بىز پەرزەنتلەر شۇنداق ئىكەنمىز(ئەنگىنئەر)
بىزپەرزەنتلەر شۇنداق ئىكەنمىزئۆمەر قادىر
بىزپەرزەنتلەر شۇنداق ئىكەنمىز :ئۈچ ياش ۋاقتىمىزدا ئانىمىزغا دائىم "ئانا مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن "دەيدىكەنمىز.ئون ياشقا كىرىۋېلىپلا"ئانىمىزغا بولغان تەكەللۇپىمىز سۇزلاپ كېتىدىكەن.16 ياشقا كىرگەندە "ئانام ئەجەپ ئىچىمنى سىقىۋېتىدۇ"دەيدىكەنمىز.18 ياشتا ئويدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلايدىكەنمىز.25 ياشقا كىرگەندە بولسا"ئانا ئەينى چاغداسېنىڭ قىلغىنىڭ توغرا ئىكەنتۇق" دەيدىكەنمىز.30 ياشقا كەلگەندەئانىمىزنىڭ قېشىغا پات-پات كېلىۋالغۇمىز كېلىدىكەن.50 ياشقاكەلگەندە ئانىمىزدىن ئايرىلىپ قالغۇمىز كەلمەيدىكەن.70 ياشقا ئولىشالساق "ئەگەر ئانام ھايات بولغان بولسىدى،ئانام ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن كېچىشكە رازى بولاتتىم"دەيدىكەنمىز.بىز پەرزەنتلەر شۇنداق ئىكەنمىزئاتا-ئانىمىز بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىدىن كېچەلىسە بىز پەقەت ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلغاندىلا ئۇلار ئۈچۈن ھەممە نەرسىمىزدىن كېچىشكە تەييارلار بولالايدىكەنمىز.ئۇلار غا ھايات چېغىدا قىلىپ بىرمىگەن بىر ئىشىمىزنىڭ ئورنىغا مىڭنى قىلىپ بېرىشكە رازى بولالايدىكەنمىز.ھەسرەت نادامەت ياشلىرىمىزنى دەريا قىلىپ،پۇشايمان چوللىرىدە سەرسان بولىدىكەنمىز.
بىزپەرزەنتلەر شۇنداق ئىكەنمىز ئانىمىزغا ئەڭ كۆپ دەيدىغان گېپىمىز"ئانا،بۈگۈن نىمە يەيمىز؟"،"ئانا ،مېنىڭ كىيىملىرىم نەدە؟"،"ئانا،مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي"،"ئانا ،قوسۈقۇم ئاچتى،تاماق تەييار بولدىمۇ؟"،"ئانا مەن ھازىر ئالدىراش،سەل تۇرۇپ تېلفۇن قىلاي ياكى نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆيگە قايتىمەن"،"ئانا ،دوستلار بىلەن ئوينىغىلى چىقاتتىم ،پۇل بېرە!"،"ئانا ،مىجەزىم يوق تۇرىدۇ"،"ئانا،....................................................."ھەتتا ئاتىلىرىمىزغا ئەڭ كۆپدەيدىغان گېپىمىزمۇ"ئاتا،ئانام قېنى؟"
بىز پەرزەنتلەر شۇنداق ئىكەنمىز خۇددى ئاتا-ئانىلىرىمىزدا ئېلىشىمىز باردەك،ھەممە ئېغىرچىلىقلىرىمىزنى سالىدىكەنمىز.خۇددى ئۇلار بىزنىڭ قوللىرىمىزدەك.ئۆزىمىزنىڭ خوشلىقىنى ئويلايدىكەنمىزيۇ ئاتا-ئانىمىزنىڭ خوشلىقىنى ھېس قىلالمايدىكەنمىز،خۇددى ئۇلار خۇش بولسا بولمايدىغاندەك.
ئەزىز قېرىنداشلىرىم،مانا بۈگۈن ھېيت ،ھېيت باھانىسىدا بولسىمۇ ئاتا-ئانىمىزنى جىمجىت ئولتۇرۇپ ،ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ باقايلى،ئاتىلىرىمىزدىكى ئاشۇ تاغ سۈپەت بەدەن بارمىكىن؟!ئانىلىرىمىزدىكى ئاشۇ گۈل سۈپەت چىراي بارمىكىن؟!ئۇلارنىڭ كىم ئۈچۈن؟نىمە ئۈچۈن؟ شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئويلىنايلى!ئۇلارنىڭ شۇ ياشلارغا كىرىپ قالغان تۇرۇقلۇق ئۆينىڭ،ئېتىز ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرگەنلىكىدىن ئۇيۇلايلى!ئاتا-ئانىمىز بىزگە باقىۋەندە ئەمەس،ئۇلارمۇ پەرزەنت باققاننىڭ ھالاۋىتىنى كۆرسۈن.ئۇلارمۇ ھېيت قىلسۇن!يىراق يەردە بولسىڭىز تېلفۇن ئارقىلىق بولسىمۇ ئەھۋال سوراپ تۇرۇڭ،يېقىندا بولسىڭىزسەھەر تۇرۇپ ،ئاللاھنىڭ سالىمى بىلەن ئاتا-ئانىڭىزدىن ئەھۋال سوراڭ.كۆڭلى يۇرىسۇن؛چارچىغان،مۇكچەيگەن بەللىرىنى ،ھالسىرىغان پۇت –قوللىرىنى تۇتۇپ قويۇڭ،سىزدىن سۆيۈنسۇن؛ئۇلار غا ھايات چېغىداكۆيۈنىۋالايلى،ئۇلار رازىلىق بەرسۇن!
"ئەنگەر شېئىرلىرى ئۈندىدار سالونى"نى قوشۈۋېلىپ بارلىق تېمىلىرىمنى ۋە باشقا نادىر مەزمونلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.قوللاپ قويۇڭ.
سالون ئىزدەش نامى:angarxeirliri
بەت:
[1]