ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 23:26:25

روھلانغا قۇيۇلغان بەيدۇ ئېلانى ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار
قايسى كۈنى روھلاننىڭ باش بېتى ئىككى كۈن خەنزۇچە ئېچىلىدۇ دېگەن تېمىدا ئېيتقىنىمىزدەك، روھلاننىڭ چىقىمىنى ئازراق بولسىمۇ قامداپ، داۋاملىق روھلاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خەنزۇچە ئېلان ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تەستىق چىقتى ھەم مۇنبەر، چۈشۈرۈش، كىنو، ناخشا، ئۇلىنىش، ئويۇن، ماقالە بەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلىرىغا بەيدۇ ئېلانى قويۇلدى.
ئەمما بەيدۇ ئېلانىدا تۈر بۇيىچە چەكلىسىمۇ باشقا تۈرگە بەلگىلەپ قۇيۇلغان بىر قىسىم بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز ، ئەخلاقىمىز ۋە ئۆرپ ئادىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان ئېلانلار كۆرۈلۈپ قالىدىغان ئىشلار بار ئىكەن.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/128da438/


مۇشۇنداق ئېلانلار پەۋقۇلئادە كۆرۈنۈپ قالغاندا بىزنى تىللاپ كەتمەي، مۇشۇ تېمىغا ياكى ماڭا بىۋاستە شۇ ئېلاننى چەككەندىن كېيىن (شۇ ئېلاننى چەكمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئادرىسىغا ئېرىشكىلى بولمايدىكەن، شۇڭا چېكىپ ئېچىلغان بەتنىڭ ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىپلا ئۇ بەتنى تاقىۋېتىڭلار)ئېچىلغان تور ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار، شۇ ئېلاننىڭ ئادرىسى بۇيىچە چەكلىۋەتسەم قايتا كۆرۈنۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تورداشلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت.
روھلان تور بېكىتى
2014-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى

150015 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 00:03:13

ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز .مەن بايا قايسى تىمىنى كۆدۈمكىتاڭ بىلەلمىدىم ، ئاچساملا خەنزۇچە بەتلەردە تولا چىقىدىغان ھىلىققى ساغلاملىقمەھسۇلاتىنىڭ ئىلانى (يىرىم يالىڭاچ ئايالنىڭ رەسىمى) چىقىپتى ، يىنىمدا ئاكام باتى بەك خىجىل بوپ كەتتىم :funk::funk::funk:. بوسا شۇئىلاننى چىقىرۋەتسىڭىز    بوپتىكەن.:o:o:o

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 00:14:12

150015 يوللىغان ۋاقتى2014-11-4 00:03
ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز .مەن بايا قايسى تىمىنى كۆدۈم ...

شۇ خىلدىكى ئىككى تۈرلۈك ئېلاننى چىققان ھامان چەكلەپ بولدۇق (سىز ئېلاننى قۇيۇۋاتقاندا ياكى چەكلەۋاتقاندا كۆرۈپ قاپسىز قارىغاندا :lol )، ھازىرچە ئۇنداق ئېلانلارنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئەگەر يەنە شۇ خىلدىكى ئېلان كۆرۈنۈپپ قالسا ئادرىسىنى ئىنكاس شەكلىدە ياكى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتىپ قۇيارسىز.
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

rabbiy يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 12:35:16

ھە ئىشقىلىپ ئازراق كىرىمنى دەپ روھلاننى ساغلاملىق تور بېكىتى قىلىۋالمايلى، بۇنداق ئېلان تور بىكەتلەر تولا تۇرسا ،قانداقمۇ چەكلەپ بولغىلى بولا، ئۇيغۇرچە ئېلانلارمۇ بولغاندىكىن ئۇ خەنزۇچىسى ئامال بار چىقمىسا ياخشى بولاتتى، باشقا ئۇيغۇر تور بىكەتلەردىمۇ ھازىر كۆپ يوق، بۇرۇن بەك كۆپتى

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 14:41:13

ئىلان كىرىمى ئۇنچە يۇقرى ئەمەس ئەمما ئىلان قويمايمۇ بولمايدۇ .بوپتۇ قوللايمەن.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 19:47:44

سېرىق ئىلان بولمىسىلا ئېلان قويساقبۇلىدۇ .مەنمۇ قوللايمەن . ئېلانقويۇپ ئازراق بولىسمۇ كىرىم قىلىپ ئانچە -مۇنچە چىقىمنى كۆتۈرسىلا بولدى بىزمۇ   ئامال بار روھلاننى قوللاش ئۈچۈنباشقا يەردە ئېلان بېرىپ يۈرمەي روھلاندا ۋە سالوندا ھەقلىق ئېلان بېرەيلى .ھەممىمىز روھلاننى قوللاپ ئۇيغۇر مائارىپ تور بىكىتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشايلى .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 22:50:07

rabbiy يوللىغان ۋاقتى2014-11-4 12:35
ھە ئىشقىلىپ ئازراق كىرىمنى دەپ روھلاننى ساغلاملىق تور...

بىز شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدۇق، ئۇيغۇرچە ئېلان سۇپىلىرى ئاساسەن قالمىدى ياكى قالسىمۇ ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرىپ بولالمىدى ، شۇڭا مۇشۇنداق قىلمايمۇ بولمىدى.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 22:53:08

شىپا يوللىغان ۋاقتى2014-11-4 19:47
سېرىق ئىلان بولمىسىلا ئېلان قويساقبۇلىدۇ .مەنمۇ قول ...

قوللىغىنىلارغا رەھمەت، تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەرقايسىڭلاردەك قوللىغۇچىلار ۋە زىيارەتچىلەردىن ئايرىلالمايدۇ.

arkzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 23:38:04

تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە ئادەم ئۆز ئىرادىسى بويىچە ياشاشنى بىلمىسە بولمايدۇ. مەيلى كىم بولمىسۇن، «ئۆزىخالاپ كۆتۈرگەن تاشنىڭ ھەرگىز ئېغىر بولمايدۇ». ئادىلجان «دېڭىزغا سەكرەش»نى ئويلاپ سەكرەشكە جۈرئەت قىلىپتۇ. بۇ-ئۇنىڭ غەلىبىسى. قاراپ باقساق، ھازىر زادى قەيەردە ئېلان يوق!؟ ئېلانلاردىن ئۈنۈمۈلۈك پايدىلىنىپ قىممەت يارىتىش-ھېچكىمگە ياقماي قالمايدۇ. بۇ ئېلان قىممەت يارىتىپ روھللان تېخىمۇبىز ئۇنىڭدىنمۇ روھلىنىپ كەتمەمدۇق؟! بۇنىڭ نېمە يامىنى؟! گەپلەر ئېغىزدىن ئاسان چىققىنى بىلەن ئىجراسىنى تەستىرەك نەخلەشتۈرۈش مۇمكىن. شۇڭا ئادىلجاننىڭ بۇ «قىلغىنى»نىمېنىچە، قوللاشقا بولىدۇ.

altaxna يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 00:00:29

بىزدىمۇ قاچان بىر مۇكەممەل ئېلان سۇپىسى قۇرۇلار كۆۋرۈك بار ئىدى ئۇنىڭمۇ ئېلانلىرىنىڭ تايىنى قالماپتۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق چۈششەكلەر ھەممىسى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ يۈزىنى تۆكىدىغانلار ھەيييي……
بەت: [1] 2
: روھلانغا قۇيۇلغان بەيدۇ ئېلانى ھەققىدە