پىروگراممېرلار مۇنبىرى قۇرۇلدى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك پىروگرامما تىلى ھەۋەسكارلىرى! ئارىمىزدامەخسۇس يۇمشاق دېتال ئېچىش ۋە .NET مۇھىتىدا ASP.NET لىق تور بېكەت ئېچىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش مۇنبەرلىرىنىڭ ئاز بولۇشى(ئاساسەن يوق، ھەم كەسپىي ئەمەس، شۇنداقلا يېڭىلىنىشى ئاستا) قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەرنىچىقىش نوقتىسى قىلىپ[پىروگراممېرلار مۇنبىرى] قۇرۇپ چىقىشنى ئۇزاقتىن بېرى پىلانلاپ كەلگەن ئىدۇق. لېكىن پىلاننى سوقۇپ قويغان بىلەن ئازراقتىن بولسىمۇ ھەرىكەتلىنىپ تۇرمىسا، پىلانىمىز - پىلان پېتى قېلىۋېرىدىغان ئىشكەن. شۇڭا ئۇشبۇ مۇنبەرنى يۈرۈشتۈرۈۋېرىشنى قارار قىلدۇق. گەرچە بىزمۇ ئۆگەنگۈچى بولساقمۇ، پىروگرامما تېلى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە ئۆگىنىش تەجرىبىمىزنى كەڭ پىروگراممېرلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق پۇختا بولمىغان، تەييارلىقسىزلا مۇنبەرنى رەسمىي ئېچىپ، باشلاپ كەتتۇق. بىز ئويلايمىز، كەڭ پىروگرامما ھەۋەسكارلىرى ۋە كەسپىي پىروگراممېرلىرىمىز ئۇشبۇ مۇنبەردىن پىروگرامما تىلى ئۆگىنىشنى ۋە كەسپىي پىروگراممېرلىرىمىزنىڭ ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئايىماي تەمىن ئېتىدۇ، دېگەن ئۈمىدەتە بىز.مۇنبىرىمىزنىڭ نىشانى:
1- يۇمشاق دېتال ئېچىش تېخنىكىسى دەرسلىكى ماتېرىيالى بەھرلەش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش
2- .NET مۇھىتىدا ASP.NET لىق تور بېكەت ئېچىش تېخنىكىسى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش
3- پىروگرامما تىلى ھەۋەسكارلىرىغا پىروگرامما دۇنياسىغا كىرىشتىكى تەجرىبە ماقالىلىرى ۋە تەرجىمە ماقالىلىرى بىلەن بەھرلىتىش
4- يېڭى IT(ئۇچۇر تېخنىكىسى) خەۋەرلىرى بىلەن خەۋەردار قىلىش.
نىشانىمىز: ھەممە بىرلىكتە ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش.
پىروگراممېرلار مۇنبىرى
ماۋۇ ناھايىتى بەلەن ئىش بولۇپتۇ،مەنمۇ بىر vb ھەۋەسكارى بولسا مۇشۇ +vb ،asp ،htmal ،java ،c# ،c قاتارلىق تۈرلەرنى ئۈگۈنۈشتە نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ ئۈگۈنەلەيدىغان موھىتنى بەرپا قىلساڭلار،روھلاندىكى ئۇستالار ھەم باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق ئىشلارغا ياردەم بىرىدۇ ئەلۋەتتە. ياخشى بوپتۇ ،پىرۇگىرامما تور بەت ھەۋەسكارلىرغا بىر ياخشى ئۇگنىش مونىبرى بولۇپ قىلشىنى ئۇمۇت قىلمەن. نامسىز يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 11:23
ماۋۇ ناھايىتى بەلەن ئىش بولۇپتۇ،مەنمۇ بىر vb ھەۋەسكار ...
قىممەتلىك تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. بولىدۇ، بىز سىز دېگەن پىروگرامما تىللىرىنىڭ دەرسلىكلىرىنى تېپىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويايلى. ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 12:23
ياخشى بوپتۇ ،پىرۇگىرامما تور بەت ھەۋەسكارلىرغا بىر يا ...
سىلەردەك قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپرەك بولىشى مۇنبىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پايسىدى كۆپ بولاتتى.
بەت:
[1]