soser يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 21:25:30

بەيشېلىيەن توك تاللا بازىرىنىڭ قوشۇمچە ھەق ئىلىشى قانۇنلۇقمۇ؟

مەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيسىدىن بولۇپ ،ئىلگىرى توك پۇلى تولسەم ،بىۋاستە توك ئىدارىسغا باراتتىم ،بۈگۈن توك ئىدارسىدىكىلەر ئارام ئالغان كۈن بولغاچقا ،كەچلىك بازار يىنىدىكى بەيشېلىيەن توك تاللا بازىرغا كىرىپ ،توك كارتىسى بىلەن 300يۇۋەن پۇلنى تەڭلىسەم ،3كوي پۇل بىرىلا دەيدۇ .نىمە پۇلئۇ دىسەم .پۇل قاچىلاش ھەققى دەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن ،پۇل بىلەن كارتىنى ياندۇرۇپ ئىلىپ چىقىتىم .
بۇ قانداقتۇر 3كوي پۇلغاچىدىمىغانلىق ئەمەس ،لىكىن مۇنداق دۇككان ئاچقانلارغا ئاڭلىسام بىرتال تالۇن چىقارسا (بىرقىتىم ئىش بىجىرسە) شىركەت 2موچەن بىردىكەن .بۇ دۇككان ئاچماقچى بولغان كىشلەر ،شىركەتكە ئالدىن 25000يۇەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ ،خوش خوش دەپ قول باغلاپ تۇرۇپ ،بىر دۆۋە توختامغا ئىمزا قويۇپ ،ئاندىن ئىچىش ئىجازىتى ئالىدىكەن .ئۇلار مۇشۇ قانۇنلۇق كىرىمىگە شۈكىرى قىلماي ،باشقلاردىن ئارتۇق پۇل يىغسا ،بۇ مىنىڭچە باشقىلارنى قاقىتى سوقىتى قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن ،مەن ،سىز ،ئۇ ھەممەيلەن ،2-3كويغا نىمە بولاتتى ،يىراققا بىرىپ يۈرگىچە بولدىلابوپتۇ دەپ ئولتۇرساق .بىر ئۇلارنىڭ خەلىقىنى قاقتى سوقتى قىلىشغا يىشىل چىراق يىقىپ بەرگەن بولىمىز .كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىش مەيلى قانۇندا ،مەيلى دىندا ئوخشاشلا يامان ئىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.مىنىڭچە ھەر بىرىمىزنىڭ ئۇلارنى شۇ يولدىن توساش مەجبۇرىيىمىز بار ئەلۋەتتە .چۈنكى "يامان ئىش -ھەركەتنى كۆرگەندە ،ھەركىتى بىلەن توسۇش ،ئامال بولمىسا تىلى بىلەن توسۇش،ئۇنىڭغىمۇ ئامال بولمىسا دىلى بىلەن توسۇش كىرەك ،دىلى بىلەن توسۇش ئاجىزلىقنىڭ جۈمىلىسىدىندۇر"دەيدىغان گەپ بارغۇ. بولمىسا ئۇلار بۇنىڭدىن كىيىن نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ تىخىمۇ يىڭى "كىرىم ئۇسۇلى" نى ئويلاپ چىقىش مۇمكىن.

باشقا مۇنبەردە تىزىملاتقان تورداشلار بولسا ،سورىماي ،تارتىنماي باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ تارقىتىپ قويساڭلار .ئەڭ يامىنى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار بولۇپ كەتمىسۇن .چۇنكى بۇ يازما خەنزۇ تىلىغاتەرجىمە قىلىنىپ ،بەيشېلىيەن شىركىتىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا ،12315نىڭ توردا پاش قىلىش ساندۇقىغا يوللاندى.خەلىققە ،ئۆزىمىزگە زىيانلىق ئىشلارغا دادىل قارشى تۇرۇش ھەربىر پۇقرانىڭ بۇرچى تورداشلار !!

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 23:29:51

مەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ پىكرى بۇيىچە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىمەن:
مەن مۇشۇ روھلان مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى ھەقلىق دەپ قارايمەن، سەۋەبى:
1. ئۇ سىزنىڭ نەچە ئون كىلومېتىر ھەتتا نەچە يۈزكىلومېتىر ئارلىقىڭىزنى، يولىڭىزنى قىسقارتتى، دېمەك ئۇ نەچچە يۈئەن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.
2. ئۇ سىزنىڭ نەچچە مىنۇت ھەتتا نەچچە سائەت ۋاقتىڭزنى تىجەپ قالدى، شۇڭا ئۇ مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.
3. ئۇ شۇ يېزا، كەنتىڭىزدە مۇلازىمەت ئورنى ئېچىپ، نۇرغۇنلىغان ئاممىىغا قولايلىق ياراتتى، ئۇلارنىڭ بىر پارچە تالون ئۈچۈن ئالغان 2 موچەن پۇلى دۇكان ئىجارىسىگە ياماقمۇ بولالمايدۇ، شۇڭا ئۇ مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.
4. سىزچە شۇلار بىر پارچە تالون(بلىشىمچە تۆۋەن بولغاندا 50 سوم قاچىلايسىلەر ) 2 مو ئالسا بۇ «قانۇنلۇق» كىرىم دىن قانچىلىك پايدا كېلىدىغانلىقىنى سىز ھېسابلاپ باقتىڭزمۇ؟
5 سىزنىڭ دەۋاتقىنڭىزغۇ ناھىيە ئىكەن، ھازىر يېزا، كەنتلەردىمۇ بۇ خىلدىكى دۇكانلار بار، ئۇلار ئەگەر ئاشۇ موچەن ئۈچۈن قاراپ ئولتۇرسا دۇكان ئىجارىسىنىمۇ تېپىپ كىتەلمەيدۇ، ئۇ ۋاقىتتا سىلەردەك كىشىلەر كېچىنى قاراڭغۇدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماسمۇ؟
6. سىز توك پۇلى ئۈچۈن 300 سومغا 3 سوم مۇلازىمەت ھەققىنى قانۇنلۇق ئەمەس ياكى توغرا ئەمەس دەپ ئويلاپسىز، ئۇنىسى ھەقىقەتەن توغرا، ئۇلار پەقەت سىز ئۈچۈن كۈندۈزى 8 سائەت خىزمەت قىلىدىغانلارغىلا قارىتىلغان، ئەمما كېچە سائەت ئونلاردا بارسىڭىزمۇ ئوچۇق تۇرغان ئاشۇ دۇكان ئېگىلىرى سىز بېرىشكە قىيمايۋاتقان ئاشۇ 3 سوم، بىر سوم ئۈچۈن دۇكان ئاچىدۇ. 10 سوم تىلفۇن پۇلى ئۈچۈن 1 سوممۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرۇپ، خوشال بولۇپ ھەر نېمە بولسا يانفۇنۇمنى ؛ئېچىۋالدىم، بولمىسا بۇ كېچىدە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن تېلفۇن كەلمەكچى ئىدى، مۇشۇ دۇكان بولمىسا قانداقمۇ قىلار ئىدىم دېگەنلەرنى تالاي قېتىم كۆرگەنلىكمنى ساناپ بېرىپپ بولالمايمەن.
7. تېمىڭزىدا دەپ ئۆتۈپسىز، ئىدارە خىزمەتچىلىرى ئارام ئالغان ئاشۇ مەزگىلدە دۇكان ئاچقانلار ئارام ئالماستىن مۇلازىمەت قىلىپتۇ، دېمەك 100 سوم پۇل ئۈچۈن 1 سوم مۇلازىمەت ھەققى ئېلىپ ، سىزنىڭ ھاجىتىڭىزنى راۋا قىلىش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس، بلىشىمچە سىز ئۇ كۈنى ئاشۇ ن3 سومدىن قاچقان بولسىڭىز چوقۇم قاراڭغۇدا ئولتۇرۇپ ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتتىغۇ دەيمەن. (كارتىڭىزدا زاپاس توك قالمىغاندىكى ئوسال كەيپىيات{:6_267:} )
بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىلا ئەمەس، ئاشۇنداق كىچىك تىجارەت قىلىۋاتقان، مۇلازىمەت خاراكتىردىكى دۇكاندارلارنىمۇ چۈشىنىپ قويىشىمىز كېرەك.
ئەگەر بۇ پىكرىمنى قۇبۇل كۆرمىسىڭىز ئۆز پىكرىمدە قالىمەن.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 23:33:11

باشقا مۇنبەردە تىزىملاتقان تورداشلار بولسا ،سورىماي ،تارتىنماي باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ تارقىتىپ قويساڭلار .ئەڭ يامىنى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار بولۇپ كەتمىسۇن .چۇنكى بۇ يازما خەنزۇ تىلىغاتەرجىمە قىلىنىپ ،بەيشېلىيەن شىركىتىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا ،12315نىڭ توردا پاش قىلىش ساندۇقىغا يوللاندى.خەلىققە ،ئۆزىمىزگە زىيانلىق ئىشلارغا دادىل قارشى تۇرۇش ھەربىر پۇقرانىڭ بۇرچى تورداشلار !!

قارىغاندا سىز سز ئىشتىن سىرتقى مۇلازىمەت دېگەنننى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز.
ئۆزىڭىزمۇ تېمىڭىزدا دەپ ئۆتۈپسىز، ئۇلار ئاشۇ خوش خوش دەپ تاپشۇرغان 25000 سوم پۇلنى 2 پوچەندىن تالۇن چىقارسا قانچىلىك ۋاقىتتا تېپىپ جېنىنى جان ئېتەلەيدىغانللىقىنى ھېسابلاپ باقتىڭىزمۇ؟مەن سىزگە ھېسابلاپ بىرەي، بىر يۈز يىگىرمە بەش مىڭ دانە تالون چىقارسا ئاندىن ئاشۇ پۇلنى تاپالىشى مۇمكىن( بۇ پەقەت سىزنىڭ بىر تالون چىقارسا 2 مو پايدا بېرىدۇ دېگەن پەرزىڭىزگە ئاساسەن ھېسابلانغان يەكۈن خالاس)مۇشۇ 125000 دېگەن ساننى ساناپ بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىرگەپقۇ دەيمەن ھە.
بولدى قالغان گەپ ئۆزىڭىزدە قالدى، بۇنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ پاش قىلپ بەك ياخشى قىلىپسىز، بولسا ئەتراپىمىزدىكى ھەقىقىي قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى دادىلللىق بىلەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلپ، ھەقىقىي ئورنىنى تاپقان قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا سۇنۇپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن، مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز كۆپەيگەندىلا جەمىيتىمىزدىكى قانۇنسىز ئىش بىجىرىۋاتقان، قانۇنسىز ئەمەل تۇتىۋاتقان، قانۇنسىز تاپاۋەت قىلىۋاتقان، قانۇنسىز ھوقۇق يۈرگۈزىۋاتقان،..... لارنىڭ جاجىسىنى بەرگىلى بولاتتى.
پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى ھەرگىز بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان «بىچارىلەر» گەقارىتىۋالمايلى.

ئەسلەش86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 00:26:50

مەن ئادىل ئاتاماننىڭ پىكىرنى قوللايمەن ،ئۇنچىلىك پايدا ئېلىپ بىر دۇكاننى ئىجارە ئېلىپ پايدا تېپىپ ئۈزنىڭ تۇرمۇشنى قامدىغلى بولمايدۇ ،

150015 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 00:49:08

soser    ئەگەر سىز 25000 سوم تۆلەپ‹‹ بەيشىلىيەن ››گە ئەزا بولۇپ ، توك ھەققىنى ۋاكالىتەنيىغدىڭىز . بىرتال تالۇنغا 2 مو بىرىدىكەن دەپسىز ؟ ئويلاپ بىقىڭ بىراقلا 25000 سوم تۆلىۋىتىپ، بىرتال تالۇنغا 2 مو دىن يىغسىڭىزقانچىلىك تالۇن يىغسىڭىز ، مۇشۇ تجارەتكەن سالغان مەبلىغىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلەلەيسىز ؟؟شۇ ئېئىشنى قىلىش ئۈچۈنمۇ ؛1. تور ئەكىرسىز (1يىللىقىنى1200سومغا) . 2. كومپىيۇتىر ئالىسىز (2500-3000سومغىچە) 3. خەت ئۇرۇش ماشىنىسى ئالىسىز (1000 سومدىن 2000 سوم ئەتىراپىدا) 4.دۇككان ئىجارە ئالسىز(...........) 5. شۇ ئاغان ،كومپىيۇتىر،خەت ئۇرۇش ماشىنىسى......... دىگەنلە بۇزۇلۇپ قالماسما ؟؟؟؟؟؟سىز نىڭچە مۇشۇنچىۋالا چىقىم قىلىپ100 سومغا 1 سوم ئالسا سىز توك قاچىلىماي قايتىپ چىقىپ سىز . سىز مۇشۇنچىۋالا چىقىم قىلىپ دۇككاندىن بىرنى ئاچسىڭىز (دۇككان ئورنىڭىزنى قالدۇر سىڭىز ،مەن قەشقەردىن ، سىز ناھىيىدە بولسىڭىزمۇ مەن سىزنىڭ دۇككىنىڭىزغا توك سىتىۋالغىلى چىقىمەن ) چوقۇم چىقىمە.

بەكرى007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 08:03:24

بىر-بىرىمىزگەچىدىماي يۈرۈپ ھالىمىز شۇبىزنىڭ,ئۈزىڭىزنى بەك داناچاغلاپ كىتىپسىز ......

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 10:20:29

مەن توك پۇلى يىغمايمەن ئەمما 3 خىل خەۋەرلىششكە پۇل يىغمەن ئەمما مولازىمەت ھەققى ئالمايمەن نەچچە كۇن بولدى،بىرسى تىلفۇنۇمغا تىلفۇن قىلىپتۇ ئاداش تىلفۇنۇمغا پۇل كىرمەپتۇ 10 يۇئەن قاچلىغانتىم دەيدۇ ،قاچان قاچلىغان دىسەم تۇنۇگۇن كەچ دەيدۇ بولدۇ مەن قاراپ باقاي قالىغان بولساڭلار بىر يەرگە كەتمەيدۇ قايتا ئۇرۇپ بىرەي دەسەم ھە دەپ قالدى ،ئۇ چاغدا مەن دۇككاندا ئەمەستىم ئارلىقتىن 2 سائەت ئۆتتى دۇككانغا كەلسەم ئايالىم خاپا بولۇپ ئولتۇرىدۇ نىمش بولدى دىسەم بىرى دۇككانغا كىلىپ ئۇرشۇپ بازار قىلدى دەيدۇ ، بىر نومۇرغا 10 يۇئەن قاچىلسا 1.5 پۇڭ بىردۇ خىردار قاچلغان 10 يۇئەننىڭ ھەمىسى پۇل قالغۇچنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كەتمەيدۇ ،بىزنىڭ دۇككاندەك دۇككانلاردىن بىزنىڭ يىزا تەۋەلىكدە 5 دانە دۇككان بار ئاي بىشى بوپ قالسا 1000 يۇئەن ئەتراپدا ئايدا كۆپ پۇل قاچىلىسام 10000 كوي ئەتراپدا قاچىلايمەن ،بۇنىڭ پايدىسى بەك بولسا 150 كوي بولدۇ ،بىر ئىككى نومۇرغا خاتا قاچىلساق بۇنۇڭدىنمۇ ئازيۇقىردا دىيلگندەك ئىجارە تور پۇلى توك پۇلى ئايلىقى ئەڭ ئاز بولغاندا 1000 يۇئەن چىقىدۇ ،مانا شۇ كۇندىن باشلاپھەپتە بولدى ئاچقىمدا پۇل قاچلمىدىم. پۇل قاچلاشتىن مەقسەت پايدا ئىلىشئەمەس ،پەقەت خىردار جەلىپ قىلىش ،مەخسۇس پۇل قاچىلسا كۇن ئالماق بەك تەس .

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 12:32:26

مەنبۇنى بىر دوستۇمدىن ئاڭلىغاندوستۇم بۇكەسپنى بىجىرمەكچى ئىدى بىجىرسە20000 پۇل تاپشۇرىدكەن ھەمبۇ بەيشىلەن شىركىتى خېرىدار مەيلى نەچچە يوز سوم تاپشۇرسا4 مو بېرىدىكەن.سىز دىگەندەك بۇلارسەل ئارتۇق ئېلىۋاپتۇ شۇ 300كويغا1 سوم ئالسا مۇۋاپىق بولاتتى

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 12:36:31

ۋاقىت ۋە توك پۇلى جەھەتتىن ئىتقاندا پۇل قاچىلاپ پۇل تاپقىلى بولمايد ۇ .مەن ئىدرىسچاننىڭ پىكرىگەقۇشۇلىمەن    پۇل قاچلاشتىن مەقسەت پايدا ئىلىشئەمەس ،پەقەت خىردار جەلىپ قىلىش ،مەخسۇس پۇل قاچىلسا كۇن ئالماق بەك تەس .

soser يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 12:40:45

بەكرى007 يوللىغان ۋاقتى2014-10-27 08:03
بىر-بىرىمىزگەچىدىماي يۈرۈپ ھالىمىز شۇبىزنىڭ,ئۈزىڭىزن ...

بەكراخۇن ،چىدايغان يەرمۇ بار ،چىدىمايدىغان يەرمۇ بار ،سىز مىنىڭ دانا ياكى دانا ئەمەسلىگىمگە يەتمەڭ ،گەپ سۆزدە سىپايىراق بولۇڭ .ئىنىق تونۇپ يىتىڭكى ،مۇنبەر تورداشلارنى تىللاپ ئۆزىنى ئۆزىنى كۆرسىتىغان جاي ئەمەس .بەلكى مەسىللەرنى ،ئادىلجاندە تورداشلارنىڭ ،سەممى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ،قايىل قىلارلىق پىكىر بىلەن مۇنازىرلىشىغان جاي .مەنمۇ سىزگە دەپ قوياي ، ھەممە ئىشقانۇن بويىچە ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭبەلگۇلەپ بەرگەن ئۆلچىمى بويىچە بولۇش كىرەك .جاپا تارىتماي ھالاۋەت كۆرىغانكەسىپ ھىچيەردە يوق.سىزنىڭ گىپىڭىزدىن قارىغاندا ،ئۇزۇنغا بارماي ھالىڭىز خاراپ بولۇپ مۇنبەرگىمۇكىرەلمىدەك بولۇپ قالغۇدەكسىز
بەت: [1] 2
: بەيشېلىيەن توك تاللا بازىرىنىڭ قوشۇمچە ھەق ئىلىشى قانۇنلۇقمۇ؟