توك پۇلىنى يان تېلېفۇن ئارقىلىق تۆلەش كەسپى يولغا قويۇلدى
توك پۇلىنى يان تېلېفۇن ئارقىلىق تۆلەش كەسپى يولغا قويۇلدىيېقىندا، دۆلەت ئېلېكتر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى بىرلىشىپ، توك پۇلىنى يان تېلېفۇن ئارقىلىق تۆلەش كەسپىنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت ئېلېكتر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق IC كارتىسىدىن پايدىلىنىدىغان توك ئىشلەتكۈچىلەر يان تېلېفۇنى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت توك پۇلىنى تاپشۇرالايدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشچە، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرىدىغان ئابۇنىچىلىرى يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش تور پونكىتى ۋە يان تېلېفۇن ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا ھىسابات نومۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆز ئۆيىنىڭ توك ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت سۈرۈشتۈرەلەيدىكەن ھەمدە بانكا كارتىسى ياكى «يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تۆلەش» ھېساباتىدىكى قالدۇق پۇل سوممىسى ئارقىلىقمۇ ھەر ۋاقىت توك پۇلىنى تاپشۇرالايدىكەن. بۇ كەسپ-- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇ، توك قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا زۆرۈر بولغان ساھەلەردە يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلغان.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولى، غەربىي شىمال يولى، جۇڭسەن يولى قاتارلىق جايلىرىدىكى 10 تېلېگراف تىجارەت زالىدا، دۆلەت ئېلېكتر تورى كەسپىدە يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنداپ بولۇندى. بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت ئېلېكتر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق IC كارتىسىدىن پايدىلىنىدىغان توك ئىشلەتكۈچىلەر يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تۆلەشنىڭ قۇلايلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئىگىلىنىشچە، يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش-- جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇلازىمەت بولۇپ، جۇڭگو تېلېگرافى ھەر بىر ئابۇنىچى ئۈچۈن «يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش» ھېساباتى تەسىس قىلىدىكەن. ئابۇنىچىلار بۇ ھىساباتنى رەسمىي ئاچقاندىن كېيىن، پۇلنى مەزكۇر ھېساباتقا كىرگۈزىدىكەن. دېمەك، بۇنداق بولغاندا ئېنتىرنت تورى، يان تېلېفۇندا تورغا چىقىش، قىسقا ئۇچۇر، ھەمتۈرتكە شەكىلدىكى ئۆز ئارا سۆزلىشىش ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق يۈز- تۇرانە مۇلازىمەتسىزمۇ توك پۇلىنى تاپشۇرغىلى بولىدىكەن
مەنبە :شىنجاڭ رادىئو تورى
بەك قولايلىق بوپتىغۇ ئەمدى ماۋۇ ئاقسۇ تەرەپلەرگە قاچان كىلەربۇ.. بەكياخشى بۇپتۇ ،باشقايەرلەرگە قاچانيولغا قۇيار ؟ خوتەندىمۇ ،قاچانلىققا ،بولا ؟ ھەي چوڭ شەھەر دىگەن مانا شۇنداق،مۇلازىمەت ياخشى ھە ؟ sirlik28 يوللىغان ۋاقتى2014-10-16 17:20
خوتەندىمۇ ،قاچانلىققا ،بولا ؟ ھەي چوڭ شەھەر دىگەن مانا ...
ئۇزۇنغا قالماي پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ شۇنداق ....!
بەت:
[1]