alxir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 22:03:46

SIE تور كۆرگۈچ ئۇيغۇرچىلاشتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويۇپ تورغا يوللايمەن يۈرگىلى نەۋاخ، لېكىن مۇشۇ كەمگە قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولۇمنىڭ ئۇچىدا تېما يېزىشنى خالاپ كەتمىگەچكە ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم، ئەيىبكە بۇيرىماڭلار.
دېتال ئىسمى: SIE تور كۆرگۈچ(ئىلىم-پەن تور كۆرگۈچ)   Science Internet Explorer
چۈشەندۈرۈش: ئىلگىرى تور يۈزىدە ماتېماتىكا سوئالى ئىشلەيدىغان بولۇپ قېلىپ، سوئال بار تور بەتنى ئاچساق بەزى فورمۇلا ۋە ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەر نورمال كۆرۈنمىگەن ئىدى. نەچچە تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرساقمۇ ئوخشاش، كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مۇشۇ تور كۆرگۈچنى تەۋسىيە قىلغان. يېقىندا يەنە ئىشلەتمەكچى بولۇپ قېلىپ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بولۇپ قارىسام تىل ھۆججىتى ئوچۇقكەن، يۇنىكود قوللايدىكەن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم.
تىلى: ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە
نەشرى: 1.0.3.3
ئىجرا مۇھىتى: ئىگە تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقان چۈشۈرۈش ئادرېسلىرىدا Win9X Win2000 WinXP Win2003 Vista Win7 دەپتۇ. مەنwin7 64bit تا سىناپ باقتىم.
ھالىتى: 32&64 بىت
ئىقتىدارى: ئادەتتىكى IE تور كۆرگۈچ بىلەن كۆپ پەرقى يوق تور كۆرگۈچ. ئاساسلىقى توردا تەبئىي پەن سوئاللىرىنى ئىشلىگەندە فورمۇلا ۋە ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى نورمال كۆرسىتىشتەك ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بار. سىغىمى كىچىك، ئەپچىل دېتال.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: ئاۋۋال دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ئېكراندا IE تور كۆرگۈچنىڭ سىنبەلگىسىگە ئوخشايدىغان سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.
http://rasm.sb.uz/pics2/5352de96bc741232c8d3e5ab994b08a0.jpg
دېتالنى قوزغىتىمىز، ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجىكىدە خەنزۇچە يېڭىلاش ئەسكەرتىشى چىقىدۇ (تورغا ئۇلانغان ھالەتتە). يېڭىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى سىزگە تور كۆرگۈچنىڭ مۇھىم قىستۇرمىسىدىن ئىككىنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭىلىنىپ بولغاندا دېتال قايتا ئېچىلىدۇ. ئەمدى دىققەت قىلىڭ. دېتالدىن چېكىنىپ دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىنى ئاچىسىز. مەن دېتال بىلەن تەمىنلىگەن تىل ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى language ناملىق قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرىمىز، بۇ چاغدا «بۇ ھۆججەت بار، ئالماشتۇرامسىز؟» دەپ ئەسكەرتىدۇ، ھەئە دەپ ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. ئەمدى ئېكرانغا قايتىپ دېتالنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر تىلى ئىنگلىزچە بولۇپ قالغان بولسا ئۈستىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن Language نى تاللاپ، ئاندىن Chinese نى تاللىسىڭىز ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە، ئىشلىتىش ئۇنچە تەس بولمىغاچقا تەپسىلىي چۈشەندۈرمىدىم.
http://rasm.sb.uz/pics2/2657b78c414ce3f4fbde5be0d5bd2004.jpg
http://rasm.sb.uz/pics2/95f088e00c0ce64972706903e4a63240.jpg
تەڭشەكتىن بىر قىسىم تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
http://rasm.sb.uz/pics2/8a8999463e8212461f1a805e8d0b5069.jpg
يەنە دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىڭىز كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
http://rasm.sb.uz/pics2/cdad50fa695ce77f66c54e1e02957e50.jpg
mathQ نومۇرىڭىز بولسا دېتالغا تىزىملىتىپ كىرىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
http://rasm.sb.uz/pics2/b4b1bd24acce1734396b12319682988a.jpg
تەڭشەكنىڭ يېنىدىكى ساقلانما تىزىملىكىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تور بەتلەرنى ساقلىۋالغىلى ۋە ساقلانمىلارنى تەھرىرلىگىلى، ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.
http://rasm.sb.uz/pics2/369ccdcbedf14655e78c67634ab3dfb3.jpg
ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىدىكى بىر قىسىم قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى ئۆزۈڭلار بىر-بىرلەپ ئىشلىتىپ باقارسىلەر
http://rasm.sb.uz/pics2/a7b9b6658d6b668d5ea45e76d13279df.jpg
سىغىمى: دېتال ۋە تىل ھۆججىتى بىلەن 4.17mb
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
链接: http://pan.baidu.com/s/1gdrc5BP 密码: br8p
https://kanbox.com/f/9K0e
http://mail.sina.com.cn/netdisk/download.php?id=c8751d1fba59bc1a3d157a07c245af2553

قايسى ئادرېستىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
تەشەككۈر: مەزكۇر دېتالنىڭ تەرجىمىسىگە پىكىر-تەكلىپ بەرگەن كۈلكە(يۈسۈپجان تۇرسۇن) ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:48:32

ناھايتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، رەھمەت

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:48:53

ناھايتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، رەھمەت

جوردان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:01:23

كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر رەخمەت ؛ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپسىز ؛يەنە رەخمەت؛:handshake

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 13:11:59

تېما يوللۇغۇچىغا رەھمەت.

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 13:14:55

بەك ياخشى ئىش قىپىسىز

خىيال388 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 20:24:07

بەك ياخشى ئىش بوپتۇ . ئەمدى توربەتلەرنىڭ تەڭشەكلىرىنىمۇ ئىككىلەنمەي تەڭشىيەلەيدىغان بوپتۇق . رەھمەت سىزگە.

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 22:35:16

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن تامچە سۇ كەبى ھەسسە قوشۇۋاتقان سىزگە ئوخشاش بارلىق مېھنەتكەش قېرىنداشلىرىمغا ھازىرچە پەقەت تەشەككۈر ئېيتىشتىن ئۆزگىنى قىلالمىدىم، تەشەككۈر مېھنەتكەش قېرىندىشىم، ھارمىغايسىز، ئالتۇن تېنىڭىز ئامان، بارلىق ئىشلىرىڭىز ئاسان بولسۇن!

Ayshemgul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 16:54:54

جاپا چېكىپسىز.ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!تەڭگە بەرگەندىكىن ئىنكاس يازمايچۇ بولدى دەپ ئويلىغان:lol،يەنە تۇرۇپ كۆمۈلۈپ قالمىسۇن دەپ قالدىم.ئۈستىگە چىقىرىپ قويسام مەن سەۋەپلىك بىرسى بولسىمۇ كۆرۈپ پايدىلنىۋالسۇن:victory:ئۇكامنى ياخشى قوللايمەندە مەن:lol

alxir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 17:20:45

Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى2014-11-14 16:54
جاپا چېكىپسىز.ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!تەڭگە بەرگ ...

ئاپلا، ئاۋۇ ئۇكام دېگەن گەپنى دېمەيتىڭىز دەيمە
مۇنبەردىكىلەر بىلىۋالىدىغان بولدىدە:lol
ھەممە ئىشنى ئاشكارىلاپ;P
بەت: [1] 2
: SIE تور كۆرگۈچ ئۇيغۇرچىلاشتى