ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 11:10:47

خۇشاللىق ۋە قايغۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saedi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-26 13:01



بىر ئايال . دانىشمەنگە مۇراجەت قىلدى:
خۇشاللىق ۋە قايغۇ ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
دانىشمەن جاۋابەن مۇنداق دىدى: سىنىڭ خۇشاللىقىڭ ئەسلى چۈمپەردىسىنى ئىلىۋەتكەن قايغۇدۇر، ئىچىڭگە سىغماي قالغان خۇشلۇقۇڭنىڭ ئىچىگىمۇ كۆز يىشىڭ ئارلاشقان.
ۋۇجۇدىڭدا يىلتىز تارىتقان ھەسرەتنىڭ مەنبەسى قانچىكى چوڭقۇرلاشسا ، سەن ئىرىشىدىغان خۇشاللىقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
شاراپقا لىق تولغان رومكاڭ خۇمداندا پۇشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى لاي ئەمەسمىدى؟ قەلىپ ئىلاھىڭنى ھاياجانغا سالغان نەي خەنجەر بىلەن ئويۇلغان ياغاچ ئەمەسمىدى؟
خۇشال يۈرگەن ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنى ئاستىرىتتىن تىزگىنلەپ تۇرغان يۈرىكىڭەىكى ئىلگىرى سىنى ئازاپلىغان نەرسىنىڭ خۇشاللىققاق ئايلانغانلىقىنى بايقايسەن.
بەزىلەر ھاياتتا قايغۇدىن خۇشاللىق كۆپ دىسە ، بەزىلەر خۇشاللىقتىن قايغۇ كۆپ دىيىشىدۇ. مەن سىلەرگە باغشقىچىرەك جاۋاپ بەرمەكچىمەن، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ بىر تۇققان.
شۇ ئىسىڭدە بولسۇنكى، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ھاياتىڭغا تەڭلا قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋاقىتتا ، بىرى سەن بىلەن ئۈلپەت بولىۋاتىدۇ، يەنە بىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، كارۋىتىڭدا بەخرامان ئۇيقىغا كىتىۋاتىدۇ.
سەن ھەمىشە خۇشاللق بىلەن قايغۇنىڭ ئارىسىدا ئىسىلىپ يۈرىيسەن. سەن پەقەت شۇ ئىككىسىنىڭ ئارلىقىدا تۇرغان چىغىڭدىلا تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايسەن. سەن بىر تارازا ، خەزىنىچى سىنىڭ بىلەن ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭنى تارقاتقاندا خۇششاللىقىڭ بىلەن قايغۇڭ تەڭلا يوقايدۇ.

مەنبە : مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 16:33:07

ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ ئەمگىكىگە كۆپ رەھمەت.
بەت: [1]
: خۇشاللىق ۋە قايغۇ