nida يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 23:36:07

[نىدا] [نەسىر] بەختلىك بول پەرىشتەم

بەختلىك بول پەرىشتەم
مەن تۇرۇۋاتقان بۇ شەھەردە قۇياشنىڭ چىرايىنى كۆرمىگىلىمۇ ئون نەچچە كۈنچە بولۇپ قاپتۇ، كۆڭلۈمگە شۇنچە يېقىن ھېسابلايدىغان سېنى كۆرمىگىلى قانچە كۈنلەر بولغىنىنى ساناشقا بارماقلىرىم يېتىشمەي قالدى، بارماقلىرىم ئەمەس، بەلكى ئەقلىم چولتا كەلدى! بۇ چولتا ئەقلىم بىلەن سېنى ئويلىماسلىققا قانچە تىرىشساممۇ، ئەمما بەڭباش كۆڭلۈم مېنى ئايلاندۇرۇپ يەنىلا سەن كەتكەن يول تامان ئەقلىمنى باشلاپ قويدى، كاللامدا سىمايىڭ قايتا غۇۋا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى! پۇتلىرىم ئۆز ئىختىيارىمغا بويسۇنماي، مېنى يەنىلا بىز بىرگە يانمۇ-يان ماڭغان، تاتلىق ئەسلىمىلىرىمىزگە گۇۋاھچى بولغان ئاشۇ يول ئۈستىگە باشلاپ كېلىپ، بىز شۇ چاغلاردا بىرگە ماڭغان رېتىمدا ئاستا قەدەم تاشلاپ ماڭماقتا. ھەر بىر قەدىمىم ئاشۇ شېرىن مىنۇتلارنى قايتا ئەسلەتمەكتە ئىدى. بىر ئاچچىق ئاغرىق سېزىمى يۈرۈكۈمنى سانجىپ ئۆتتى. شۇنداق، يۈرۈكۈم يىغلاۋاتقان ئىدى...
تۇمان باسقان بۇ شەھەرنىڭ كۈنلىرى شۇنچە خىرە ۋە خۈنۈك، ھەممە كىشى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە شۇنچە تېز ئۆتۈۋاتقانلىقى ھېس قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن خۇددى لاي سۇدەك ئاستا لۆمشىپ ئۆتمەكتە. ھەر بىر كۈن شۇنچە قەدىرسىز بىلىنمەكتە، چۈنكى يېنىمدا سەن يوق، ھەتتا شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى زارىقىپ كۈتۈپ سېغىنىشتىن قىينىلىۋاتقان ئويلىرىمدىمۇ سەن يوق. قاچانلاردىن بۇيان قەلبىمنىڭ بۇنچە جىمىپ قالغانلىقىنى تۇيماپتىكەنمەن. بۇرۇنلاردا سەن توغرىلىق كىچىككىنە ئۇچۇرمۇ قەلبىمدە غەليان قوزغىيالايتتى، ھازىر پەقەت تاتلىق ئەسلىمىلەرگە ھېسسىياتسىز بىر خىل رەۋىشتە مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە خۇددى باشقىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقاندەك، بۇ ئىشلارنى بۇرۇن باشتىن كەچۈرمىگەندەك، بۇ ئىشلار ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك قاراپ سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. راست، ئۇ بۇنىڭغا ھەقلىق ئىدى، چۈنكى چاچلىرىڭدىن تارالغان جىگدە چېچىكىنىڭكىدەك خۇشبۇي ھىدنى ھىدلىمىغىلى ئۇزۇن بولدى، تومۇر-تومۇرلىرىمدىكى قانلىرىمىنى كۆۋەجىتىدىغان شېرىن ھەم نازۇك لەۋلىرىڭنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قالغىلىۋاتىمەن، ئەقلىمنى لال قىلىدىغان خۇشخۇي كۈلكە ئاۋازىڭمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلىماس بولدى. سەن يېنىمدىن كەتكەندىن بۇيان بىز ماڭغان ئاشۇ تونۇش كوچىلاردىن، باغلاردىن سېنىڭ سىمايىڭنى، ھىدلىرىڭنى ئىزدىگەن ئىدىم، ئەمما تالاي ۋاقىت بولدى، تېپىلمىدى! كاشكى، ساڭا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىرەرسى بولسىمۇ ئۇچراپ قالغان بولسىچۇ؟! تا ھازىرغىچە ھېچكىمنى ساڭا ئوخشاتماي، ئوخشىتالماي كەلگەن ئىدىم، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم تېپىلماس ئوخشايدۇ.
سېنىڭ بىپەرۋالىقىڭ مېنىڭ ئازابلىرىمنىڭ سەۋەبچىسىدۇر. مەنمۇ سەندىن بىپەرۋالىقنى ئۆگەنسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ. خۇشال كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنۇتقاق كېلىدىكەن. مەنمۇ ھەم سەندەك ئۇنۇتقاق بولاي دەپ تىرىشتىم، ئەپسۇس، مەغلۇپ بولدۇم! شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇنۇتقاقلىق ساڭىلا ئاتا قىلىنغان مەرھەمەت ئوخشايدۇ. سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن قانچە تىرىشقانسېرى، سەن قەلبىمگە شۇنچە مەھكەم ئورۇنلىشىۋاتىسەن. بولدىلا! بۇ تىرىشچانلىقلار مېنى ھاردۇردى، ئاقىۋىتى ھامان نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى، بىھۇدە ئۇرۇنۇش بولدى، خالاس! ھارغىنلىق يەتكەن يۈرۈكۈم ئاجىز ئىڭرىماقتا، تىلىم يەنىلا سېنىڭ ئىسمىڭنى زىكىر قىلماقتا...
ئاخىرى شۇنداق يەكۈنگە كەلدىم: مېنى ئۇنتۇپ خۇش بولساڭ مەيلى، لېكىن ئۇنۇتالماي ئازاب چەكمىگىن، بەختلىك بول، پەرىشتەم!

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 23:22:33

شۇنداق يىنىك ياخشى چىقىپتۇ،،،،،بىللە ئ‍ۈتەلمىگەندىكىن بەخىت بولسىمۇ تىلەش كىرەك ئەلۋەتتە، ھارماڭ
بەت: [1]
: [نىدا] [نەسىر] بەختلىك بول پەرىشتەم