نامسىز139 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 17:11:29

خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىزدەيمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇنبەرداشلار
ماڭا كۈندە بىر سائەت ياكى ئىككى سائەت توردا خەنزۇ تىلىئۆگىتىپ قويىدىغان ئوقۇتقۇچى لازىمتى. ئۆگىتىشنى خالايدىغانلار مەن بىلەن ئالا قىلىشىڭلار.
شەرت :
1.ئۆزى خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇرتىلىنى پىششىق بىلىشى كېرەك.
2. ۋاقىت كۆز قارىشى يۇقۇرى بولىشى كېرەك چۈنكى ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت .
3.مىنكوخەن بولماسلىقى كېرەك.
ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى:
ياش:19
جىنسى: ئەر
مىللەت: ئۇيغۇر
باشلانغۇچنى ئۇيغۇر مەكتەپتە ، تولۇقسىزنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئۈچ يىل ئىلگىرى ، ئۈچ يىلنىڭ ياقى چورت ئىشلەتمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتتى . ئەمدى بولسا لازىم بولدى. كۇرۇسقا قاتنىشاي دېسەم بىر يەردە مۇقىم تۇرۇپ بولالمىدىم ھېلى ئىچكىردە ھېلى ماۋۇ يەردە دېگەندەك.
ئەسكەرتىش : خەنزۇتىلىنى چالا بىلىدىغانلار(ئۆگىتىش سالاھىيتى بولمىغان دوستلارنىڭ ) ئاۋارە قىلماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتىنىمەن.
ئوقۇتۇشنى خالايدىغانلار بىلەن ئوقۇتۇش پۇلۇسىنى كېلىشسەك بولىدۇ.
ماڭا ئوخشاش خەنزۇ تىلىدىن ئازراق ئاساسى بار خەنزۇتىلىنى ھەقىقىي ئۆگەنگۈسى بار تورداشلار بولسا ئوقۇتۇش ھەققىنى بىرلىكتە تۆلەپ ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بىر ئادەمگە ئۆتسىمۇ ئۆتىدۇ شۇ دەرىسنى، ئۇنىڭدىن جىق ئادەمگە ئۆتسىمۇ شۇ.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 17:25:38

مەنمۇ بالامغا ئۇگتەيمىكى دەيمە .

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:47:54

باشلانغۇچنى ئۇيغۇر مەكتەپتە ، تولۇقسىزنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئۈچ يىل ئىلگىرى
تۇللۇقسىزنى خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇپسىز. مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە سىزگە كىم خەنزۇ تىلى ئۆگۈتۈشكە پېتىنالايدۇ.

arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 23:20:31

نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 20:47
تۇللۇقسىزنى خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇپسىز. مۇشۇنداق تۇرۇپ ي ...

بۇ توردىشىمىز چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن دەيمەن.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 00:55:52

ئەگەر ھەقىقى ئۆگىنىش نىيتىڭىز بولسا مەن ئەلۋەتتە ياردەم قىلىمەن.چ چ:1457659253

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 12:35:33

بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەن، سىز رازى بولغۇدەك دەرس ئۆتەلىشىمدە گەپ يوق. ئۆگىنىش نىيتىڭىز بولسا مىنى ئىزدەڭ

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 18:32:15

ئۆگىنىش ئىرادىڭىز بولسا   ئۆزلىكىڭىزدىن ئۆگەنسىڭىزمۇ ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز. پايدىلىنىدىغان ماتېرياللار جىق تۇرمامدۇ.

نامسىز139 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 12:08:09

نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 20:47
تۇللۇقسىزنى خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇپسىز. مۇشۇنداق تۇرۇپ ي ...

ئۈچ يىلنىڭ ياقى پەقەت ئىشلىتىش پۇرسىتى بولمىدى، سىزمۇ بىلىسىزبىر تىلنى ئۈچ يىل ئىشلەتمىسە ئۇنتۇپ قېلىش تەبىي ئەھۋال بولۇپمۇ خەنزۇ تىلىدەك خەت سانى بەك جىق تىلنى . ھەم ماڭا خەنزۇ ئوقۇتقۇچى ئۆتكەن بولغاچقا خەتنى ئوقۇيالىساممۇ تەرجىمە قىلالمايدىغان ئەھۋاللار بار ، ئەمدى بىر مۇكەممەل ئۆگىنىش نىيىتىگە كەلدىم بۇ ھەرگىزمۇ بەزى تورداشلار ئويلىغاندەك چاقچاق ئەمەس، مېنىڭ ئاتىيىتەن مۇنبەردە چاقچاق قىلىپ ئولتۇرغىلى ۋاقتىممۇ يوق،

نامسىز139 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 13:48:58

Marshal يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 12:35
بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەن، سىز رازى بولغۇدەك دەر ...

سىزنى ئىزدەپ سىزنڭ تاپالمىدىم، مېنىڭ تورغا چىقىشىم ئانچە قولاي ئەمەستى، يا تېلىفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويماپسىز ،خاپا بولماي مېنىڭ يانفونۇمغا قىسقا ئۇچۇر يوللىغان بولسىڭىز ،مەن سىزگە تېلىفۇن قايتۇرغان بولسام.
يانفون: 18609030703

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 13:49:09

توردا ئۆگەنسىڭىزمۇ ياخشى ماتېرىياللار توردا خىلى كۆپ .
بەت: [1] 2
: خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىزدەيمەن