يۇلغۇن1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 22:15:18

ئارتۇق ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تىزىملاش، ئاپتۇماتىك خۇلاسىلەش جەدۋىلى

كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە ئارتۇق ئۆتۈلگەن دەرسلەرگە قارىتا ، مەلۇم مىقداردا ھەق بېرىدۇ. ئەمما ئارتۇق ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى خۇلاسىلەش نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق ئىش . بۇ جەدۋەل ئىككى جەدۋەلدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىرى تىزىملاش جەدۋىلى ، يەنە بىرى خۇلاسىلەش جەدۋىلى . ئەگەر بۇ جەدۋەلنى ئىشلەتسىڭىز، تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرسىڭىزلا ، ئاپتۇماتىك خۇلاسىلەپ بېرىدۇ، ھېچقانداق ئاۋارىچىلىق تارتمايسىز. دىققەت قىلىدىغان نۇقتا : تىزىملاش جەدۋىلىدىكى ئىسىم بىلەن خۇلاسىلەش جەدۋىلىدىكى ئىسىم ئوپمۇ ئوخشاش بولۇشى كېرەك.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: artuk dars.zip

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 23:35:22

ئاۋال مائارىپىمزىدا، مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار ئېھتىياجلىق ماتىرىياللارنى يوللاپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
تەكلىپىم: سىز ماتىرىيال ئىشلىگەندە بىز ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان پارتىزانچە كىرگۈزگۈچ «ئىدىقۇت» نى ئىشلىتىدىكەنسىز، مەن قارىسام بۇنىڭ خەت نۇسخىسى ھازىرقى يولغا قۇيۇلىۋاتقان unicode ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىكەن، بۇ قېتىم تېخىمۇ يامان بولغىنى ئاشۇ كىرگۈزگۈچنىمۇ قوشۇپ يوللاپسىز.
بىز ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىمىز بىر-بىرىنى تۇنۇماي بۇنىڭ جاپاسىنى ئاز تارتىمىدۇق، ھېلىھەممۇ تارتىۋاتىمىز، ئەمدى يەنە بۇنىڭ يېڭى باشلىمىنى ئاچمايلى، شۇڭا ئاۋۇ سىز ئىشلىتىۋاتقان «ئىدىقۇت» نى تورغا چىقىرىشىڭىزغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ھەم سىزگىمۇ بۇ خىلدىكى ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بىزگە ھازىر ئويغان كىرگۈزگۈچ ۋە ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچ يېتىپ ئاشىدۇ، مۇشۇ ئىككى ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى بىر-بىرىنىمۇ تېپىشمەيدۇ.
سىز يولىغان ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، سىز قوشۇپ قويغان «ئىدىقۇت» كىرگۈزگۈچنى ئۆچۈرۋېتىپ، ھۆججەتنى office 2003 تىمۇ نورمال ئاچالايدىغان قىلىپ قايتا ساقلاپ چىقىرىپ قويدۇم.
تەكلىپىمنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، ئەگەر مەن چوقۇم ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئۆز پىكرىمدە قالىمەن.

يۇلغۇن1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 20:03:04

كەچۈرۈڭ دوستۇم سىزنى بىئارام قىپ قويۇپتىمەن. چۈشۈرگەن بولسىڭىز كۆرگەنسىز ھەممىسى 2-3يىل بۇرۇنقى مارتىرىياللار ئىدى، شۇ چاغلاردا ‹‹ئىدىقۇت ››ئىشلىتەتتۇق.
ئەملىيەتتە ئىشلەتكۈچىلەر جەدۋەلنىڭ فورمۇلسىدىنلا پايدىلىنىدۇ . باشقا يېزىقنى ئىشلەتسەبولىۋېرىدۇ.
بەت: [1]
: ئارتۇق ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تىزىملاش، ئاپتۇماتىك خۇلاسىلەش جەدۋىلى