8 خىل يېمەكلىك تېرىنى ئاقارتىپ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ
8 خىل يېمەكلىك تېرىنى ئاقارتىپ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇhttp://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/bc322264/
دېڭىز يۇسۇنى تۈرىدىكىلەر؛ زىسەي، لامنارىيە، دېڭىز ئاق يېسىۋىلىكى، چېچەك ئوتياش، قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھازىرقى زامان ئىلىم -پەندە ئىسپاتلىنىشىچە؛ دېڭىز يۇسۇنلىرى ئادەم بەدىنىنى ئاقسىل ، ماي، كاربۇن سۇ بىرىكمىلىرى، ھەرخىل ۋىتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن، شۇڭىلاشقا دائىم دېڭىز يۇسۇنلىرى تۈرىدىكىلەرنى ئىستىماق قىلىپ بەرگەندە سالامەتلىكككە پايدىلىق.بۇلۇپمۇ قىزلار فىزولوگىيىلىك ئامىللار تۈپەيلىدىن تۈمۈر كەملىكتىمن كىلىپ چىققان قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا دېڭىز يۇسۇنى تۈردىكىلەرنى كۆپ يەپ بەرسە تۈمۈر تۇلۇقلاشقا پايدىلىق.
ئۆز-ئارا تۇلۇقلىنىش ئۈچۈن ، تائاملارنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل بۇلۇش ، مىقدارى ئاز بۇلۇش كېرەك. بەدىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يىمەكلىكمۇ ھەرخىل بۇلۇش كېرەك،تۈرى كۆپ مىقدارى ئاز بولغاندا ، ئۇزۇقلۇق مىقدارىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ، ھەم سىڭىشلىك بۇلىدۇ.
بېلىق گۆشى تەركىبىدە %15- %24 كىچە ئاقسىل ماددىسى بار بۇلۇپ، مۇسكۇل تۇقۇلمىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى قىسقا، بىرىكتۈرگۈچى تۇقۇلما بىر قەدەر ئاز، شۇڭىلاشقا بېلىق گۆشى باشقا ھايۋانلارنىڭ گۆشىگە قارىغاندا بەكرەك سىڭىشلىك، ئاسان ھەزىم بۇلىدۇ ، بېلىق تەركىبىدىكى ئاقسىلنى ئادەم بەدىنى %87 -%98 سۈمۈرەلەيدۇ، بېلىق تەركىبىدىكى ماي تەركىبى باشقا گۆشلەردىن خېلىلا تۆۋەن،
بېلى تەركىبىدە بولسا يەنە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان تۇيۇنمىغان بىرىكمىلەر ۋە ماي كىسلاتاسى بار بۇلۇپ، تۇيۇنمىغان بىرىكمىلەر ۋە ماي كىسلاتاسى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى 60 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل سۈمۈرسە ئەڭ مۇۋاپىق ، ئۇنىڭدىن كۆپ بۇلۇپ كەتسە ھەرخەل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يىر كۈندە بېلىق يىسىڭىز 50 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
تۇزنىڭ ئاساسلىق تەرككىبى بولسا ناتىرىي خىلورىد، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناتىرىي بولسا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇ ئادەم بەدىننىنىڭ كىسلاتالىقى بىلەن ئىشقارلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، بىراق ھەر كۈنى ئىستىمال قىلىدىغان ناتىرىنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە بولمايدۇ، ناتىرىي مىقدارى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋېتىپلا قالماستىن يەنە قان بېسىمىنى يۇقىرلىتۋېتىدۇ، كالتىسى ۋە باشقا مىنىرال ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشنى تېزلىتىدۇ،ئەڭ خەتەرلىى شۇكى يەنە ئاشقازان راكىنىڭ خەۋىپىنى ئېلىپ كىلىدۇ، ئاياللارغا نىسپەتەن، بەك كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئاسانلا ئىششىق ،كۆز ئەتراپى قارىداش، باش ئاغرىش، ئادەت قالايمىقانلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ.
ئارلاشما قورىمىلارنى ماسلاشتۇرۇش يىمەكلىكلەرنىڭ ئاقسىل ۋە باشقا پايدىلىق نىسپىتىنى يۇقىرلىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئامىنو كىسلاتانىڭ تۇلۇقلىنىشى ۋە تۈمۈرنىڭ تۇلۇق سۈمۈرلىشى، ھەرخىل ۋىتامىنلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ تۇلۇق ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. يەنە مايدا ئېرىشچانلىق بىلەن سۇدا ئېرىشچانلىقنىڭ سۈمۈرلىشى تەڭپۇڭ بۇلىشى كېرەك.
سۈت تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدە مول مىقداردا كالتىسى بار بۇلۇپ، سۈت بېزىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق، سۈت تۈرىدىكىلەر نىڭ مول ئاقسىل ۋە كالتىسى مىقدارى كۆكرەك قىسىمىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق . يەنە سۈت قېتىق تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن A بىلەن ۋىتامىن Bقاتارلىق ئېلىمىنىتلارمۇ بار.
تۇخۇم تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەرخىل ئامىنو كىسلاتالار بار، ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بىرخىل تەبىئي تۇلۇقلىغۇچى.
ئۇزۇقلۇق نەزىريەسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، يىمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بەدەن ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، يەنە تۇخۇم تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان 8 خىل ئامىنو كىسلاتا ۋە ۋىيامىنلار بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈرۈچ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتا كەمچىل ،ئىككىسىنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا، بەدەننىڭ گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئاقسىللارنى سۈمۈرىشىگە پايدىلىق.
پۇرچاق تۈردىكىلەر ۋە قارا ئاشلىق تەركىبىدىكى ۋىتامىن B ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تىزلىتىدىغان ئاشقۇچ، ۋىتامىىن Bكەمچىل بولسا بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا تېرە ياللۇغى، دانىخورەك قاتارلىق تېرە كېسىللىكلىرى كۆرىلىدۇ، شۇڭىلاشقا بىر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تەركىبىدە ۋىيتامىن Bبولغان يىماكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشىمىز كېرەك.
مەنبەسى : ‹‹ ساغلاملىق يېتەكچىسى ›› ناملىق كىتاب
بەت:
[1]