ساتېرىك يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:57:13

يانجۇقچى

يانجۇقچى
بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يوللاندى(تىلىۋالدىنىڭ شېئېرى)

بىكار تەلەپ سۆلەتۋاز،كوچا قاڭداپ يۈرۈيسەن،
ئەخمەق قىلىپ ساددىنى دائىم ئالداپ يۈرۈيسەن،
ھېيىقماستىن سومكا ۋە يانجۇق سىلاپ يۈرۈيسەن،
يانجۇقلارغا يەنە قول ئۇزاتمىغىن يانجۇقچى.

باشقىلارنىڭ پۇلىغا ئويناپ ئىچكەن نەدە بار،
ساڭا ئۆتكەن شۇ پۇلنىڭ تاغاردا بىر دەردى بار،
بىلسەڭ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز نېسىۋە ھەققى بار،
كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇپ قاخشاتمىغىن يانجۇقچى.

لەنەت!ئاناڭ بىلمەستىن تاپقانمىدى ھارامدىن،
ئەل قىساسى بىر كۈنى تۇتار شۇنداق ياقاڭدىن،
ھالال ئىشلە تەر ئاققۇز،بولما يەنە ياماندىن،
ۋىژدانىڭنى موچەنگە سەن ساتمىغىن يانجۇقچى.

         مەنبە: تىلىۋالدى

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 10:56:06

ياخشى يېزىلغان ساتىراكەن. قەلەم ئىگىسىگە رەھمەت.

uqkun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 14:17:41

بەك قاملاشتۇرۇپ يىزىپتۇ، رەھمەت.
----------------------------
يىزىقچىدا يانجۇق دەپ يازامدۇ ياكى يانچۇق مۇ؟ (مەن بىلەلمىگەچكە سورىدىم، باشقىچە پىكىردە بولمىغايسىلەر)

yanfun يوللانغان ۋاقتى 2015-5-6 14:29:38

ياخشى يزىلىپتۇ
بەت: [1]
: يانجۇقچى