ساغلاملىق ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر ساغلام بولاي دىسىڭىز كۈرۈپ قوي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شىپا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-3 12:01ساغلاملىق ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر
http://img03.taobaocdn.com/imgextra/i3/806477618/TB20EPtaVXXXXa.XpXXXXXXXXXX_!!806477618.jpg
※ كىچىكىڭدىن چېنىقىپ بەرسەڭ، قېرىغاندا دورىغا ھاجىتىڭ چۈشمەس.
※ ھەرە ھەسەل يىغار، ھۇرۇن كېسەل (يىغار).
※ سوغۇق تاپاندىن ئۆتەر، كېسەل ئېغىزدىن.
※ كۆكتاتنىڭ سەرخىلى سامساق، داۋاملىق يېگەننىڭ تېنى ساق.
※ ياخشى تاماق دەپ كۆپ يېمە، ياخشى ھاراق دەپ كۆپ ئىچمە.
※ سۈرتۈلمىگەن پىچاقنى دات باسار، چېنىقمىغان بەدەننى دەرد (باسار).
※ شادلىق ــــ ساغلاملىق، غەم - قايغۇ ـ
※ساغلاملىق بىباھا گۆھەر،
※ساغلام تەندە ساپ ئەقىل،
※ئاغىرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا،
※چاينىماي يېسەڭ، كۆشۈمەي ئۆلۈسەن،
※سوغۇق ئاياغدىن ئۆتەر، كېسەل ئېغىزدىن كىرەر،
※تەرلىدىم دەپ چاپان سالما، توڭلىدىم دەپ چاپان كىيمە،
※كۆزۈڭ ئاغىرسا قولۇڭنى تارت، چىشىڭى ئاغىرسا تىلىڭنى تارت،
※بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇر، دېگىن كېسەل نېرى تۇر،
※تەسكەي ئۆيدە كىسەل قۇرۇماس،
※پىچاقنى سۈرتمىسەڭ دات باسىدۇ، چېنىقمىغان تەننى كېسەل باسىدۇ،
※كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى، خاپىلىق ھاياتنىڭ توزىقى،
※ئاچ قورساققا تاماق يىسەڭ مېغىز تېتىيدۇ، توق قورساققا تاماق يىسەڭ سېغىز تېتىيدۇ،
※ئالتۇن تېنىڭ ئامان بولسا ،ئالتۇن قاچىدا ئاش ئىچىسەن،
※تاماقتىن كېيىن يۈز قەدەم ماڭساڭ يۈز ياشقا كىرىسەن،
ياشىرىمەن دەپ دورا ئىچكەندىن، ئۆكسۈتمەي يۈگۈرگەن ياخشى،
دورىنى ئاز يە، مىجەزىڭنى كۆپ تەڭشە،
زۇكام بولمايمەن دېسەڭ ، سوغۇق سۇدا يۇيۇن،
ئىش ئىشچاندىن قورقىدۇ، كېسەل چېنىققاندىن قورقىدۇ،
نۇر، ھاۋا، سۇ ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئۈچ گۆھىرى،
ھەرىكەت قىممىتى چىدام غەيرەتتە، تاماق لەززىتى چايناپ يېيىشتە،
تاۋلىمىسا پولات بولماس، چېنىقمىسا ساغلام بولماس،
مۈكچەيگەننىڭ بېلىنى كەتمەن تۈزلەيدۇ،
ھۇرۇنغا كېسەل ئامراق،
ھەرىكەت بەرىگەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت،
ساقلىق تىلىسەڭ كۆپ يېمە، ئىززەت تىلىسەڭ كۆپ دېمە،
ئىرادە ھەرقانداق دورىغا قارىغاندا كۆپرەك ئۈنۈم بېرىدۇ،
قىلبىنى داۋالىماي تۇرۇپ بەدەننى داۋالىغىلى بولمايدۇ،
ئەت ئەتكە، شورپا بەتكە،
ھەرە ھەسەل يىغار،ھۇرۇن كېسەل يىغار،
كۆكتاتنىڭ سەرخىلى سامساق، داۋام يېگەننىڭ تېنى ساق،
رەتلەپ ئەۋەتكۈچى:شىپا
ساقلاپ قويغىدەك ماقال-تەمسىللەركەن. ئەجەپ ياخشى بولدى ، بەك لازىم ئىدى رەخمەت.{:1_1:} ياخشى تېمىدىن بىرنى بىزگە سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! جاپا چېكىپسىز.
مۇشۇ ماقال- تەمسىل، روبائىي دېگەنلەرنى بىر جەۋھەر دېيىشكە بولىدۇ، جەۋھەر دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنى ھەممىمىز بىلىمىزغۇ.
بۇ ماقال- تەمسىللەرنىڭ مەنىسى ھەم ئەھمىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەزىدە باشقا يول ئارقىلىق كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىمىزنى سەرپ قىلىپ ئاران ئېرىشىدىغىنىمىزدىن بەكرەك ئېشىپ چۈشىدىغىنى يەنىلا مۇشۇ ماقال- تەمسىللەرنىڭ دەل بىزگە بەرمەكچى بولغان قىممىتى.
بەت:
[1]