ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 11:06:40

كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالا نېمە ئۈچۈن ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قال.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saedi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-26 12:59

كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، ئۇنىڭ كالىي تەركىبى ئانا سۈتىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ قان تەركىبىدىكى كالىي مىقدارىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۆرەك ئاقسىل ماددىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كالىينى ئاجراتقاندا سۇنىمۇ بۆلۈپ چىقىرىدۇ. كالا سۈتىدىكى كالتسىي ۋە فوسفورلار ئاقسىل بىلەن بىرىككەندە ئاسانلا قېتىۋالىدۇ – دە، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا كالا سۈتىگە مۇۋاپىق مىقداردا گۈرۈچ سۈيىنى قوشۇپ بەرسە، قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ.
12 ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلارغا يېڭى كۆكتات سۈيى، يېڭى ئاپېلسىن شىرنىسى ياكى باشقا مېۋە – چىۋە شىرنىلىرىنى دائىم نورمال مىقداردا بېرىپ تۇرۇش كېرەك. ئالما، بانان قاتارلىق مېۋە – چىۋىلەرنىڭ سۈيى تەركىبىدە مول ۋىتامىنلار بولغاچقا، بوۋاقلارغا دائىم بېرىپ تۇرغاندا، ئاشقازان – ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 22:12:49

ئەسلى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدە بەرسە راسىتلا قەۋزىيەت بۇپ قالىدۇ، بىر ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ قانچىلىك ئىمەلىسە شۇنچىلىك بېرىش كېرەك، شۇنىڭدا بالا قۇتا بۇپ قالمايدۇ.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 11:35:41

بالىلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندايۇقىرقىدن باشقا يەنەيانتاق شىكىرىنى دەملەپ بەرسەئىچىنى بوشىتىپ قەۋزىيەتنى راۋان قىلىدۇ .ئەكىس تەسىرى يوق ،بىخەتەر .

sirlik28 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 10:20:46

رھمەت ،مۇنبەرداشلار،مەن بالامغا بەك ئامراق ئىدىم.
بەت: [1]
: كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالا نېمە ئۈچۈن ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قال.....