توڭلاتقۇغا سېلىشقا بولمايدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلار
توڭلاتقۇغا سېلىشقا بولمايدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلاركىشىلەر كۆكتات، مېۋە، ھەتتا گۈرۈچ قاتارلىقىنى توڭلاتقۇدا سالسا، يېڭى ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «كۆپ ساندىكى مېۋە ۋە كۆكتاتنى توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۇلارنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەس بولىدۇ. سېلىشقا بولىدىغانلىرىنىمۇ قۇرۇق پېتى يېڭى ساقلاش يالتىرىقىغا ئوراپ سېلىش تېمپېراتۇرىنى تۆت گىرادۇسقا تەڭشەش كېرەك».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «شوخلا، تەرخەمەك ۋە كۆكمۈچنى توڭلاتقۇغا سالمىغان ياخشى، بولمىسا تۆۋەن تېمپېراتۇرا شوخلىنى سېسىتىۋېتىدۇ، تەرخەمەك بىلەن كۆكمۈچنى قارىدىتىپ، تەمىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ؛ يەنە بانان بىلەن لىجىنىمۇ توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ، بولمىسا بانان قارىداپ سېسىپ كېتىدۇ، لىجىنىڭ تەمى بۇزۇلىدۇ ».
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئانامنىڭ نىمىشقا كۆكمۇچنى توڭلاتقۇغا سالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم،،، ئانامنىڭ نىمىشقا كۆكمۇچنى توڭلاتقۇغا سالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم،،، ئانامنىڭ نىمىشقا كۆكمۇچنى توڭلاتقۇغا سالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم،،، روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-10-25 23:15
ئانامنىڭ نىمىشقا كۆكمۇچنى توڭلاتقۇغا سالمايدىغانلىقى ...
بىر خىل ئىنكاسنى قايتا - قايتا يوللىۋېتىپسىزغۇ ؟ ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى2014-10-26 10:52
بىر خىل ئىنكاسنى قايتا - قايتا يوللىۋېتىپسىزغۇ ؟
پەقەت يوللانمىغان ئىدى،،،ئەمدىلىكتە 3 قېتىم يوللىنىپ كېتىپتىغۇ،،:L توك موقىم بولسا سوغۇق ساقلاش ساندۇقى ياخشى . مەخسۇس سوغۇق ساقلايدىغان ساندۇقلار بەك ياخشىكەن مەن پەرقىنى تىپىپ چىقتىم توڭلاتقۇدا ساقلانغان يىمەكلىك ئادەمگە ئاسانلا زىيان قىلدىكەن ئەمما سوغۇق ساقلاش ساندۇقنىڭ ئۇنداق ئەمەسكەن ،شۇڭا ھازىر تۇڭلاتقۇنى ئىلەتمىدۇق .:lol
بەت:
[1]