مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولسا...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-13 17:39مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولسا...
بىر جۈپ ئەر- ئايال بولۇپ، ئۇششاق تىجارەت قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. بىر كۈنى ئەر قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىپتۇ، بىراق ئۇنى سوقۇۋەتكەن شوپۇر قېچىپ كېتىپتۇ. ئەر داۋالىنىش پۇلىدىن ئەنسىرەپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بوپتۇ. دوختۇر ئەرنىڭ پۇتىنى ئوپېراتسىيە قىلمىسا مېيىپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئەر يەنىلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىش پىكرىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايالى: ‹‹رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ كىرەي، ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ›› دەپچىقىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئايال بىر ناتۇنۇش ئەر بىلەن كىرىپ كەپتۇ. ناتۇنۇش ئەر ئۇنىڭغا:
-سىزنى سوقۇۋەتكەن كىشى بولىمەن، قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ۋىجدانىم چىدىمىدى، شۇنىڭ بىلەن سىزنى كۆپ ئىزدىدىم، بۇگۇن ئايالىڭىزنىڭ سىزنى سوقۇۋەتكەن كىشىنى ئىزدەپ چىقىرىپ قويغان ئېلانىنى كۆرۈپ كەلدىم، - دېگىنىچە 30 مىڭ يۈەننى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئەر دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىقىپتۇ، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىۋېتىپ، بىر باققالغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. ئەسلىدە ھېلىقى 30 مىڭ يۈەن بەرگەن ئەر بۇ يەردە باققالچىلىق قىلىۋاتقانكەن. ئەر باققالدىن بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ.
- راستتىنى ئېيتسام ، مەن سىزنى سوقۇۋەتكەن كىشى ئەمەس، مۇشۇ يەردە باققالچىلىق قىلىمەن.شۇ چاغدا ئايالىڭىز ماڭا 30 مىڭ يۈەننى تۇتقۇزۇپ، سىزگە ئېيتقان گەپلەرنى دېيىشىمنى ئېيتتى. ئىشتىن كېيىن ماڭا 100 يۈەن بەردى، ئەمما مەن ئالمىدىم،- دەپتۇ باققال.
ئەر شۇندىلا ئايالىنىڭ دىيابېت كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىغقان 30 مىڭ يۈەننى ئۆزىگە ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئايال:
-مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنى تۇنجى قېتىم ئالدىدىم، سىز سالامەت بولسىڭىزلا پۇل دېگەن تېپىلىدۇ، سەللىمازا ساقايغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋالىنىش ئۈچۈن يىغقان پۇلۇمنى ‹‹تۆلەپ›› بېرەرسىز، - دەپتۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئەقىللىق ئاياللارنىڭ خۇشاللىقى باشقىلار بىلەن بەسلىشىپ ئېسىل كىيىنىش ياكى ئالىي رېستورانلاردا ئېسىل غىزالىنىشتىن ئەمەس، بەلكى ئېرىنىڭ رازىلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىدىن كېلىدۇ. يۇقۇرىقى ھېكايىدىكى ئايالنى شۇنداق ئايال دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئۇ ياخشى نىيەتلىك ئالدامچىلىقى بىلەن ئېرىگە بولغان پاك مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولسا...
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ھەجەپ ئىسىل خۇتۇنكەنغۇ. دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار شۇنداق بولسا ھە! مۇھەببەت دىگەن شۇنداق بولسا........................... بەك تەسىرلىك ياخشى تېمىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت . بۇنداق ئاياللاركەم ئۇچۇرايدۇ جۇمۇ بۇنداق ئوبدان ئايال ئۇچرايدىغان بولسا....:lol بەك تەسىرلىك كەن alxir يوللىغان ۋاقتى2014-10-14 08:18
بۇنداق ئوبدان ئايال ئۇچرايدىغان بولسا....
شۇنى دەيمىنا...;P;P;P arkinjuma يوللىغان ۋاقتى2014-10-13 20:35
ھەجەپ ئىسىل خۇتۇنكەنغۇ. دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار شۇن ...
شۇنداقمۇ بولۇپ قالار ئۈمۈدۋار بولۇڭە...:lol:lol;P;P ھەقىقەتەن ياخشى تىمكەن رەھمەت سىزگە