Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 22:42:36

كومپىيوتېر ئۇستىلىرىدىن مەسلىھەت سورايمەن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-6 22:47

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان ئەھلى!بۈگۈن مۇنبەردىكى كومپىيوتېر ئۇستىلىرىدىن مەسلىھەت سورايمەن!يەنى بىر دوستۇمنىڭ بىر خاتىرە كومپىيوتىرى بار ئىدى!ماڭا سېستىما قاچىلاپ بەرگىن دىگەنىدى!بۇ كومپىيوتېرغاXPسېستىمىسىنى قاچىلىساق شۇنداق نورمال قاچىلىنىدۇ ھەم ئىچىلىدۇ!لىكىن نىمىشقىكىن بىلمىدىم،Win7قاچىلىساق تەستىرەك قاچىلىنىدۇ ھەم ئىچىلالماي كۆك ئىكران بوپ قالىدۇ!شۇڭا كومپىيوتېر جەھەتتە بىلىمى مول كومپىيوتېر ئۇستىلىرىدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن!رەسىمدىكىسى كومپىيوتېرنىڭ ئەمەلىي سەپلىمىسى!مۇشۇنىڭغا قاراپ قايسى سەپلىمىسى Win7نىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىكەن ياكى تۆۋەن كىلىدىغانلىقىنى ھەم قايسى سەپلىمىلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلار!

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 00:04:32

Win7 نىڭ ghost نۇسخىسىنى قاچىلىماي تولۇق نۇسخىسىنى قاچىلىسىڭىز قالايمىقان خاتالىق چىقىۋالمايدۇ.

ahat0902 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 12:17:16

شۇنداق، ئاتامان دېگەندەك win7 نىڭتەپسىلىي قاچىلىنىدىغان نەشىرىدىن بىرنى قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ. بۇ كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ماس كېلىدىكەن. لېكىن كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىلىرى ئوخشىمايدىكەن. شۇڭا ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارغا ماس كەلگەن سېتىما بۇ كومپيۇتېرغا ماس كېلىشى ناتايىن. ئادەتتەكومپيۇتېرمەلۇم قاتتىق دېتالنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى تاپالمىسا ياكى ماس كەلمىسە مۇشۇنداق كۆك ئېكران بولىۋالىدۇ. (كۆپرەك ئاۋاز كارتىسى بىلەن سۈرەت كۆرسىتىش كارتىسىدا كۆرىلىدۇ.)

ئاراپات يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 19:33:11

   سىز ئىككى گىگابايتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ سېلىڭ ، بىر گىگابايتلىققا win7 سېستىما سىغمايدۇ ، شۇڭا ئېچىلالمايدۇ دېگەن گەپ .

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 20:19:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-7 23:05

مەن قارىساممۇ ئىچكىساقلىغۇچ بەكلا كىچىك تۇرامدۇ نىمە؟2گبۇلغان بۇلسا بەلكىم ئۇنداقمۇ بۇلۇپ قالماس بۇلغىيىتى.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 21:35:47

ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت!

talwa يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 21:47:32

سىز ئەڭ ياخشىسىبۇ سەپلىمە بىلەن جېنىڭزنى قىيناپۋىن   7 ئوينايمەن دېمەڭ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:59:46

talwa يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 21:47
سىز ئەڭ ياخشىسىبۇ سەپلىمە بىلەن جېنىڭزنى قىيناپۋىن   ...

قايسى سەپلىمىسى تۆۋەن ئىكەن،قايسى سەپلىمىلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك ۋىندوۋىس 7 نى نورمال قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟تەلىم بەرگەيسىز!

aishan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 12:21:44

ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى بەك كىچىككەن ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرىۋېتىڭ.....
بەت: [1]
: كومپىيوتېر ئۇستىلىرىدىن مەسلىھەت سورايمەن!