sududa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 11:41:01

ۋاقىتتىن ئالدىن ئەسكەرتمە بېرىدىغان دېتال بارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار
كومپىيۇتېرنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىمىزنى ئالدىن ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان دىتالى بارمىدۇ
دىمەكچى بولغىنىم بىز قىلماقچى بولغان ئىشىمىزنى ئالدىن بەلگىلەپ قويغان ۋاقىتتا سايرايدىغان نىمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمىزنى يېزىپ قويغان بويىنچە خەتلەر ئىكرانغا كۆرىنىدىغان بولسا بولاتتى
بىلسەڭلا يوللاپ بەرگەن بولساڭلا

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 15:40:26

ئۇنداق دىتال يوقمىكىن،،،لىكىن 腾讯电脑管家 نىڭ كومپىيۇتىر ئۇزاق ۋاقىت ئوچۇق قالسا تاقاشقا ئەسكەرتىمە بېردىغان ئىقتىدارى بار:lol

alxir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 15:46:23

بار، توردىن ئىزدىسەك كۆپ بۇنداق دېتاللار.
ۋاقتىم چىقسا يوللاپ قويارمەن، بولمىسا باشقا تورداشلار يوللاپ قويسۇن.

alxir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:04:16

باركەن، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دېتالمۇ باركەن، ھازىر سىناپ باقتىم. كەچكىچە يوللاپ قوياي:lol

ئەركيۇرت يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:08:00

مەن شۇنداق دېتال ياساۋاتقان.
ئالدىرىرمىغان بولسىڭىز يوللايتتىم ئەمەسمۇ.:lol   ئازلا قالدى پۈتۈشكە.

alxir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 21:57:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alxir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-20 22:04

Calendar1413815166593.rar
يەلتاپان مۇڭداشقۇنىڭ كالىندار دېگەن قىستۇرما دېتالى
چۈشۈرۈپ ئاچسىڭىزلا ئېكرانغا كالىندار پەيدا بولىدۇ.
تەڭشەكتىن سىستېما بىلەن تەڭ قوزغىلىشىنى تەڭشىگىلى ۋە باشقا تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تور بار شارائىتتا ئورنىڭىزنى ئاپتوماتىك بىكىتىپ، ھاۋارايىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
ئەمدى سىز دېگەن ئىقتىدارىغا كەلسەك، ئاۋۋال ئەسكەرتىش كىرگۈزمەكچى بولغان كۈننىڭ ئۈستىگە مائۇسنى چەكسىڭىز بىر كۆزنەك چىقىدۇ، شۇ يەردىن ئەسكەرتىدىغان كۈن ۋە ۋاقىتنى تاللايسىز، ئاندىن ئەسكەرتىش مەزمۇنىنى كىرگۈزىسىز، ساقلاپ چېكىنسىڭىز بولدى، ئوخشاش بىر كۈنگە بۇنداق ئەسكەرتىشتىن بىر نەچچىنى كىرگۈزەلەيسىز، ۋاقىت توشقاندا بىر مۇزىكا چىقىپ سىز كىرگۈزگەن مەزمۇن ئېكراندا پەيدا بولىدۇ، تاقىۋەتسىڭىزمۇ ياكى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئەسكەرتىشنى بەلگىلەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بەت: [1]
: ۋاقىتتىن ئالدىن ئەسكەرتمە بېرىدىغان دېتال بارمۇ؟