ASP.NET دەرسلىكى(1-قىسىم مۇھىت ھازىرلاش ۋە كىرىش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pirogrammer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-29 21:51ASP.NET دا تور بېكەت ئېچىش مۇنبىرىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ، مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بېرى ASP.NET غا دائىر ھېچقانداق دەرسلىك ياكى ماتېرىيال يوللانمىغان ئىدى. ئۆزۈممۇ بۇ پىروگرامما تىلىغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بولغاچقا بىر كۈندە ياكى ئىككى كۈندە بىر قىسىم دەرسلىك ئىشلەشنى ئويلىشىپ، ئۇشبۇ دەرسلىكنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمەن.
بۇ دەرسلىكنىڭ ئاخىرىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن مۇنبەرداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئانچە قىزىقىش بولمىسا بۇ دەرسلىك ئىزلەشنى توختىتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن. شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ۋە ئۇستازلارنىڭ يوليورۇقلاردا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەمىسە دەرسنى باشلاپ كەتتۇق. دەرسنى باشلاشتىن ئاۋۋال كومپيۇتېرىمىزغا Visual Studio 2010/2012/2013 نەشرىلىرىنىڭ خالىغان بىرى قاچىلانغان بولىشى كېرەك. ناۋادا بۇ ئېچىش مۇھىتى قاچىلىمىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ:
چۈشۈرۈش
قاچىلاش باشقا يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغانغا ئوخشايدۇ. لېكىن سىز بۇنى قاچىلىشىڭىز ئۈچۈن كېتىدىغان شەرتلەر: C دىسكا سىغىمىڭىزدىن 20G بوشلۇق بولىشى، شۇنداقلا C دىسكىغا قاچىلىشىڭىز شەرت. قاچىلىغان ۋاقىتتا بىر مۇنچە تاللاش ئورۇنلرى بار، سىز ئامال بار ھەممىسىنى تاللىغان ئاساستا قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
خوش، ئەمدى بىز Visual Studio2013 دە ASP.NETتور بېتى ئېچىش تەييارلىقىنى قىلىمىز.
1. Visual Studio2013 نى قوززغىتىمىز
http://www.pirogrammer.com/data/attachment/forum/201410/29/184645r11x2j6wxk62zwi1.png
2.ASP.NET پىروگرامما ئېچىش تۈر ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرىمىز
http://www.pirogrammer.com/data/attachment/forum/201410/29/184809q645qwrw4vyovspv.png
3. 1. كۆرستىلغىنى بولسا تۈر ئېچىش تىلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى تىلدا ئېچىشقا بولىدۇ. بىز C# تىلىنى تاللايمىز. نېمىشقا بۇنى تاللايمىز؟ بۇنىڭ جاۋابى بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز ماۋۇ يازمىدا بولسۇن: #C تىلى ئارقىلىق نېمە ئىشلارنى قىلىغىلى بولىدۇ؟ . 2- قۇرۇش ASP.NET تۈرىنى تاللايمىز. 3- تور بېكەت پىروگراممىمىزنىڭ ساقلىنىدىغان ئورنى. بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەڭ ئۈستى بۇرجەكتە .NET Framwork 4.0 نى تاللايمىز. بۇ ھەقتە كېيىنچە توختىلىمىز. 4- جەزملەش.
http://www.pirogrammer.com/data/attachment/forum/201410/29/185528dbkumo2hxmbel7c8.png
4. ئەمدىكى باسقۇچتا يېڭىدىن Web كۆزنىكىنى ئاكىرىمىز. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلىڭ.
http://www.pirogrammer.com/data/attachment/forum/201410/29/185657vq84797wxp7cmzq7.png
5. بۇ كۆزنەك سىزنىڭ ئاچماقچى بولغان تۈرىڭىزنىڭ، يەنى باشبەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ. ASP.NET تىلىدا Default دېگىنى HTML, PHP لاردىكى Index بىلەن ئوخشاش. شۇڭا ئاشتا تۇرۇۋەرسۇن. جەزملەڭ.
http://www.pirogrammer.com/data/attachment/forum/201410/29/185953wbnl4fsvbcb7oozp.png
6. خۇش، ئەمدى بىز بىمالال كود يېزىش باسقۇچىغا كىردۇق. كود يېزىش باسقۇچى ئىككىنچى قىسىم دەرسلىكىمىزدە سۆزلىنىدۇ. قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز پىروگراممېرلار مۇنبىرىدە بولسۇن.
http://www.pirogrammer.com/data/attachment/forum/201410/29/190428qi3d11c7297fdr63.png
پىروگراممېرلار مۇنبىرى
بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەندەك قىلىسىز، تېمىدىكى ئادرىس ئۇلانمىلىرى تولۇق ئەمەسكەن، تولۇقلاپ قۇيۇڭ. ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 20:09
بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەندەك قىلىسى ...
بۇ تېما ئۆزۈمنىڭ ئىدى، مۇنبىرىمدىن كۆچۈرگەن. بەزى ئۇلىنىشلارغا دىققەت قىلماپتىمەن. تەھرىرلەپ قويدۇم pirogrammer يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 21:53
بۇ تېما ئۆزۈمنىڭ ئىدى، مۇنبىرىمدىن كۆچۈرگەن. بەزى ئۇل ...
ھە، ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە، بولسا دەرسلىكنى داۋاملاشتۇرۇڭ، بېكىتىمىزنىڭ باش بېتىمۇ asp.net پىروگراممىسى، مەنمۇ بىرگە ئۆئەئىنىشىم مۇمكىن. كۆپ رەھمەت. مەندەك پىروگگىرامما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بۇ ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ، ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. pirogrammer يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 21:53
بۇ تېما ئۆزۈمنىڭ ئىدى، مۇنبىرىمدىن كۆچۈرگەن. بەزى ئۇل ...
بولىدۇ، ھازىر ماتېرىيال كۆرۈۋاتىمەن، ئۆگۈنلىككە يېڭى دەرسلىكنى سۇنىمەن. بولسا ئاۋازلىق چۇشنىشلىك قىلىپ يولىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلمەن مەنمۇ سەپكە قىتىلىشىم مومكىن. راسلا ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ...مەنمۇ بەك قىزىقاتتىم....دەرسلىكتە يولداشلار سۆزلىگەنلىكى ئۇچۇندىگەندەك ئۇگۇنەلمىگەن...... ماڭا بەك لازىم بوپتۇرغان مۇشۇنداق دەرىسلىك ، بوسا ماڭا يوللاپ بەگەن بولسىڭىز! چ چ 1610966495
بىللە ئۆگىنىدىغانلار بولسا تېخى ياخشى
بەت:
[1]