بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:52:25

تېلكامېرا قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانداق سۈرەتكە تارتىدۇ؟

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/75be893c/
قائىدىگە خىلاپلىق قىلماق ھەربىر شوپۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يىنىك بولغاندا نومۇر تارتىش، ئېغىر بولغاندا پىراۋىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە نەس بېسىشنىمۇ چىقىرۋەتمىگەن، ئۇنداقتا، شوپۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ماشىنا ھەيدىگەندە قانداق قىلىپ ئامال بار « نەس بېسىش»تىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ؟
بىز ئاۋۋال ئېلىكترونلۇق ساقچى سېستىمىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى، بەلكىم شوپۇرلار ئىچىدىن جاۋابىنى تېپىۋېلىشى مۇمكىن.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/287c64b9/
1. ھالقىسىمان كاتۇشكا ماشىنا سېنزورى+ فوتوكامېرا

بۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى بىر خىل ئېلىكترونلۇق ساقچى سېستىمىسى بولۇپ، ھالقىسىمان كاتۇشكا ماشىنا سېنزورىغا تايىنىپ ماشىنا ھەيدەش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ كاتۇشكا شەكىللىك ماشىنا تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، سېگنال چىرىقىنىڭ چىراق ھالىتىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، تېلكامېرا، توپلاشتۇرۇلغان كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى، نۇر تولۇقلاش چىرىقى، يول ئېغىزىنى كونترول قىلىش باش ئاپاراتى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش رايونى ئىچىدىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ماشىنىغا قارىتا سۈرەتكە تارتىش، ئۇدا كۆپ سۈرەتكە تارتىش ھەمدە ماشىنا نومۇرىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، مۈكەممەل بولغان پاكىت سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ.
كەمچىلىككى بولسا پەقەت قىزىل چىراقنى ئۇدۇل بۆسۈپ ئۆتكەن قائىدىگە خىلاپ قىلمىشقا قارىتا پاكىت دەلىلى ئالالايدۇ، تەتۈر يۆنىلىش، قىستىلىپ كىرىش، يول يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ ھەيدەش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىشىغا قارىتا تەكشۈرۈپ پاكىت دەلىلى ئالالمايدۇ. ئوخشاشلا ھالقىسىمان كاتۇشكا ناھايىتى ئاسان بۇزۇلىدىغان، رىمونىت قىلىش قىيىن، سىم كۆمگەن يول بۆلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، بۇ خىل ئېلىكترونلۇق ساقچى سېستىمىسى بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى، بىرىنچى لىنىيەدىكى شەھەرلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/9485e76a/
2. ئېلىكترونلۇق تېلكامېرا

بىرىنچى ئۇسۇلغا سېلىشتۇرغاندا، ئىلكترونلۇق تېلكامېرا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئۇ دەل ۋاقتىدا نازارەت قىلالايدۇ. نازارەت قىلىش رايونى ئىچىدىكى ماشىنا، قانۇنغا خىلاپ\\ قائىدىگە خىلاپ ماشىنا ھەيدەشكە قارىتا سۈرەتكە تارتىش ئېلىپ بارىدۇ. نەق قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈش، تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىش، قىستىلىپ كىرىش، يول يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىش پەيدا بولغاندا، ئېلىكترونلۇق تېلكامېرا ئۇدا كۆپ سۈرەتكە تارتىدۇ ھەمدە كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق سۈرەت بىر تەرەپ قىلىپ، سۈرەت سانلىق مەلۇماتىنى كونترول مەركىزىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

بىراق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، يولدىكى ئېلىكترونلۇق تېلكامېرا ئاساسلىقى يولنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، سۈرەتكە تارتىش بولسا پەقەتلا پۈتۈن يولنىڭ باشقۇرۇش سېستىمىسىدىكى بىر قىسىم بۆلۈكىدىكى ئىقتىدار. شۇ سەۋەبتىن ئېلىكترونلۇق تېلكامېرادىكى سۈرەتنىڭ كۆپى قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە بەلگىلەنمىگەن يول لىنىيەسىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەيدەش قىلمىشىغا قارىتا جەرىمانە ئېلىش- جازالاش پاكىت دەلىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/4b787a98/
3. رادار مىكرو دولقۇنلۇق سۈرەت ئۆلچىگۈچ


رادار مىكرو دولقۇنلۇق سۈرەت ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلى بولسا، ھەرخىل چاستوتىدىكى مىكرو دولقۇننى سىزنىڭ ماشىنىڭىزغا تەككۈزۈش ئارقىلىق، قايتىش ۋاقتىغا ئاساسەن ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ھېسابلايدۇ، مۇقىم شەكىللىك ۋە كۆچمە شەكىللىك دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. كۆچمە شەكىللىكى بولسا ئادەتتە يول ياقىسىدا يوشۇرۇن ئورنىتىپ قويۇلغان سۈرئەت ئۆلچىگۈچ رادار ۋە ساقچى ماشىنىسى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۈرئەت ئۆلچىگۈچ رادار. بۇ خىل قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان سۈرئەت ئۆلچەش ئادەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تايولدا، دۆلەت يولى ۋە شەھەر ئەتىراپى رايونىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەلۋەتتە رادار ئارقىلىق سۈرەت ئۆلچەشكە يەنە تېلكامېرا ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىش ماسلاشتۇرۇلغان، نورمىدىن ئارتۇق سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش قائىدىگە ىىلاپ قىلمىشى بولسىلا، دەرھال سۈرەتكە تارتىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۇدا سۈرئەتكە تارتىدۇ، ماشىنىنى قاچۇرۇپ قويمايدۇ

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/6206a663/
4. ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئۆلچىگۈچ ۋە لازىر نۇرلۇق ئۆلچىگۈچ


لازىر نۇرلۇق ئارىلىق ئۆلچەش بولسا ئۆلچىمەكچى بولغان جىسىمغا لازىر نۇر دەستىسى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ھەمدە بۇ لازىر نۇرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قايتقان دولقۇن، خاتىرلىگەن ۋاقىت پەرقى بويىچە ئۆلچىمەكچى بولغان جىسىم بىلەن ئۆلچىگەن ئورۇننىڭ ئارىلىقىنى بېكىتىدۇ. لازىر نۇرلۇق ئارىلىق ئۆلچەش بولسا ئۆلچىمەكچى بولغان جىسىمغا قارىتا مەلۇم ۋاقىت پەرقى قالدۇرۇپ ئارىلىق ئۆلچەش بولۇپ، بۇ ۋاقىت بۆلىكى ئىچىدىكى جىسىمنىڭ يۆتكىلىش ئارىلىقى ئارقىلىق، شۇ جىسىمنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتىگە ئېرىشىدۇ.
بۇنىڭ ئاجىزلىقى رادارلىق سۈرئەت ئۆلچىگۈچ بىلەن ئوخشاش، يول ئېغىزى كۆپ، يول بۆلىكى كۆپ، ماشىنا كۆپ، ماڭغۇچىلار كۆپ قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرۇشقا ئامالسىز. بۇندىن سىرت، لازىرت نۇر دەستىسى ئادەمنىڭ كۆزىگە نىسبەتەن زىيانلىق، شۇڭا بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ ھەرخىل ئۆلچەملىرى خەلقئارالىق بىىەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمەيلا قالماستىن، ئوخشاشلا ئىشلىتىش جەريانىدا ئادەم مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/346d4e6a/
5. ئېلىكترونلۇق ئىت

ئېلىكترونلۇق ئىتنى ئىشلەتكەن شوپۇرلارنىڭ كۆپى بىلىدۇ، ئېلىكترونلۇق ئىت تېلكامېرا ياكى سۈرئەت ئۆلچىگۈچنى ئەسكەرتىپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئېلىكترونلۇق ئىتنىڭ ئەسكەرتمىسى ئىشەنچىلىكمۇ؟ چۈنكى ئېلىكترونلۇق ئىتنىڭ تەكشۈرگەن پاكىتى رادرلىق سۈرەت ئۆلچىگۈچنىڭ چاستۇتا بۆلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرىدۇ، ( نەزەرىيە جەھەتتىن) پۈتۈن كۈن سۈرەت ئۆلچىگۈچ رادارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، ئېلىكترونلۇق ئىتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى يىغىش ۋە ئۇچۇر يېڭىلىشى بۇنداق مۇكەممەل ئەمەس، شۇڭا ئەڭ ياخشى ئېلىكترونلۇق ئىتنىمۇ يوچۇقى بار ياكى ئېلىكترونلۇق ساقچىنى خاتا دوكىلات قىلىدۇ.
بۇندىن سىرت، ئېلىكترونلۇق ئىت بىر قىسىم ماشىنىغا قاچىلانغان چارلاش رادارى ۋە ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى دولقۇن بۆلىكىگە قارىتا ئالاھىدە سەزگۈر، دائىم خاتا دوكىلات قىلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.


مەنبە: نۇرتورى

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 22:29:56

مەنرەسىملارنى پەقەتلا كۆرەلمىدىمبۇ كۆچمىنىڭ تۇرىدا نىمىشقاچىيەنناۋ بۇشلۇقىدىكى رەسىملەرنى كۆرگىلى بۇلمايدىغاندۇ؟

ئىزھار يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 09:42:09

ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگەكۆپ رەھمەت

uqkun يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 17:24:42

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن، رەھمەت

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 17:59:21

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركە

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 22:39:25

ئىشقىلىپ مومۇنغا چىقىۋىلىپ چارلايدىغان ساقچىلار پەيدا بولغاندىن كىيىن قاتناش ساقچىلىرغا خىلى پايدىسى بولدى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 22:13:30

كۆچمە شەكىللىكى بولسا ئادەتتە يول ياقىسىدا يوشۇرۇن ئورنىتىپ قويۇلغان سۈرئەت ئۆلچىگۈچ رادار ۋە ساقچى ماشىنىسى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۈرئەت ئۆلچىگۈچ رادار. بۇ خىل قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان سۈرئەت ئۆلچەش ئادەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تايولدا، دۆلەت يولى ۋە شەھەر ئەتىراپى رايونىدا ئىشلىتىلىدۇ.

تىز سۈرئەتتە كىتىۋاتقان يىڭى شوپۇرلار تاساددىپى شۇ نازارەت كامىراسىنى بايقاپ قىلىپ ھۇدۇقۇپ كىتىپ ھادىسە چىقىرىپ قويسا كىم مەسئول بۇلۇشقا تىگىشلىك؟...
ئەلۋەتتە ھازىر شوپۇرغا ئارتىلىدۇ. ئەمما مەن بۇنداق يۇشۇرۇن ئىش قىلىشىنى قوللىمايمەن...
بەت: [1]
: تېلكامېرا قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانداق سۈرەتكە تارتىدۇ؟