كومپىيوتېرنىڭ مەخپىي شىفىرنى بۇزۇپ كىرىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaxlik007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-1 05:01ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلارقانداق ئەھۋالىڭلار ؟ بۈگۈن سىلەرگە كومپىيوتېر مەخپىي شىفىرنى بۇزۇش ئۇسۇلنى ئىلىپ كەلدىم . تۈنۈگۈن يوللايدەپ قارىسامروھلان تورى ئىچىلماي خەنزۇچە بەت ئىچىلۋىلىپ بەك ھەيران قالغانتىم ، بۈگۈن ئاچسام ئەسلىگە كەپتۇ . قىنى ئەمسە مەرھەممەت !
سۆزلەشتىن ئاۋال CMD ۋە OSK بۇيرىقىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي . OSK بولسا ئىكىران كونۇپكا تاختىسى ، بۇ بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلسىڭىز ئىكىراندا كونۇپكا تاختىسى ئىچىلدۇ . CMD بۇيرىقى بولسا كومپىيوتېرنى باشقۇرۇش سالاھىيتىگە ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىك程序( نىمە دەپ ئىلىشنى بىلمىدىم )ئىچىش ئۇسۇلى :باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجىرا قىلىش(运行)
نى ئىچېپ چىققان رامكىغا CMD نى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى باسسىڭىز ئىچېلدۇ ، OSK نى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى باسسىڭىز ئىكىران كونۇپكا تاختىسى قوزغىلدۇ . قالغىننى ئۆزۈڭلار ئالدىرماي تونۇشىۋالساڭلار بولىدۇ .
بۇ ئۇسۇلنى ئۈگەنگەندىن كىيىن سىز Windows سىستىمىسى قاچىلانغان ھەر قانداق كومپىيوتېرغا خالىغانچە كىرىپ چىقالايسىز !
ئاۋال تۆۋەندىكى تەييارلىقنى ياخشى قىلىڭ.
نورمال خىزمەت قىلالايدىغان كاللا(قاپاق كاللا ئەمەس جۇمۇ:P ) بىر دانە ، USB ئىغىزى ياكى ئوپتىك دىسكا ئوقۇش ئىقتىدارى نورمال بولغان كومپىيوتېر بىر دانە ، win7 سىستىمىسى قاچىلاشقا ئىشىلتىدىغان ئوپتىك دىسكا ياكى win peقاچىلانغان بارماق دىسكا بىر دانە . تەييارلاپ بولغان بولسىڭىز ئاستىغا قالاڭ .
1-باسقۇچ :ئوپتىك دىسكا ئارقىلىق كىرىشنى مىسال قىلساق . كومپىيوتېرنى قوزغىتىڭ (توك مەنبە كونۇپكىسنى باسسىڭىز قوزغىلدۇ )، قوزغالغاندىن كىيىن سىزدىن مەخپىي شىفىر كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا ، ئوپتىڭ دىسكىنى كومپىيوتىرغا سىلىڭ (پارول كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلمىسا بىۋاستە كىرىپ كەتسىڭىز بولىدۇ) . ئەمدىئوپتىك دىسكا ئارقىلىق كىرىپ سىستىمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسىز .
2-باسقۇچ:كومپىيوتېرنى قايتا قوزغاتقاندا كونۇپكا تاختىسىنىڭسول تەرەپ ئۈستىدىكى ESC كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرسىڭىز تىزىملىك ئىچىلدۇ ، تىزىملىكتىن DVD دىگەن خەت بار تۈرنى تاللاپ ئىنتىرنى باسسىڭىز كومپىيوتېر ئوپتىك دىسكىدىن قوزغىلدۇ . ئەمدى يۇقىردا سۆزلىگەن CMD ۋە OSK نىڭ ئورنىنى تىپىپ ئالماشتۇرمىز . دىتالنىڭ ئورنى :我的电脑 نىڭ ئىچدىن Cدىسكا رايونى ، Windows ھۆججەت قىسقۇچنىڭئىچىدىكى System32 ھۆججەت قىسقۇچتا.
ئاۋال OSK نى تىپىپ باشقا جايغا يۆتكەڭ،
ياكى كۆچۈرۋىلىپ ئەسلىدىكىنى ئۆچۈرۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەمدى CMD نى تىپىپ ئىسمىنى OSK غا ئۆزگەرتىڭ . بۇلارنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىڭ .
دىققەت :بۇ ئىككىسى سىستىما دىتالى بولغاچقا خالىغانچە ئۆچۈرمەن دىسىڭىز كومپىيوتېر ئەلۋەتتە ئۇنىمايدۇ ، شۇڭا ئاۋال ھوقۇق ئالىمىز . يەنى ھۆججەتنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ ، 属性نى تاللاپ چىققان كۆزنەكتىن 安全 دىگەن تۈرگە كىرسىز ئاندىن编辑گە كىرىپ نامى users بولغان ئىشلەتكۈچىنى تاللاپ允许 دىگەن خەتنىڭئاستىدىكى كاتەكچىگە توغرا بەلەئىسى قويۇپ مۇقىملاشنى باسىسىز . يەنە ئاستىدىكى 高级 دىگەن تۈردىن 所有者 غا كىرىپ 编辑ئ دىگەن تۈردىن بايقى ئىشلەتكۈچىنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرسىز .بۇلارنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھۆججەتنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ . ئەگەر بۇنى تەڭشىمەي تۇرۇپ سىز چەكسىز قىتىم ئۆچۈرۈشنى باسسىڭىزمۇ پايدىسى يوق . ھەر ئىككى ھۆججەتنى مۇشۇنداق تەڭشەيمىز .
3-باسقۇچ: كومپىيوتېر قايتا قوزغالغاندىن كىيىن سىزدىن مەخپىي شىفىر تەلەپ قىلىدۇ .چۈنكى سىز تىخى مەخپىي شىفىرنى ئۆزگەرتمىدڭىز . ئەمدى قىلالمىدىم دەپ قالاپ ئولتاماي ، سول تەرەپ ئاستىغا قارسىڭىز بىر كولۇچنىڭ رەسىمىگە ئوخشايدىغان كونۇپكا بار ، چەكسىڭىز تىزىملىك ئىچىلدۇ ، تىزىملىك ئىچىدىنئىكىران ئارقىلىق كىرگۈزۈش(使用屏幕键盘输入)دىگەن تۈرنى تاللاپ مۇقىملاشنى باسسىڭىز بايا سىز ئالماشتۇرۇپ قويغان CMD كۆزنىكى ئىچىلدۇ.
ئەمدى ئۆزىڭىز خالىغان ئابۇنىتتىن بىرنى قۇرۇڭ . يەنى ئىچىلغان كۆزنەككە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ ئىجىرا قىلسىڭىز بولىدۇ.
بۇيرۇق
net user abc 1234 \add
نى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى بىسىڭ (مەنىسى نامى abc پارولى 1234 بولغان ئىشلەتكۈچىدىن بىرنى قوشۇش)، بۇيرۇق تامام دەپ خەت چىقسا مەشغۇلاتىڭىز توغرا بولىدۇ. سىز ئابۇنتتىن بىرنى قۇردىڭىز ئەمدى ئۇنى باشلىق قىلىپ تەيىنلىمىسڭىز يەنىلا كىرگىلى بولمايدۇ ( met بىلەن user ، abc , 1234،نىڭ ئارسىدا بوشلۇق بار)
بۇيرۇق
net localgroup administrators abc \add
نى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى بىسىڭ (مەنىسى ئابۇنىت نامى abc بولغان ئىشلەتكۈچىنى باشقۇرغۇچىغا ئۆستۈرۈش)، تامام دەپ خەت چىقسا مەشغۇلاتىڭىز توغرا بولغان بولىدۇ . ئاخىردا كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىڭ.
4-باسقۇچ: قايتا قوزغالغاندىن كىيىن مەخپىي شىفىر كىرگۈزدىغان ئورۇندىن ئىككىسى بارلىقىنى كۆرسىز. ئەمدى سىز بايا قۇرغان abc ناملىق ئىشلەتكۈچىگە سىز بىكىتكەن مەخپىي شىفىرنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى بىسىڭ . ئەمدى كومپىيوتېر سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتتى ، خالىغانچە ئوينىسىڭىز بولىدۇ . (كىرگندىن كىيىن يەنە بىر باشقۇرغۇچىنىڭ مەخپىي شىفىرنى ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ . يەنە بىرى OSK بىلەن CMD نى ئەسلىگە ئەكەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ )
ئەسكەرتىش :بۇ ئۇسۇل
win xp, win7 , win8, win10 …
قاتارلىق سىستىمىلارغا ماس كىلىدۇ . ئەگەر بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كومپىيوتېرغا قالايمىقان چىقىلىپ ، جىدەل كىلىپ چىقسا مەن ئىگە بولمايمەن ھەم بولالمايمەن . نىمە جاپابۇwinpeبىلەنلا بۇرۇنقى پارۇلنى ئەمەلدۇرۋەتسىلا ياكى يىڭى ئابۇنىت قۇرسىلا بۇلىدۇ كىيىنكى مەزمۇن : دەرىسخانىدا كومپىيوتېرنى ئوقۇتقۇچىنىڭ كونتىروللىقىدىن چىقىرىش yaxlik007 يوللىغان ۋاقتى2014-11-1 05:03
كىيىنكى مەزمۇن : دەرىسخانىدا كومپىيوتېرنى ئوقۇتقۇچىنى ...
دەرىسخانىدا كومپىيوتېرنى ئوقۇتقۇچىنىڭ كونتىروللىقىدىن چىقىرىش نى ئۈگۈتۈپ قويىڭە:lol ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسىز ، قېنى مەنمۇ بىر سىناپ باقاي . تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپسىز. بۇ ھەقتە كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسىنىڭ ئەڭ ئۈنۈمۈلۈك بىر سائەت دەرسىنى ئاڭلىغاندىنمۇ ئەمەلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. مۇشۇنداق قوللىنىشچان ھۈنەرلىرىڭىزنى سۇنۇپ تۇرغايسىز، قېرىندىشىم. رەھمەت! رەھمەت سىزگە بۇرادەر، تېمىڭىزنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىكەن، مەن بىر سىناپ باقاي! روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-11-1 12:04
دەرىسخانىدا كومپىيوتېرنى ئوقۇتقۇچىنىڭ كونتىروللىقى ...
ئەڭ ئەپچىل چارە يەرلىك ئۇلىنىشنى ئۈزۈۋىتىش:lol روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-11-1 12:04
دەرىسخانىدا كومپىيوتېرنى ئوقۇتقۇچىنىڭ كونتىروللىقى ...
بولىدۇتىمامنى ئوقۇپ تۇرۇڭ ، كىيىنكى تىمىدا يوللىندۇ . alxir يوللىغان ۋاقتى2014-11-1 16:20
ئەڭ ئەپچىل چارە يەرلىك ئۇلىنىشنى ئۈزۈۋىتىش
دىگىنىڭىز توغرا . لىكىن بۇنداق قىلسىڭىز كومپىيوتىر تورغا ئۇلانمايدۇ . توغرا ئويلاپسىز،كىيىنكى تىمىدا بۇمۇ ھەل بولىدۇ . yaxlik007 يوللىغان ۋاقتى2014-11-1 16:51
دىگىنىڭىز توغرا . لىكىن بۇنداق قىلسىڭىز كومپىيوتىر تو ...
بىزنىڭ مەكتەپتە 红蜘蛛 دەپ بىر دېتال بىلەن كونتىرول قىلىدۇ، win7 سېستىما ، بۇرۇن 极域 نى ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا باشقۇرغۇچى شىفىرىنى 注册表 با يەردىن تېپىپلا 频道 نى ئالماشتۇرىۋېتىپ ئوڭايلا قاچاتتۇق، لېكىن ماۋۇنىڭغا پەقەت ئامال قىلالمىدۇق بىزنىڭ سىنىپتىكىلەر
بەت:
[1]
2