ياشىغىن ئون سەككىزدە،ئون سەككىز يىل- ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ياشىغىن ئون سەككىزدە، ئون سەككىز يىل(ئايالىمجەمىلەنىڭ 18 ياشقا تولغان خاتىرە كۈنىدە يېزىلغان ....)
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
بۈگۈن دەل ئون سەككىزگە تولغان كۈنۈڭ،
ھاياتقا مەزمۇت قەدەم ئالغان كۈنۈڭ،
يۈرەككە ‹‹پىژژىدە›› ئوت سالغان كۈنۈڭ،
ھۆسنىڭگە قاراپ شۇنداقلا ئويلاپ قالدىم؛
ياشىغىن ئون سەككىزدە ئون سەككىز يىل.
سەن-مەنزىل تېخى ھىچكىم بارالمىغان،
سەن-ناخشا تېخى ھىچكىم ئېيتالمىغان،
سەن - شېئىر ھىچبىر شائىر يازالمىغان،
قەلبىمدە توزىماس گۈل بولاي دېسەڭ؛
ياشىغىن ئون سەككىزدە ئون سەككىز يىل.
قېشىڭ قارا بولغان بىلەن قەلبىڭ ئاقتۇر،
دىلىڭدا ساختىلىقتىن ئەسەر يوقتۇر،
گۈزەللىك ئەلگە سەندىن تارالغاندۇر،
ياشلىقىم بالقىپ تۇرسۇن مەڭگۈ دېسەڭ؛
ياشىغىن،ئون سەككىزدە ئون سەككىز يىل.
كېلىچەك سۆيۈپ قويار لىۋىمىزگە،
رەقىپلەر تاش ئاتالماس چىنىمىزگە ،
قورۇقلار ئىز سالالماس چىھرىمىزگە،
شۇڭلاشقا بار ئاۋازدا دەيمەن ساڭا؛
ياشىغىن، ئون سەككىزدە ئون سەككىز يىل.
1999-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى( ئاچال)
مەنبە: ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژورنىلىدىن ئېلىندى بەك ياخشى يېزىپسىز ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى بەكلا ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن :lolئايالىرى 18دە 18يىل ياشاپ بوپتۇ34 كە كىرگۇزۋاپلا ;P تەڭ ياشاپ جاپا ھالاۋەتتە بىرگە بولۇپ مەڭگۇ بىللە ئوتۇشلىرنى تىلەيمەن ياخشى يىزلغان شىئر ئىكەنرەھمەت. ياشلىقنى ئەسلەپ قاپتۇق دە ھى ھى ھى بەك ياخشى چىقىپتۇ ياخشى يېزىپسىز ، قاپىيە شەكىللىرىمۇ دەل ئورۇنلۇق چۈشۈپتۇ . رەھمەت .
بەت:
[1]