EPSON R270 پىرىنتىردىن ياردەم سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار.مېنىڭدە EPSON R270 ماركىلىق پىرىنتېر بار ئىدى. ئارقا ئارقىدىن ئون پارچىدىن ئارتۇق رەسىم ئۇرۇپ قالساممۇ(6سۇڭ،5سۇڭ قەغەزگە) بارغانچە رەڭ ئۇرۇشى ناچارلىشىۋالىدۇ. نورماللاشتۇرۇپ تاشلاپ قويۇپ ئۇزۇندىراق ، يەنى بىر نەچچە كۈن تاشلاپ قويۇپ رەسىم باسساممۇ يەنە ناچار ئۇرۇپ تۇرۋالىدۇ. فوتوشوپتىكى بۇيرۇقى بويىچە تازىلاش ئېلىپ بېرىپ نەچچە قېتىم قىلسام بەزىدە ئاران ئوڭشىلىدۇ. بەزىدە قىلىۋەرسەم رەڭ ئالماشتۇرۇڭ دەپ چىقىدۇ ھە دەپ ئۇ بۇيرۇقلارنى تاماملاپ يەنە تازىلاتقۇزۇپ يەنە رەڭ شەكلى نورمالمۇ ئۇرۇپ چىقىرىپ باقىمەن. يېقىندىن بۇيان بۇ بەك ئاۋارە قىلۋېتىپ بارىدۇ.
ئۆتكەندە توك مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن يەنە بىر كۇنۇپكا تەڭ يېنىپ تۇرۋېلىپ ئامال قىلالماي ساتقان خەنزۇغا ئاپارسام 50سومغا ئىككى مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر ئېنگىلىزچە دىتال بىلەنلا بىر تەرەپ قىپ بولدى دىدى. يا ئۆگىتىپ قويمىدى يا شۇيەردىن ئالغاندىكىن ھەقسىز قىلمىدى.قانداق قىلسام ئالدىنى ئالىمەن، قانداق قىلسام ئوڭشايمەن دىگەنلەرنى دىسەممۇ كېلەر قېتىم بىكالىق دىدى، بىلىمەن بۇمۇ يالغان گەپ، ئالغاندىمۇ دىگەن گەپلەرتى بۇ.
شۇڭا ئاچچىغىم كىپ بوپتۇ دەپ ئىشلىتىۋاتىمەنيۇ يۇقۇردا دىگەندەك دائىم قايتىلاپ - قايتىلاپ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، سىناق رەڭ بېسىپ چىقىرىپ ئاۋارە بوپ كەتتىم. شۇڭا بىلىدىغان تورداشلىرىمنىڭ تەجىربە يەكۈنلىرىنى دەپ بېرىشىنى ۋە ئاشۇ خەنزۇ ئىشلەتكەن دېتالنى بىلسەڭلار تەمىنلىسەڭلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزمۇ خەققە يالۋۇرماي قىلۋالساق بوپتىكەن.
ھازىرغۇ چىراق يېنىۋالمىدى ئەمما رەڭنى ياخشى ئۇرماي بەك تولا تازلاش ئېلىپ بېرىپ كېتىۋاتىمەن، زادى نىمىنىڭ مەسىلىسى بۇ . مەندە بۇ پىرىنتىرنىڭ مەخسۇس موشۇ كاشىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دېتال بار ئىدى . لېكىن مەن ھازىر سىرتتا ئۆيدىكى كومپىيۇتېرىمدا ساقلاقلىق ئىدى .يېڭى يىلىدا قايتىمەن . ساقلاپ تۇرۇڭ ئەگەر ساقلىيالمىسىڭىز . خوتەن شەھەر سەككىز قەۋەت كومپىيۇتېر بازىرىنىڭ 3-قەۋىتىدە « يېڭى يۇلتۇز سۈرەتچىلىك ئەسلىھەلىرى دۇكىنى » مەخسۇس سۈرەتچىلىك ئەسلىھەلىرىنى ساتىدۇ .ھەم موشۇنداق كاشىلىنى مەخسۇس ئوڭشايدۇ. سىز بىر قېتىم رىمۇنىت قىلدۇرۇپ بولۇپ ئاشۇ دېتالنى كۆچۈرۈپ بېرىشنى ئېيتىڭ . چوقۇم قىلىپ بىرىدۇ . ئەگەر ئارىلىق يىراق بولسا www.ulinix.cn غا كېرىپ « يېڭى يۇلتۇز سۈرەتچىلىك ئەسلىھەلىرى » دەپ ئىزدەپ تېلېفۇن نومۇرىغا تېلىفۇن قىلىپ ئالاقىلىشىپدېتالنى يوللاتقۇزۇپ سىناپ بىقىڭ . بۇ مەسىلە ئاساسلىقى «پىرىنتىرنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشتى ئەسلىي سىستېمىدىنتۇرمىدىن قاچۇرامسىز دېگەن مەنىدىكى» 逃命بۇ خەتلا ئىسىمدە قاپتۇ .دېگەن ۇچۇر چىقىدۇ. سىز 逃命قىلمىسىڭىز ئىشلىتەلمەيسىز . زاۋۇت تەرەپ بۇ پېرىنتېرنىڭ بېسىش سانىغا چەك قويغان . ئىھتىمال سىزنىڭ باسقان ۋاراق سانىڭىز توشقان بولۇشى مومكىن . ئەگەر مومكىن بولمىسا ساقلاپ تۇرۇڭ مەن ئۆگىتىپ قويىمەن بۇ دىتال مەندە بار .مەن ئىبەرتىپ بىرەي . مىنىڭمۇ ئوخشاش تىپلىق ئىكەن جەزمەن بىر خىل رەڭنى شۇرماپتۇ شۇڭا شۇنداق چىقىدۇرەڭ تولۇقلاش كۇنوپكىسنى بىسىپ رەڭ تولۇقلاڭ ئوڭشىلىپ قالدۇ بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئاۋارچىلىققا كۆپ ئۇچىرىغان ھازىرئۇستا بوپ كەتتىم.:lol خەنچە بىلىسڭىز EPSON R270打印机清零 دەپ بەيدۇ تورىدىن ئىزلەپ بىقىڭ .پېرنىتىمىز ئوخشاش ماركا ئىكەن ،ئادەتتە رەڭلىك پرىتىېرنىڭ epromقىسمىغا پېرىنتېرنىڭ رەسىم بىسىش قىتىم سانى يىزىۋىتىلگەن بولىدۇ .شۇ سان تۇشۇپ كەتسە سىز دىگەندەك ئەھۋال كۆرلىدۇ .ئالدى بىلەن دەرسلىگىنى كۆرۈڭ توردا جىق ،ئاندىن شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا ئىش پۇتىدۇ .يانىلا بولمىسا يۇمشاق دىتال دەرسلىك مەندە بار ئەۋەتىپ بىرەي
چ چ370318547مىنى چ چ دا قىتىۋالغاندا روھلان دەپ ئەسكەرتىڭ ،چۈنىكى ناتونۇشلارنى قاتمايمەن يەنە بىر گەپ.رەڭلەرنىڭ ناچار چىقىۋىلىشى ،بەلكىم سىز رەڭنى يىڭى ئالماشۇرغاندىن چىققان مەسلە ،رەڭ سۈپەتسىز دەك قىلىدۇ .ئىدرىسجان دىگەن ئۇسۇلدا ئىشلىتىپ تۇرۇڭ .رەڭلىك پىرىنتېردا ئادەتتە،كۈندە بىرەر تال رەسىم بىسىپ تۇرمسا ،رەسىم بىسىش بىشىنىڭ ئۇچىدا رەڭ ئۇيۇپ قالىدۇ ،ئىغىر بولسا با يەڭگۈشلەيدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
بەت:
[1]