بىزلەر يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:18:09

تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان چۈچۈمەل تەدبىرلەر

تۈۋەندىكى بىر نەچچە چارىلەرنى بىلىۋالسىڭىز تۇرمۇشىڭىزغا ئانچە-مۇنچە قۇلايلىق ۋە شادلىق ئېلىپ كەلگۈسى . ئەلۋەتتە ، ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىشىمۇ مۇمكىن . چۈنكى بەزى ئاماللار چىشىڭىزنى قامىتىپ قويغۇدەك «چۈچۈمەل »http://img.4bil.cn/ps/24.jpg
1، مۇئەللىمگە ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرىدىغان تاپشۇرۇقنى ( مەسىلەن ، ماقالە ) تېخى ئىشلەپ بۇلالمىغان بولسىڭىز ، رەسىم .mp3 قاتارلىق باشقا ھۆججەتنىڭ نامىنى 作业.docx دەپ ئۆزگەرتىپ مۇئەللىمگە ئەۋەتىپ بېرىڭ . ئاندىن دەرھال تاپشۇرۇقنى تولۇقلاڭ . بىرەر-ئىككى كۈندىن كېيىن مۇئەللىم ئېلخېتىڭىزگە :«سىزنىڭ تاپشۇرۇقىڭىز ئېچىلمىدى ، قايتا يوللاپ بىرىڭ » دەپ ئۇچۇر يوللايدۇ . ئەگەر تاپشۇرۇقنى تولۇقلاپ بولغان بولسىڭىز ئەۋەتىپ بېرىڭ . تولۇقلاپ بولالمىغان بولسىڭىز :« كومپىيۇتېرىمغا ۋىرۇس يۇقۇپ قاپتۇكەن ، تازىلاپ ، سېستىمىنى قايتا قاچىلىسام كومپىيۇتېرىمنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە يوقاپ كېتىپتۇ ، تاپشۇرۇقنى تولۇقلاۋاتىمەن ، ئەتە كەچكىچە ئەۋەتىپ بىرەي » دەپ ئۇچۇر يوللاپ قۇيۇپ ، تاپشۇرۇقنى داۋاملىق تولۇقلاڭ .ساختىپەزلىك ، يالغانچىلىق قىلىپ سوزىغان شۇ نەچچە كۈندىمۇ تاپشۇرۇقنى تولۇقلاپ بولالمىغان بولسىڭىز ، بۇندىن كېيىن تورغا ئازراق چىقىپ ، دەرسنى كۆڭۈل قۇيۇپراق ئاڭلاڭ .

2، ئەتىسى سرتقا چىقىدىغاندا ئېلىۋالىدىغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ، ئەتە كىيىدىغان كەشىڭىزنىڭ ئىچىگە سېلىپ قۇيۇڭ . بۇ چارە ئاچقۇچنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ چىقىپ كېتىدىغان ، ئىمتىھان كۈنى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كارتىسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىسى كۈچلۈكلەرگە ماس كېلىدۇ .

3، ئەگەر قىلماقچى بولغان بىرەر ئىشنى (ئورۇقلاش ، چېنىقىش ، چەتئەل تىلى ئۈگىنىش …. ) داۋاملاشتۇرالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز ، ئۇچرىغانلىكى تونۇشىڭىزغا : «بىر ئاي ئىچىدە مانچە توننا ئورۇقلايمەن » ، «ئىككى ئايدىن كېيىنلا پالانى تىلنىڭ پوكۇنى دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كېتىمەن » دەپ تازا پو ئېتىڭ ، ئۇچرىغانلىكى تونۇشىڭىزغا پو ئېتىڭ .
ھە ، پو ئېتىپ بولدىڭىزمۇ ؟ ئەمدى ھەممەيلەننىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرىماي دېسىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلىڭ . بۇ ئۈزىنى مەجبۇرلاشنىڭ بىر چارىسى .

4، ئەگەر ياتاقدىشىڭىز مەلۇم ناخشىغا مەستانە بولۇپ ، ئەتىگەندىن كەچكىچە شۇ ناخشىنى قۇيۇپ ئىچىڭىزنى پۇشۇرىۋەتسە ، شۇ ناخشىنى يانفۇنىڭىزنىڭ ئەتىگەنلىك قوڭغۇرىقىغا بەلگىلەپ قويۇڭ . ئۈچ كۈندىن كېيىن پۈتۈن ياتاقتىكىلەرنىڭ بۇ ناخشىغا ئۆچ بولۇپ كەتمىگىنى بىر كۆرەي .

5، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ، چىراغنى يورۇتۇپ ھاجەتخانىغا چىقىپ ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ كارۋاتقا بارغىچە كۆزىمىز يۇپيورۇقتىن ئالماشقان قاپقاراڭغۇلۇققا كۆنەلمەي ،قاراڭغۇدا ئۇنىڭ-بۇنىڭغا ئۈسۈپ سالىدىغان ، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا تىپىپ سالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ ( بەك ئاغرىيدۇ ھە ؟ ) . بۇنىڭغا مۇنداق ئامال بار : چىراغنى يېقىشتىن ئاۋال بىر كۈزىڭىزنى قىسىۋېلىڭ ، ئىشلار تۈگەپ چىراغنى ئۆچۈرگەندە ئاندىن ئېچىڭ . ئاندىن شۇ كۈزىڭىزدە قاراپ كارۋىتىڭىزنى تېپىۋېلىڭ .
رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، دېڭىز قاراقچىلىرى يورۇق پالوبىدىن بۆلمىگە كىرگەندە كۆزلىرى قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ بولغۇچە جېنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر كۈزىنى تېڭىۋېلىپ يەكچەشمىدەك يۈرۈيمىش .

6، ھېق تۇتۇپ قالسا سۇ ئىچىپ ياكى بىر نەرسە يەپ توختاتقىلى بولىدۇ . لېكىن يىگۈلۈك-ئىچكۈلۈكلەر بولمىسا ياكى يەپ-ئىچىشكە بىئەپ سورۇندا بولۇپ قالساقچۇ ؟ ئېغىز-بۇرنىمىزدا چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ ، تىنماي بىر نەچچە ھېقنى ئۆتكۈزىۋەتسەك توختايدۇ ياكى ئاجىزلايدۇ . توختىمىسا يەنە بىر قېتىم شۇنداق قىلساق بولىدۇ .

7، ئالقىنىڭىز ياكى غېرىچىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىۋېلىڭ . گەز يوق چاغدا ئەسقاتىدۇ .

8، خوتۇندىن يۇشۇرۇن پۇل يىغقاندا بايقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ، پۇلنىڭ قېتىغا «ئۇماق ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن » ، « تويمىزنىڭ مانچە يىللىقى ئۈچۈن » ئۈچۈن دەپ يېزىلغان قەغەزنى قىستۇرۇپ قويۇڭ . بانكىدا قويغان بولسىڭىز كارتىغا يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ .

9، ئەگەر بىر ئىشقا ئەستايىدىل تۇتۇش قىلماقچى بولسىڭىز ،يانفۇنىڭىزنى ئىتىۋىتىڭ . كومپىيۇتېردا قىلىدىغان ئىش بولسا كومپىيۇتېرنى تورغا ئۇلىماڭ . تور بار شارائىتتا قىلىدىغان ئىش بولسا كيۇكيۇ ، ئۇ-بۇ دىگەنلەرنى ئۆچۈرۋىتىڭ .

10، ئاپتوبۇستا يانچە تۇرغاندا تەڭپۇڭلۇقنىساقلاش ئاسانراق .


مەنبە: 4 بىل



سەركە007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 23:52:29

ياخشى چارىلەركەن

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 10:49:09

مونبەردىكلەرگە بۇ چارە ئەسىقىتىپ قالدىغان كۆرنىۋاتىدۇ :lol، خوتۇندىن يۇشۇرۇن پۇل يىغقاندا بايقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ، پۇلنىڭ قېتىغا «ئۇماق ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن » ، « تويمىزنىڭ مانچە يىللىقى ئۈچۈن » ئۈچۈن دەپ يېزىلغان قەغەزنى قىستۇرۇپ قويۇڭ . بانكىدا قويغان بولسىڭىز كارتىغا يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ .(بۇ

abdimijit يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 01:14:07

بەك ياخشىكەن
بەت: [1]
: تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان چۈچۈمەل تەدبىرلەر