ناننىڭ قەدرى
ھىكايەمەنبە: كۆكيار
ئەنۋەر يەنە شۇ تاماق ئۈستىلىدە ئۇنى يەيمەن، بۇنى يىمەيمەن، سەپ ئانىسى بىلەن ئۇرۇشقىلى تۇردى. ئانىسى چېرايلىقچە:
- ئوغلۇم، جېنىم ئوغلۇم، ئۇنداق قىلما، تاماق ئايرىما، تاماق ئايرىش ياخشى ئىش ئەمەس، خۇدا ساقلىسۇن، لېكىن بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كۈنلەرمۇ كىلىپ قالىدۇ، ھالال بولسىلا بولدى ئەمەس مۇ! ئەنۋەر بىزارلىق بىلەن:
- ئانا يەنە ۋالاقشىغىلى تۇردىڭغۇ، بۇ زاماندا بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان ئىش نەدە بار؟ تازىمۇ بىر. بىز دېگەن يىگىرمە بىرىنجى ئەسىردە ياشاۋاتىمىز، سىز دېگەن ئاچارچىلىق دېگەن ئاتمىشىنجى يىللىرى تۈگەپ بولغان.
- ئۇنداق دېمە بالام، ئاللاھ ھەممىگە قادىر، بىزگە مۇشۇ نېمەتلەرنى بەرگەن ئاللاھ، قولىمىزدىن ئىلىۋىشقا قادىر!
- بولدىلا، يەنە شۇ كونا، قۇرۇق ئەپسانىلەر!
- ھەي ئېغىزىڭغا بېقىپ گەپ قىل!
- بولدى... گەپ قىلمىدىم!
- گەپ قىلمىغىنىڭ ياخشى!
مۇشۇ دىئالوگدىن كېيىن ئامىنە ئانا ئوغلىنىڭ تەقدىرىدىن ئاجايىپ ئەنسىرەيدىغان، ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ قالدى. كېچىلىرى نامازلىرىدا ئوغلىنىڭ ئىنساۋىنى ۋە بەختىنى تىلەيتتى، كېچە كۈندۈز ئوغلىنىڭ ھالىدىن ئەندىشە قىلاتتى.
مانا ئەنۋەرمۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەشنى باشلىۋەتتى، لېكىن ئۇنىڭغا لايىق خىزمەت چىقمايۋاتاتتى. چىققان خىزمەتلەرنى ئەنۋەر ياراتماي، ياخشى خىزمەتلەر ئەنۋەرنى ياراتماي نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا ئەنۋەر ئاتا-ئانىسىغا يۈك بولۇپ ياشاۋەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنۋەر ئەيىش ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتتى، ئۇ ھېلى دىسكوخانىغا چاپسا ھىلى قىمارخانىغا چاپاتتى!
ئەنۋەر قىمارغا ئۆگىنىپ قالغاندىن كېيىن بەزىدە ئۇتسا بەزىدە ئۇتتۇردى، ئۇ بەلك ئۇستا قىمارۋاز بولمىغاچقا باي دادىسىنىڭ تاپقان تەرگەنلىرىنى قىماردا ئۇتتۇرىۋىتىپ كۆڭلى غەش يۈرىدى.
ئەركىن جىڭلى ئوغلى ئەنۋەرنىڭ قىمارغا بېرىلىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى، ۋە ئۇنىڭغا بېرىۋاتقان پۇلىنى پەقەتلا ئۇزۇپ قويدى. بۇ ئەنۋەرگە بەكلا ئېغىر كەلدى، گەرچە ئۇ بىرەر يەردە ئىشلەمچى بولۇپ بولسىمۇ ئىشلەشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ ئەنۋەرنىڭ نەپسىنى قاندۇرالىغۇدەك، ئەيىش-ئىشرەتلىرىگە يەتكۈدەك مائاش بېرىدىغان يار چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەنۋەر بىر كۈنى دادىسىنىڭ بانكا كارتىنى ئوغىرلاپ ئۇ كارتتىكى پۇللارنى ئېلىپ خەجلىدى، ئەركىن جىڭلى كارتىنىڭ ئوغىرلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئاچچىقلاندى، ۋە ئوغرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرىز قىلىپ ئۈلگۈردى. ئەنۋەر ئۆيگە قايتقاندا ئۇنىڭ يانجۇقلىرىنى ئاختۇردى، ۋە كارتنى ئەنۋەرنىڭ يانجۇقىدىن تىپىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئەركىن جىڭلى ئەنۋەرنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. ئۆز ئۆيىدىن قوغلاندى بولۇش ئەنۋەرگە ئىنتايىن ئېغىر كەلدى، ئۇ ھەتتا دادىسىنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ يەنىلا بولدى قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ دادا قاتىلى دېگەن نامنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈسى يوق ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئەنۋەر ئۆزى چوڭ بولۇپ ئۆسكان بۇ مېھرى ئىسسىق ئۆيدىن قوغلاندى، ئامىنە ئانا گەرچە ئەركىن جىڭلىغا يالۋۇرۇپ، يىلىنغان بولسىمۇ جىڭلى:
- قەتئىي بولمايدۇ، ئۇ دېگەن مىنىڭ يانجۇقۇمغا قول ئۇزاتتى، ئۇنى كەچۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. بۇ نانكۆر ھازىرلا ئۆيدىن چىقىپ كەتسۇن، ئىككىنجى كۆزۈم كۆرمىسۇن بۇ ئەخمەقنى، دەپ گەپنى كىسىۋەتتى، ئامىنە ئانا ئوغىلىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قويدى، ئەنۋەرمۇ كوچىغا چىقىپ يارىماس، قورقۇنجاق، مەنپەئەتپەرەس بىرىگە ئايلاندى. ئۇ دائىم قىماردا ئۇتۇشنى، قىزلار بىلەن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، بەزىدە يىگىلى بىر نەرسە تاپالمىغاندا ئاشخانىلارغا بېرىپ ئاش توشۇش، قاچا قۇچا يۇيۇش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ، يېگۈدەك بىر نەرسىگە، ۋە ئازغىنا مائاشقا ئېرىغەتتى، لېكىن ئېرىشكەن كىچىككىنە پۇل بىلەن يەنە قىمار ئوينايتتى!
كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى، ئەنۋەر يەنە شۇ كونا خۇيى بويىچە پۇل تاپقاندا قىمار ئويناپ، بەزمىلەرگە قاتنىشىپ، پۇل يوق ۋاقىتلاردا ھەر يەردە سەرسان بولۇپ يۈرىيۋەردى، بەزىدە ئاچ بەزىدە توق، بەزىدە قولىدا بىر نەچچە پۇڭ پۇلى قالسا بەزىدە ئۈنچىلىك بىر نەرسىمۇ يوق.
ئەنۋەر بۇ ھاياتقا كۆنۈپمۇ قالاتتى، لېكىن تەقدىرنىڭ ئويۇنلىرى ئاجايىپ ئىدى، ئۇ پۇلغا ئاجايىپ مۇھتاج بولغان بىر كۈنى يەنە دادىسى ئىسىغا كىلىپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى فىلىم لىنتىسىدەك بىر بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
ئەركىن جىڭلى ناھىيەدە خىلى يۈزى بار بايلاردىن ئىدى، ھەممە نەرسىسى تەل، كۆڭلى خاتىرجەم ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا بىرلا نەرسە كەم ئىدى، ئۇ بولسىمۇ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان، ئۆيگە كىرسە خوشاللىق ئاتا قىلىدىغان، سىرتنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدىغان بىر پەرزەنت. ئەركىن جىڭلى ئامىنە خانىمنى خىلى چوڭ دوختۇر خانىغا ئاپىرىپ باققان بولسىمۇ دوختۇرلار خانىمدا ھېچقانداق مەسىلىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ جىڭلىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلدى، مانا ئامىنە خانىمنىڭ جىڭلى بىلەن توي قىلغىنىغا ئون يىل بولغاندا ئامىنە خانىم ھامىلە بولۇپ قالدى، ئەركىن جىڭلى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولدى. ئامىنە خانىم ۋاقتى سائىتى توشقاندا ئوماققىنا بىر ئوغۇل تۇغدى، بۇ ئوغۇل بۇ ئائىلىنىڭ خوشاللىقى ئىدى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئەنۋەر دېگەن نام بېرىلدى.
كۈندىن كۈنگە ئەنۋەر چوق بولاۋاتاتتى، مانا ئەنۋەر مەكتەپ يىشىغىمۇ توشتى، ئاتا-ئانىسى ئەنۋەرنى ئىنتايىن ئارزۇلايتتى، ئەنۋەر دېگەن ھەر قانداق ئىشنى ئەمىر-پەرمان دەپ بىلەتتى، ۋە شۇئان ئەمەلگە ئاشۇراتتى.
ئەنۋەر مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن مەكتەپتە نورمال بالىلار قاتارىدا ئوقۇدى، بەكمۇ ئىلگىرلىيەلمىدى، بەكمۇ ئارقىدا قالمىدى، لېكىن ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەسى كەمچىل بولغاچقا مەكتەپتە كەپسىزلىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قوياتتى.
مانا ئەنۋەر ھازىر ئالىي مەكتەپكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ گەرچە بەك تىرىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئاتا-ئانىسىنى خوشال قىلىش ئۈچۈن ئوقۇماقچى ئىدى. ئەنۋەر گەرچە ئىمتاھانغا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن ئىمتاھاندىن ئۆتۈشكە ئىشەنچىسى يوق ئىدى، قىلىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەندىشە قىلىپ يۈرەتتى. لېكىن بۇ قېتىم ئەنۋەرنىڭ ئامىتى كەلگەن ئىدى. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىرىدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن دەپ ئۆتكەندەك بىر نەچچە يەردىن ئىش چىققان بولسىمۇ لېكىن ئەنۋەر ئۇ ئىشلارنى ياراتمىدى، ئەنۋەرگە يارىغان ئىشلار بولسا ئەنۋەرنى ياراتمىدى، شۇنداق قىلىپ ئەنۋەر بىر بىكار تەلەت بولدى، جەمىيەتتە يەنە بىر ئىشسىز كۆپەيدى.
ئەنۋەر خىياللار دۇنياسىدىن قايتىپ چىقتى، ۋە دادىسىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى قايتا ئويلاپ، دادىسىدىن پۇل ئۈندىرىۋىلىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ دادىسىنىڭ پۇللىرىنى ئوغىرلىماقچى بولدى، ۋە يوشۇرۇنچە ئۆيگە كىلىپ دادىسىىڭ بىخەتەرلىك ساندۇقىنى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ ئىلىپ قاچتى.
لېكىن ئۇزاققا بارمايلا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى ۋە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، تۇرمىدا ھاياتتا كۆرمىگەنلەرنى كۆرۈپ، بىلمىگەنلەرنى بىلىپ، ھەر خىل ئىنسانلار بىلەن ياشاپ باقتى، بۇ جەرياندا ياخشىلىنىشقا سەل يۈزلىنەي دېگەن بولسىمۇ تويماس نەپسى ئۇنى توغرا يولغا كىرىشتىن توختىتىپ قويغان ئىدى، ئۇ تۇرمىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن ھاياتىنى خىيالىدا بولسىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىشنى ئويلاپمۇ قويمىدى.
ئەنۋەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ ئانىسى ئامىنە خانىمنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، ۋە ئۇزاققا بارماي ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ باقىي ئالەمگە سەپەر قىلدى، قىرىق يىللىق رەپىقىسىدىن ئايرىلغان ئەركىن جىڭلى ئىنتايىن قايغۇردى، ھەتتا بىر نەچچە كۈنگىچە ياشتىن كۆزلىرى قۇرىمىدى.
ئامىنە خانىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزاققا بارمايلا ئەركىن جىڭلىمۇ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى، بىر نەچچە ئاي دوختۇرخانىدا داۋالانغان بولسىمۇ، لېكىن داۋالىنىشى ئۈنۈم بەرمەي ئەركىن جىڭلىمۇ ۋاپات بولدى.
ئەنۋەر تۇرمىدىن چىققاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ قازا قىلغىنىغا قايغۇرغان بولسىمۇ دادىسىدىن قالغان مىراسنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ قالدى. ئۇ ئەمدى بۇ پۇللار بىلەن خالىغىنىنى قىلالايتتى.
ئەنۋەر دادىسىدىن قالغان پۇللارنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئۇدۇل كونا ئۈلپەتلىرىنى تاپتى، ۋە قىمار ئويناشنى باشلىۋەتتى، ئەپسۇس ئەنۋەر قولىدىكى نۇرغۇن پۇللارنى ئۇتتۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن پەقەتلا پۇلى يوق قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالدى، يىغلىدى، قاخشىدى لېكىن يىغلاپ قاخشىغان بىلەن ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇلنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايتتى.
ئەنۋەرنىڭ كۈنلىرى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ يىنىدا يىگۈدەك بىر نەرسە ئالغۇدەك پۇلمۇ قالمىدى. بىچارە ئەنۋەر ھالال ئىشلەپ پۇل تىپىشتىن ئېرىنىپ تىلەمچىلىك قىلىپ بىر نەچچە زامان ياشاپ باقتى، لېكىن ئاچلىق دەردىنى ئاجايىپ تارتتى، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىدى، ئۇ يوللارغا تاشلىنىپ كەتكەن كۆكىرىپ قالغان نانلارنى يېدى، لېكىن ئۇنداق نانلارمۇ تۈگىدى، ئەمدى ئانىسى دېگەندەك بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، ھەر كۈنى ھەر سائەت ئانىسىغا دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ ئىچىنىدىغان بولۇپ قالدى، لېكىن ئېچىنغان بىلەن چېچ بىر ئىش تۈزىلىپ قالمايتتى.
ئەنۋەر يەنە شۇ يەيدىغان نەرسىنىڭ غىمىدە قالدى، ئۇنىڭغا يىگۈدەك ھېچنىمە قالمىغان ئىدى، ئۇ ئەمدى پەقەتلا بەرداشلىق بېرەلمىدى، ھەتتا نان ئۈچۈن جان بېرىدىغان يەرگە يەتتى، لېكىن ئۇنىڭغا بىكارغا بىر بۇردا نان بېرىدىغان ھېچكىم ھىقمىدى، ئۇمۇ ئىشلەشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تىلەمچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنى ئىشقا ئالمىدى.
شۇنداق قىلىپ ئەنۋەر ئاچ قالدى، ناۋاينىڭ تونۇرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئاشخانا،كاۋاپخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە يەيدىغان بىرەر پارچە يىمەكلىككە تەلمۈرۈپ قارىغان بولسىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر نەرسە بەرمەيتتى.
نويابىر ئىيىنىڭ بىر ئەتتىگىنى ئەتتىگەندە ناۋايخانىغا ماڭغان ناۋاي ئۇستام يولدا ياتقان بىر جەسەتنى كۆردى، ۋە جەسەتنىڭ يىنىغا يۈگىرەپ باردى، جەسەت ئاللىقاچان توڭلاپ بولغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇستام دەرھال ساقچىغا خەۋەر قىلدى، ساقچى كىلىپ نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئەنۋەر ئىكەنلىكىنى، ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى بېكىتتى!
شۇنداق قىلىپ ناننى خارلاپ، ناننىڭ، تاماقنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن، بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىنى زار زار قاخشاتقان ئەنۋەر بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ خار، زەبۇن ھالەتتە بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى!
بۇئەسەر ئىزباسار تورىدىن ئېلىندى. ۋاي ئىسىت بچارە مەزمۇن ياخشى چىقىپتۇ،،،،ھارماڭ،تەكلىۋىم ئىملا خاتالىقى كۆپ كۈرۈلۈپ قاپتۇ،،،،نانكۆر ئەمەس نانكور،،،،،،رەنجىمەڭ ھە
بەت:
[1]