ئەلاچى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:39:26

شۇنداق بىر قىز بار، سىز قايسى قىز؟

شۇنداق بىر قىز بار، سىز قايسى قىز؟


شۇنداق بىر قىز بار:
پاك -دىيانەتلىك،ئەقىللىق،باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنىشنى بىلىدۇ،ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئۆزىدىن يۇقۇرى ئورۇندا كۆرىدۇ،ھۆرمەتلەيدۇ ھەم ھۆرمەتلەشكە ئىرىشىدۇ.
شۇنداق بىر قىز بار:
بارچە مۇھەببىتىنى بىر ئاللاھقىلا ئاتىۋەتكەن مۇسۇلمانلارنىلا دوست تۇتىدۇ،شەرمى-ھايا بىلەن ياشايدۇ،ئاللاھنىڭ قىز-ئاياللارغا بۇيرىغان ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشنىلا ئويلايدۇ.
شۇنداق بىر قىز بار:
بارلىقىنى ئائىلىسىگە،يولدىشىغا،پەرزەنتىگە بېغىشلىغان،يولدىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى،بالىسىنى قانداق تەربىيەلەشنى ئوبدان بىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بەخىتلىق،ئىللىق ئائىلە قۇرالىغان.
شۇنداق بىر قىز بار:
كىسەل كارۋىتىدا ئىڭراپ ياتقان ئاپىسىنىڭ كىسىلىنى بېقىش ئۈچۈن(ئاپىسىنى بېقىشىغا نارازى بولغان)يولدىشىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ۋاز كىچىپ ئاپىسىنى بېقىشقا،رازىلىقىنى ئېلىشقا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن.
شۇنداق بىر قىز بار:
ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشنى ئەڭ مۇھىم دەپ ھىساپلايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا ئۈزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىدۇ، بىر ئۆمۈر بەخىتنى ھىس قىلالمايدۇ. نۇرغۇن قېتىم ئۈنسىز ياش تۆكسىمۇ،بۇ دەرتلىرىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەيدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا يالغاندىن بەخىتلىك بولىۋالىدۇ،چۈنكى ئۇلارغا قىزىنىڭ بەخىتسىز بوپ قالغىنىنى بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى مەڭگۈلۈك ئازاپقا تاشلىغۇسى يوق.
شۇنداق بىر قىز بار:
خۇددى ئۈزى ياخشى كۆرمەيدىغان قەپەسكە مەجبۇرى سولانغان ئاجىز بىر قۇش،ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق،قەپەزدىن چىقىپ كىتىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ لېكىن مۇمكىن بولمايدۇ، شۇنچە بىچارە.
شۇنداق بىر قىز بار:
دائىملا مۇھەببەتتىن ئازار يەپ ئۆتىدۇ،ھاياتىدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى ئۇچرىتالايدىيۇ ئەمما ئۇنىڭ سۆيىشىگە ئىرىشەلمەيدۇ.خىياللىرى شۇنچە رومانتىك ، دائىم بىر نىمىلەرنى يېزىپ دەردىنى قەغەز يۈزىگىلا تۆكىدۇ.
شۇنداق بىر قىز بار:
شۇنچە دەرتمەن، شۇنچە مىسكىن، قاچانلا قارىسىڭىز كۆڭلى يېرىملا يۈرىدۇ،شۇنداق ۋاقىتتا بىرەرسىگە دەردىنى تۆكۈپ ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلىۋالغۇسى كىلىدۇ،ئەمما ئۇنچىلىك ئىشەنچىلىك سىرداش دوستى يوق،ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم ئىشەنچىلىك سىرداشلارنى ئۇچرىتىدىيۇ ئەمما يەنە تىزلا سىردىشىنى يوقوتۇپ قويىدۇ،پەقەت ۋە پەقەت كۆز يېشىلا ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ھەمراھ .
شۇنداق بىر قىز بار:
ئۈزى ياخشى كۆرۈشۈپ مۇھەببەتلەشكەن يىگىت بىلەن توي قىلىدۇ،ئەمما بۇ شېرىن ھىسياتلار ۋاقىتلىق بولىدۇ،نەچچە يىلدىن كېيىن بىر تەرەپنىڭ ھىسياتىنىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشكە مەجبۇرى بولىدۇ،ئۇنىڭغا قالغىنى پەقەت، مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان يۈرەك ۋە يىتىم بولغان ئوماق بالىسى.
شۇنداق بىر قىز بار:
ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئۈچۈن،تويغا قوشۇلمىغان ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئىللىق ئائىلىسىدىن كېچىپ يىگىت بىلەن يىراقلارغا كېتىدۇ.
شۇنداق بىر قىز بار:
ئۈزى سۆيگەن يىگىتىگە بەخىت تىلىگەن،ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن تۇرمۇشىدىن ئۈن-تۈنسىز غايىپ بولغان،گەرچە يىگىتنىڭ ئەمدى باشقا بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما يۈرەكلىرى ئەخمەقلەرچە يىگىتنى سېغىنىپ ئۆتكەن.
شۇنداق بىر قىز بار:
جەمىئەتتە كۆزگە كۈرۈنسەم،خىزمەتتە ئۇتۇق قازانساملا دەيدۇ،مۇھەببەت،ئائىلە،تۇرمۇش دېگەنلەرگە ئەسلا قىززىقمايدۇ،توي قىلغان تەقدىردىمۇ خىزمىتىنى ئائىلىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ.
شۇنداق بىر قىز بار:
كۆڭۈل خوشى قىلىشنىلا ئويلايدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ،دوستلىرىنىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ،يىگىتلەرنى ئالداپ ئۇلاردىن نەپ ئېلىشنىلا ئويلايدۇ،ھىس قىلمايدۇكى ئۈزىنىڭ بەختىنى ئالداۋاتقىنىنى.
شۇنداق بىر قىز بار:
پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلغان،ھەتتا تىنىنى سېتىشقىمۇ رازى بولغان، بۇ قىلىقلىرىنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئەيدىز كىسىلى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەن،ئەمدىلىكتە مىڭ بىر پۇشايمانلارنى قىلىپ،قان ياش تۆكۈپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئىڭراپ ياتماقتا.
شۇنداق بىر قىز بار:
پەقەت تور دۇنياسىدىنلا خۇشاللىق تاپالايدۇ، توردا دوست تۇتۇشقا ئامراق،رىئاللىقتا بىرمۇ دوستى يوق،بىر كۈن تورغا چىقالماي قېلىشقا، مۇنبەر كۆرمەسلىككە چىدىمايدۇ.
قېنى قىزچاق! بۇ پەقەت مېنىڭ ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم قىز-ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىن مىسال ئالغانلىرىم، بەلكىم بەزىلىرى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ئوخشاش بوپ چىقىشى مۇمكىن، ئەگەر سىزگە ماس كىلىدىغىنى بولمىسا قېنى سىزمۇ دەپ بېقىڭ! سىز قايسى قىز؟
تۇرمۇشىدا يەنە قانداق قىسمەتلەر بولىۋاتقان قىزلار باركىن ئورتاقلىشىپ باقايلى.
ياراتقان ئىگەم بارلىق قىز-ئاياللارنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىنى بەرسۇن!(ئامىن).



مەنبە:   قەشقەر شەھەر يېڭىئۆستەڭ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ تور بىكىتى

تۆرە يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 00:34:56

;P ;P شۇنداق بىر قىز بار:
يا مۆرىمەس يا سۆرىمەس ، چاقىرسىمۇ ھاڭ ۋېقىپ تۇردىغان ، تىللىسىمۇ كۆتۈردىغان ئۇرسىمۇ قاچمايدىغان ، ئىش قىلغاندا ئەستايدىللىق بىلەن لۆمشىپ يۈرۈپ بىر كۈن قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق ، شۇنداق تۇرۇپ قىش ياز چىرايىغا ئەت قونمايدىغان ، ئۇرۇق ىرتىڭئالدىراپچىرايدىن بىرەر ئىپادە بىلىنمەيدىغان،ئاجايىپ بىر قىز


مەنبەسى: مۇنداقلا ئېسىمگە كىپ قالغان بىر شۈمتەك:D

280 نەچچە قېتىم كۆرۈلۈپ بىرسى ئىنكاس يازماپتىكەن ، مەن يېزىپ قويدۇم ، يۇقارقى قىزدەك بىرەسىڭلا ئىنكاسىمنى كۆرۈپ تاخلااپ كەتمەڭلا ھە :lol{:1_1:}

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 22:35:54

مەن قىز ئەمەس پەقەت ئەر كىشى.:lol

altaxna يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 23:21:25

مەنمۇ قىز ئەمەس جۇما ھى ھى

مىسكىن123 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 11:25:28

مەنمۇ قىز ئەمەس، ئەركىشى.

uqkun يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 14:34:44

ھاززىرقى جەمىيەتتە بۇ خىلدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى تىپىلىدۇ.

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 01:40:30

ئەلۋەتتە مەن ئوغۇل
بەت: [1]
: شۇنداق بىر قىز بار، سىز قايسى قىز؟