WOLKANI يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 13:33:59

ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى پارچىلار

پارچىلار
ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى
بىر كۈلگەن مەڭگۈلۈك كۈلىدۇ دېمە،
يىغلىغان يىغلاپلا ؟كلىدۇ دېمە .
كۈلگەنلەر يىغلايدۇ،يىغلىغانلار كۈلۈپ،
بۇ جاھان بىر خىللا ئۆتىدۇ دېمە.
**   **   **   **
گۇگۇمغا يەم قىلىپ چاچتىم تېنىمنى،
سۇبىھىدەمئۇپۇققا سەپتىم قىېنىمنى.
تاڭ سەھەر پارلىدى ئالتۇن رەڭ قۇياش،
تىگىشتىم بىر زەررە نۇرغا جېىنىمنى.
   **   **   **   **
ياشىدىڭ ھەم كۈلدىڭ ،ئوينىدىڭ خۇشال،
ئوچىرشىپ يار بىلەن تاپتىڭ چىن ۋىسال.
ئەپسۇسكى سەن تاپقان ۋىسالغا لايىق،
پاك ئەجىر تۆكتۈڭمۇ؟قويۇپ باق سۇئال.
   **   **   **   **
بەزىلەر ياشالماس ئىكەن گۇناھسىز،
بەزىلەر ياشالماس مالۇ دۇنياسىز .
خۇدامۇ،دۇنيامۇ لازىم ۋە لېكىن ،
ھاياتىم تۈگىشەرنۇر ۋە زىياسىز.
ئاپتۇر؛ پوسكام ناھىيە 3-ئوتتۇردىن -

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 14:24:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HIRISTAL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-10 14:25

بىر كۈلگەن..................

بىر كۈلگەن دائىما كۈلىدۇ دىمە،
يىغلىغان يىغلاپلا ئۆتىدۇ دىمە.
كۈلگەنلەر يىغلايدۇ،يىغلىغان كۈلۈپ،
بۇ جاھان بىر خىللا ئۆتىدۇ دىمە .

بۇ كوپلىتنى مۇنداق ئۆزگەرتسەك تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ دەپ قارايمەن. يەنە ئىككىنچى مىسرادا بوغۇم سانى ئېشىپ كەتكەن.

خۇدامۇ،دۇنيامۇ لازىم ۋە لېكىن .......

مۇشۇ مىسرانىمۇ بولسا قايتا ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز.       كەچۈرۈڭ ئۆزرىلىكمەن .

پىغانى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 19:25:23

يېڭى شئېرىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

ياسىن212 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 22:00:37

رەھمەت سىزگە ياخشى يىزىلىپتۇ

menggutash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 23:47:13

HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى2014-10-10 14:24
بىر كۈلگەن..................

بىر كۈلگەن دائىما كۈلىدۇ دىمە،


بەك تۈزۈت قىلىپ كەتمەڭ بۇ ئۆگىنىش ئۆگىتىش سورۇنى مۇشۇنداق بولغىنى ياخشى

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:59:06

ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن .

پىغانى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:04:33

شئېرىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم ،ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز !

ئايگۇلى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 14:10:12

شئېرىڭىزنى ياقتۇردۇم ،

WOLKANI يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 14:53:38

تورداشلارنىڭ ئىلھام مەدەت بەرگەنلىكىگە رەخمەت .
بەت: [1]
: ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى پارچىلار