان ئىشلارغىمۇ سۈكۈتتە تۇرايلى دىگەن گەپ ئەمەس. ئوقۇتقۇچىغائادىمىيلىك نەزەر بىلەن قارىغاندا ۋە ئادەم سۈپىتىدە قارىغاندا ھەددىدىن ئارتۇقچە تەلەپنى قويۇشنىڭ ئۆزى ئورۇنسىز.
جام ئەپەندى ئېيىتقاندەك " ئىسنىڭ دەردىنى مورا بىلىدۇ". ئەجىرىڭىزگە باركاللا ! Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى2014-11-14 13:05
ناھايتى ئورۇنلۇق سۆزلەر ئىكەن."جام"ئەپەندىممۇ كۆڭۈلدى ...
ئايشەم خانىم دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق مەن سىزنىڭ بۇيەردە دەپ ئۆتكەن قاقشاش، دىگەن سۈزىڭىزنى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن ، مەجبۇريەت بىلەنلا قەتتى خوش ياقمىغان ھالدا ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆز ئالدىمىزدا بولغاچ تولا ئاھ ئۇرۇپ ۋايساشلىرىئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىۋىتىدۇ، گىپىنىڭ خاتالىقىغارەدىيە بەرگۈچىلەر بولسا ئۇلارنىڭ گىپى چوڭ، ئەمدى مۇشۇنداق مۇنازىرلىشىش ئارقىلىق ئاشۇنداق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق قاقشاپ ۋايساشلىرىغائازراق بولسىمۇ پايدىسى بوپ قالا دەيدىكەنمىز
بەت:
[1]
2