380V تىرانسفورماتورلۇق ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى
مۇشۇ كۈنلەردە سەل ئالدىراش بولساممۇ بىر ئەمىلى قوللىنىشچان تېخنىكىنى يوللاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ھازىر جەمىيتىمىزدە كۈپىنچە ھاۋانى پىرىسلاپ شۇ ھاۋا ئىقىمىدىن پايدىلىنىپ مىتاللارنى كىسىدىغان ئەسۋاپلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بۇرۇن مەن ‹‹ئىلىكتىرىك كەپشەر ۋە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى ›› دىگەن تىمىنى يوللىغان ئىدىم. ئۇ تىمىدىكىسى يۇقىرى چاستوتىلىق قوزغىتىلغان كىسىش ماشنىسى ئىدى. ئەتىگەن بىر ئىش بىلەن ئۇستامنىڭ ئۈيىگە بارغىنىمدا 380 ۋولىتلىق تۇراقسىز توكتا ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى تىرانسىفورماتورلىق چوڭ قۇۋۋەتلىك كىسىش ماشنىسىباركەن،قاراپ باقسام ئىش پرىنسىپى بەك ئاددى ئىكەن.بۇنىڭدا ئۈچ فازىلىق 380 ۋولىت بىسىمنى ئايرىغۇچى تىرانسىفورماتور ئارقىلىق 220 ۋولىتلىق چوڭ ئىقىملىق ئۈچ فازىلىق بىسىمغا ئايلاندۇرۇپ، ئالتە تال ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدا رەتلىگەندىن كىيىن ب 6 يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتوردا(ئەمىليەتتە ب 2 تىرانسىفورماتور بىلەن ئىككىسى بىر) يۇقىرى چاستوتىلىق سىگنال بىلەن بىر قىسمىدا سۇقما يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىپ شۇ ئارقىلىق كىسىش بىشى ئىچىدىكى بوشلۇقتا ئاجىز ئۇچقۇن ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن قىزىتىلغان ھاۋا 215 ۋولىتلىق تۇراقلىق توكنى ئۈتكۈزۈشكە باشلاپ تىخىمۇ قىزىپ نورمال ئۈتكۈزۈشچان ھالەتكە( چوڭلېرىدا تىمپىراتورىسى 8000 گىرادوسقا يىتىدۇ) ئۈتىدۇ. بۇ تەرپى مىنىڭ تۇراقلىق توكتا كۈن نۇرلۇق لامپا يورۇتۇش . دىگەن تىمامدىكىدەك، نىونلۇق لامپىنى يورۇتۇشقا ئۇخشاپ كىتىدىكەن. نىونلۇق لامپىدا نىون گازىنى قىزىتىپ ئاندىن سۇقما توكنىڭ پەيىتلىك يۇقىرى بىسىمىدا گازنى ئۈتكۈزۈشچان ھالەتكە كىرگۈزىدۇ. بۇنىڭدا بولسا يۇقىرى بىسىم بىلەن ئۈتىۋاتقان ھاۋانى ئۈتكۈزۈشچان ھالەتكە كىرگۈزىدۇ.
يۇقارقى ئىككى تىمىدا تەۋرىنىش سىگنالىنى لامپا ۋە توپلاشتۇرغان توك يوللېرى ھاسىل قىلغان ئىدۇق، بۇنىڭدا بولسا باشقىچە، يەنى يۇقىىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىشنى ھاسىل قىلىدىغىنى بولسا ئايرىم بىر 2500 ۋولىتلىق توك ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفور تەييارلىنىپ ،(بىرىنچى رەسىمنىڭ ئاستىنقى قىسمى)ئۇچقۇن ھاسىل قىلىش(مەلوم بىسىمغا يەتكەندە ئۇچقۇن ھاسىل بۇلۇش بىلەن بىرگە ھاسىل بولغان ئۇچقۇن تەسىرىدىن ئىككى مىتال ياپراقچە ئارسىدىكى ھاۋانىڭ ئۈتكۈزۈشچانلىقى ياخشىلىنىپ توك بىسىمىنى تۈۋەنلىتىۋىتىدۇ، ئاندىن بىسىم چۈشكەندە ئۈزۈلۈش ھالىتىگە كىرىدۇ. شۇنداق قايتىلاپ تەكرارلىنىشىغا بەك قىسقا ۋاقىت كەتكەچكە چاستوتىسى تەخمىنەن 25 كىلو گىرتىس ئەتراپىدا بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەردىكى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىلىكتىر دۇلقۇنى س12 كوندىساتوردىن ئۈتۈپ ب 2 ئىنچىكە سىملىق ئورامدىن ب 6 ئورامغا ئىندوكسىيلىنىپ ب6 ئورامدا پەيىتلىك يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى 2500 ۋولىت يۇقىرى بىسىم ئۇچقۇنلىنىدىغان ئىككى مىتال ياپراقچىنىڭ ئارلىقىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، يىراقلاپ كەتسە ھاسىل بۇلىدىغان تەۋرىنىش چاستوتىسى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ ۋە كىسىش بىشىدىكى 215 ۋولىت توكنىڭ كىسىش بىشى ئىچىدىكى ھاۋا ئىقىمىدىن ئۈتىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يىقىن بۇپ كەتسە 2500 ۋولىت توك ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتورنىڭ يۈكى ئىشىپ كىتىپ كۈيۈپ كىتىدۇ.
ئەمدى بۇ يەردە نىمە ئۈچۈن 215 ۋولىت توكنى رەتلەپ تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرىدىغانلىقىمىز ئۈستىدە تۇختالساق چۈشىنىشلىك بۇلىدۇ. ئەگەردە كىسىش بىشى ئىچىدىكى ھاۋانى ئۈتكۈزۈش ھالىتىگە كىرگۈزۈشتە تاينىدىغان يۇقىرى بىسىم ئۇچقۇن تەتۈر يىنىشتىن ساقلايدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بولمىغان ھالەتتە بىۋاستىلا 215 ۋولىت توك ھاسىل بۇلىدىغان ئورامدا قىسقا يول بۇلۇپ كىسىش بىشى ئىچىدە ئۇچقۇن ھاسىل قىلىش مەقسىدىمىزگە يىتەلمەيمىز. شۇڭا ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بىسىمى 2000ۋولىتتىن يۇقىرى تەتۈر بىسىمغا چىدىيالايدىغان بۇلىشى ھەم تىرانسىفورماتورغا ئورالغان 215 ۋولىتلىق ئوراممۇ تۈمۈر ئۈزەك چە باشقا توك ئۈتكۈزىدىغان دىتاللاردىن يۇقىرى دەرىجىدە ئىزۇلياتسىيلىنىشى كېرەك. مەنمۇ بۈگۈن مۇشۇ خىلدىكى كىسىش ماشنىسىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇرۇن يازغان تىمىدىكى يۇقىرى چاستوتىلىق كىسىش ھالىتىدىمۇ ئەمىليەتتە توك يۇلى تاختىسىدىكى ئۇچقۇنلىتىش بولمىسا كىسىش بىشى ئىچىدە ئۇچقۇن ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم. ئىلىكتىر كەسپىىنىخېلى پىششىق بىلىدىكەنسىزسىز ئادەتتە نىمە خىزمەت قىلىسىز شىپا يوللىغان ۋاقتى2014-10-15 09:59
ئىلىكتىر كەسپىىنىخېلى پىششىق بىلىدىكەنسىزسىز ئادەت ...
ئۆيدە، بۇرۇن ئىلىكتىر كەسپى ئۈگەنگەن... سىزدەك ئۇققانلارغا ئاسان تۇيۇلغىنى بىلەن مەن ناھايىتى ئاز قىسمىنى چۈشەندىم:ow تېمىڭىزنى مەن چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ ئەمما پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن.
سىز قەيەردە تۇرىسىز؟ ھازىر نىمە خىزمەت قىلىۋاتىسىز؟ سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-16 07:59
سارسان يوللىغان ۋاقتى2014-10-15 22:37
سىزدەك ئۇققانلارغا ئاسان تۇيۇلغىنى بىلەن مەن ناھايىتى ...
بۇ پۈتۈنلەي كەسپى نۇقتىدىن يىزىلغان تىما، ئىلىكتىر كەسپى ئۈگىنىۋاتقانلار ۋە بىر قىسىم رىمونىتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يىزىلغان.
يەنە ھازىر بۇنداق ئۈسكىنىلەر قىممەترەك، تېخنىكىسىنى ياخشى بىلگەندە بىرەسى مۇشۇ نەرسىنى توپ ئىشلەپ بازارغا سېپ قالسىمۇ پايدىسى كۆپ، كەسپى تىمىلارنى يىزىشتىن مەقسىدىممۇ -شۇ...
ئىچكىرىدىكى بۇنداق ئۈسكىنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ تۇلىسىنى مەبلىغى بار سودىگەرلەر ۋە دېھقانلار قۇرغان، %80تىن يۇقىرىسىدا زاۋۇت قۇرغانلارنىڭ شۇ ساھەدىكى بىلىمى يۇقىرى ئەمەس...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-16 07:59
سارسان يوللىغان ۋاقتى2014-10-15 22:37
سىزدەك ئۇققانلارغا ئاسان تۇيۇلغىنى بىلەن مەن ناھايىتى ...
قايتىلانغان. مۇشۇ نەرسىنىمۇ ئىلىكتىرىك قوزغاتسا قوزغىتىشقا ھازىرقىدەك 100 ۋات ئىشلەتمەي ئىككى-ئۈچ ۋاتلا توك ئىشلىتىدۇ. ئەمما بۇنچە چوڭ قۇۋۋەتلىك نەرسىدە كىچىككىنە توك تىجەشكەبەك ئېتۋار بېرىلىپ كەتمەيدۇ.
مەندە ئىككى سىملىق 220 ۋولىتلىق 5.6 كىلوۋات قۇۋۋەتلىك ct-416 تىپلىقتىن بار ئىدى، كىسىش سىمىدا يەنە بىر كىسىش يەر سىمىنى كىسىش بىشىنىڭ ئۇچىغا ئۇلاپ قۇيۇپ كەسسەم ئوت كەپشەردەك ئىشلەتكىلى بولدى، ئەمما ئوت كەپشەردەك سىلىق كەپشەرلىگىلى بولمايدىكەن. بوش ۋاقىتلېرىمدا كىسىش ماشنىسىنى ئۈچ سىملىق 380 ۋولىتلىق قىلىپ 12 كىلوۋاتلىقتىن بىرنى ئۆزۈم قول سىلىپ ياساپ باقاي دەيمەن.
بەت:
[1]