كاشكارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 20:15:02

windows سىستىمىغا ساپايىمىز قانچىلىك؟

      ئەسسىلامۇ-ئەلەيكوم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر!
       مەن بۈگۈن ۋىندوۋس توغرىسدا مەخسۇس توختالماقچى،ئالدى بىلەن ۋىندوۋىس ھەققىدە تارىخى جەريانلارنى ئەسلەپ باقايلى:
   * 1975.يىلى مىكروسوفىت شىركىتى رەسمى قۇرۇلدى.
   *1980.يىلى ئالتىنجى ئايدا مىكرو سوفىت شىركىتى تۇنجى سىستىمىنى ئوتتىرغا چىقاردى ھەم بۇنى ms-dos دەپ ئاتىدى .بۇسىستىما س تىلى پىروگىراممىسىدا ياسالغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا س تىلى ئۈگۈنۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.مۇشۇ سىستىما بىلەن مىكروسوفىت شىركىتى ئاجىزلىقتىن كۈچۈيىشكە باشلىدى.
   *1983.يىلىدىن باشلاپ شىركەت شەخسىلەر تەتقىقاتقا ئىشلىتىدىغان سىستىمىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى ھەم ئۇنىڭغا ئىنگىلىزچە كۆزنەك(windows) دەپ نام قويدى
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/3a834112/
   *1985.يىلى شىركەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق windows1.x نى تارقاتتى بۇ سىستىما ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل دۇنيادا قىززىق نوختا بولۇپ .مىكرو سوفىت كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تىز ئۆرلەپ كەتتى.
   *1987.يىلى شىركەت تۇنجى سىستىمىدىكى مۇرەككەپ جايلارنى ئاددىلاشتۇرۇپ(شۇچاغ سەۋىيەسىدە)كۆزنەك 2.0نى ياساپ چىقتى.بۇ سىستىما مىكروسوفىتقا نۇرغۇن ئىقتىساس ئىگىسى يىغىپ بەرگەن سىستىما دىيىشكە بولىدۇ.
   *1990.يىلى 5. ئايدا كۆزنەك 3.0 نى ياساپ چىقتى بۇنىڭ ئەڭچوڭ ئالاھىدىلكى شۇ بولدىكى بۇ سىستىمىدىن باشلاپ باشلاش تىزىملىكى قوشۇلدى كومپىيوتىر تورلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.كۆزنەكمۇ ھازىرقى زامان كۆزنەككە 80% ئوخشاش بولدى ھەم تۇنجى قىتىم جۇڭگۇ بازىرغا كىرگەن كومپىيوتىر سىستىمىسى بوپ قالدى.1992.يىلى كۆزنەك 3.2 نۇسخىسىدا رەسمى خەنزۇتىلى قوللايدىغان تىل بولىقى قىتىلدى.
   *1993.يىلى Windows NT 3.1 سىستىمىسىنى ئىلان قىلىپ كومپىيۇتىرنىڭ شەخسىلەرگىچە كىڭەيگەنلىكىنى رەسمى جاكارلىدى.بۇ سىستىما ھازىرقى سىستىمىنىڭ ئانىسى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.
   *1995.يىلى ۋندوۋس شىركىتى ناھايتى تەرەققى قىلغان بولۇپ بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ كۆزنەك 95نى ئىشلەپ چىقتى بۇسىستىما مىكروسوفىتنىڭ دۇنيادا گىگانىت كارخانا بولشىغا يول ئىچىپ بەردى.شۇدەۋىردە كومپىيوتىرغا قىززىقمىغان بىرمۇ دۆلەت بىرمۇ كىشى قالمىغان ئىدى،دىيىشكە بولىدۇشىركەت .95نىڭ ئەپچىللىكى بىلەن دۇنياخەلقىنى مايىل ھەم قايىل قىلدى.
   *1998 يىلى تولۇق ئىقتىدارلىق سىستىما كۆزنەك 98 دۇنياغا كەلدى.بۇ ستىما تارقىتىلىپلا مال قىس بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.بىلگايتىس دۇنيادا بىرىنجى باي قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
   *بىزنى ئۆزىگە شۇنچە جەلىپ قىلغان سابىق سىستىما ئىكىسپى بولسا 2000.يىلى ئىشلەپ چىقىرىلغان بولۇپ بۇ سىستىمىنى ھەقىقەتەنمۇ 21.ئەسىرنىڭ باشلانما قوڭغىرقى دىيىشكە بولىدۇ،بۇسىستىمىنىڭ قوللاشچانلىقى 2014يىلغىچەا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دىيىشكە بولىدۇ.بۇسىستىما ھەققىدە تولا سۆزلەش ھاجەتسىز.
   *2009.يىلى 10.ئايدا كۆزنەك 7 نىڭ رەسمى نۇسخىسى چىقتى،ئۇ ئىكسپىدىكى يوچۇقلارنى ئەتكەن ۋە پاكىز سىپتا سىستما بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئابونتلارنىڭ قىزغى قارشى ئىلىشىغا ئىرىشتى.
   كۆزنەكنىڭ تارىخى بىلەنمۇ قىسقىچە تونۇشتۇق،ھەممىمزگە مەلۇملۇق مكروسوفىت شىركىتى كۆزنەك 7 ،كۆزنەك8 ۋەسىناق كۆزنەك 10 سىستىمىسى
ئارقا ئارقىدىن چىقىشقا باشلىدى.بۇنىڭ سەبىنى تۆۋەندە تەلىل قىلىپ ئۆتەي:
   1.سۇئال:كۆزنەك 7 نىمە ئۈچۈن زور كۈچ بىلەن ياسالدى؟ئىكىسپى نىمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدى؟
   2.سۇئال:كۆزنەك 7 شۇنچە قوللىنىشچا تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئارقىدىنلا كۆزنەك 8 چىقتى؟كۆزنەك 8نىڭ ئارتۇقچىلىقى نىمە؟
   3.كۆزنەك9 (ياكى كۆزنەك 10)كەت نىمەئۈچۈن شۇنچە كۈچ چىقىردۇ؟
   4.سىناق تارقاتقان كۆزنەك 9(ياكى10) نى قانداق قاچىلايمىز؟
   5.سىناق سىستىمىنى ئادەتتە خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولامدۇ(باشقا سىستىمىنى قوللامدۇ؟)؟

    1.ج:2000.يىلى ياسالغان ئىكىسپى يىلسىرى يىڭىلانغان بولسىمۇ ئۇنىڭ يوچۇقلىرى خاككىرلار تەرپىدىن بىر-بىرلەپ ئىچىلىشقا باشلىدى.بۇ ئىش بىلەن ئوغرى نەشىر كۆپىيىپ كەتتى.كىشىلەرنىڭ مىكروسوفىتقا ئىلىپ كىلىدىغان پايدىسى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتتى.ھەم دەۋىرنىڭ يىڭلىنىشىغا ئەگشىپ ئالما شىركىتى سىپتا ياسالغان ئالما سىستىمىسىنى بازارغا سالدى.بۇ ئىش بىلەن نۇرغۇن داڭلىق ئورۇنلار ئالما سىستىمىسىغا كۆچۈشكە باشلىدى .مۇشۇنداق مەزگىلدە مىكروسوفىت شىرىتى ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ھەم پىيىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن نارلىق تىخنىكىسىنى چىقىرىپ كۆزنەك 7 نى بازارغا سلدى.شۇنىڭ بىلەن ئالما سىستىمىسىغا كۆچكەنلەر يەنە بۇ سىستىمىغا قايتىپ كەلدى.ئىكىسپى نىمىشقا ئەمەلدىن قالدى دىگەندە بىرىنجىدىن بۇۇ سىستىمىنىڭ ئورنىنى كۆزنەك 7 ئالدى ئىككىنجىدىن ئىكىسپى بىخەتەرلىك جەھەتتە زامان تەرپىدىن شاللاندى ئۈچىنجى تەرەپتىن كۆزنەك ئىكىسپىنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغان ۋاختى كىلىپ قالغان.

   2.ج:كۆزنەك 8 2013.يىلى چىقتى كۆزنەك 7 شۇنچە مۇكەممەل تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن كۆزنەك 8نى چىقاردى دىگەندە بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەپلەر بار.
   1.تاختا كومپىيوتىرىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ كۆزنەك 7 زور بىر كىرزىسقا دۇچ كەلدى،يەنى كۆزنەك 7 سىزىمچان مەشغۇلاتقا قەتئى ماسلىشاممىدى.كۆزنەك 8 چىقمىسا تاختا كومپىيوتىر ساھەسىدە ئىچىنىشلىق مەغلۇپ بولاتتى.
2.تىلفۇن سىستىما ساھەسىدە ئەقلىشىش دولوقۇنى قوزغۇلۇپ ۋىندوۋس تىپلىپ تىلفۇنلار ئارقا-ئارقىدىن سودا سەھنىسىدىن شانلىنىشقا باشلىدى .بۇنداق ۋەزىيەتتە كۆزنەك 8 تىلفۇن نۇسخىسىنى ئىشلىمىگەندە مىكروسوفىت شىركىتى خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتى.
   3.ئەپ ياسايدىغان شىركەتلەر ئاساسەن ئاندىرويىت بىلەن ئالمىغا يىغىلدى بۇنىڭ ئۆزى مىكرو سوفىت ئۈچۈن ئىيتىپ تۈگەتكۈسىز خەتەر ئىدى.يامان يىرى كۆزنەك 8دىن بۇرۇن ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى قوغدالمايتى،شۇ سەۋەپتىن پۇل تىپىشنى خالىغان كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئالمىغا ئەپ ياساپ بازارغا چىقىراتتى.بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆزنەك 8 ياساش زۆرۈر بوپ قالدى.
   كۆزنەك 8نىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا تۆۋەندىكىدەك:
   1.مەخسۇس تاختا كومپىيوتىرغا ماسلاشتۇرلۇپ لاھىيلەنگەن قۇلاي ھەم تىز.
   2.ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى ھەقىقى قوغدالغان،ئەپنى پۇلغا ساتالايدۇ،ئوغرى نەشىرىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
   3.ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئوتلوق(outlook) قا باغلىسىڭز ھەممە ئەپ بازىردكى سانلىق مەلۇماتنىى ئاپتۇماتتىك زاپاسلايدۇ.مەسلەن:سىز بىر كومپىيوتىرنى ئۈستەل يۈزىنى بىزىدىڭىزياكى ئەپ بازىردىن ئەپ ئويۇن چۈشۈرۈپ ئوينىدىڭىز دەيلى ئەگەر ئوتلۇق ۇمۇر ئارقىلىق ئاچقان بولسىڭىز قىلغان ھەر بىر ئىشىڭىزنى زاپاسلاپ ماڭىدۇ.كىيىن كومپويۇتىرنى رايونغا ئايرىپ كۆزنەك سەككىزدىن يۇقىرنى قاچلاپ ئويلۇق ئارقىلىپ ئاچسىڭىز سىز ئىشلەتكەن ھەممە ئەپ بىزەك ھەتتا توربەتلەردىن تارتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىدۇ.ئوتلۇق ئارقىلىق سىستىما ئىشلەتسىڭىز كومپىيوتىردىكى پىروگىرامما بۇزۇلۇشنى 72 سائەتتە ئاپتۇمماتتىك ئوڭشاپ بىرىدۇ.
   4.كۆزنەك 8 گوسلاشقا قارشى بولۇ ئوغرى نەشىرنى ئىشلەتسىڭىز تور بار شارائىتتا ئىككى ھەپتىدە ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ ياكى ئۆمۈرۋايەت ئەپ بازىدىن ئەپ چۈشۈرەلمەيسىز.
   
   3.ج؛كۆزنەك 9غا شىركەت تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ كۈچىدى بۇنىمە ئۈچۈن ؟كۆزنەك 8 كۆڭۈلدىكىدەك سىستىما بولۇشقا تىگىشلىك ئىدى ئەمما بىرىنجىدىن:ئۇ كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ماسلىشالمىدى.ئىككىنجىدىن:ئىچكى يادروسىدا لوگىكىلىق خاتالىق بەك كۆپ بايقالدى.ئۈچىنجدىن:بۇ سىستىما شەخسىلەر ئۈچۈن بەك مۇرەككەپ ئىشلىتىش ئەپسىز سىستىما بولۇپ قالدى.ئاساسلىق سەۋەبى ئالما ماس 10 سىستىمىنى ھەقسىز تارقىتىپ غورۇرىغا قاتتىق تەگدى،ھەم كۆزنەك 8نىڭ كەمچىللىكىنى تۇتىۋىلىپ مەسخىرە قىلدى.شۇڭا مىكروسوفىت شىركىتى رەقىبىگە شىددەتلىك زەربە بىرىش ئۈچۈن كۆزنەك 9نى ھەممە تىخنىكىسىنى ئىشقا سىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

   4.ج:سىناق كۆزنەك9(ياكى 10)نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:64
32
ئاچقۇچ نۇمۇرى:NKJFK-GPHP7-G8C3J-P6JXR-HQRJR
    قاچىلاش باسقۇچى:1.ئىچكى ساقلىغۇچ 4گىئادىن چوڭ ياكى تەڭ بولسابولسا 64 بىتلىقنى چۈشۈرۈڭ،ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا 32بىتلىقنى چۈشۈرۈڭ!
   2.چۈشكەن iso ھۆججىتنى 8گىگا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى u دىسكىغا كۆچۈرۈڭ.(نۇسخىلاپ كۆچۈرۈش ئەمەس بىلمىسىڭىز ئاخىرغا قاراڭ!).
   3.سىستىمىنى ئۇ دىسكىدىن قوزغاڭ(ھەر كومپىيوتىرنىڭ قوزغاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ،بىلمىسىڭىز ئاياققا قاراڭ).
   4.كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىچە قاچىلاڭ(خەنچە بىلشىڭىز كىرەك)،ئوتتۇرغا كەلگەندە سىملىق تور بولسا مەپى شىفىر تەلەپ قىلمىسا ئۇدۇل ئوتلۇق نۇمۇرنى مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈڭ.ئەگەر سىمسىز تور بولسا تورغا ئۇلاڭ ئاندىن ئوتلۇق نۇمۇرنى كىرگۈزۈڭ.5مىنۇت ساقلىسىڭىز قاچىلاش تاماملىنىدۇ.ئەپ بازىردىنمۇ خاتىرجەم نەرسە چۈشۈرەلەيسىز(كۆزنەك 8مۇ شۇنىڭغا ئوخشاش).
ئەسكەرتىش: يۇ دىسكىغا ئۇرۋالمىسىڭىز سەل ئۇزاق ۋاقىت كىتىدۇ قوش سىستىما قىلاي دىسىڭز س دىسكىدىن باقا خالىغاننى تاللاڭ.
   u دىسكىغا سىستىما ئۇرۇش ئۇسۇلى:
   UltraISO
چۈشۈرۈپ قاچىلاپ چۈشكەن سىستىمىنى تاللاپ يۇ دىسكىغا ئيۇشنى بۇيرۇق بىرىمىز.ئىش تامام(چوڭلىقى2.2 مىگا)
   يۇدىسكا ئارقىلىق كومپىيوتىر قوزغاش ئۇسۇلى:ئاساسلىقى f8,f9,f10,f11,f12,tab,escلارنى باسسىڭىز تاللاش چىقىدۇ شۇنىڭدىن يۇدىسكىنى تاللاش چىقىدۇ.تاللاپ قوزغايسىز.(قايسىنى تاللاشنى بىلمىسڭىز بىر بىرلەپ سىناپ بىقىڭ)ئەگەر بۇمۇ ئەپلەشمىسە بىئوس تەڭشەشنى بىلمىسىڭز بىلىدىغانلارنى ئىزدەڭ.
    ھۆججەتنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرمەن.UltraISO

   بۇسىناق سىستىمىنىڭ قوزغۇلىشى ۋە تىگى يادروسى كۆزنەك 8نى ئاساسقىپتۇ(تەكشۈرۈپ كۆردۈم) شۇڭا بۇ سىستىمىنى يۇقارقى ئۇسۇلنى چۈشۈنەلىگەنلەرنىڭ قاچىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !(قالغانلار جىم)بۇسىستىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا خاتالىقنى 1سائەت ئىچىدە تۈزىتىدىكەن.
قۇشۇمچە:ئوتلۇق تىزىملىتىش ئادرىسى:ئوتلۇق
   بىرقاتا تىزىملاتسىڭىز خەنچە بولىدۇ ئىچىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بار.
    مىنىڭ ئوتلۇق ئادرىسى:welizirakkak@outlook.com

دىققەت بارلىق ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ماڭا تەۋە باشقا توربەتكە كۆچۈردىغانلار مىنى ئەسكەرتىۋىتىڭلار!
                                                                           ئاپتۇرى:ۋېلى زىرەككەك

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 23:23:26

كاشكارى يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 23:21
سوراپ باقاي سىز ئويۇننى قانداق ۋاقىتا ئىتىسىز؟

بىر ئۆتكەل ئويناپ بولۇپ   قانداق دەيسىز

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 21:54:17

مىروسوفىتنىڭ ئويۇنلىرىنى ساقلاش توغۇرلۇق تېما كۆرمۇدۇمغۇ   تىزراق يوللىڭە ساقلاپ كەتتىم

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 21:56:25

ياخشى تىما بۇپتۇ سىستىمنىڭ ئارقا كۆرۇنىش تەرەققىيات سەۋەبىنىبىلۋالدۇق :lol

غىلاپ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 22:59:19

كۆپنەرسىلەرنىبىلىۋالدىم ، رەھمەت !

Qaynam1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 23:06:01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ناھايىتى ياخشى تىما بولۇپتۇ ..
بۇwin10دىگەن سېىستىما ھەقسىزمۇ قېرىنداشلا ؟؟

كاشكارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 23:21:45

روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 21:54
مىروسوفىتنىڭ ئويۇنلىرىنى ساقلاش توغۇرلۇق تېما كۆرمۇد ...

سوراپ باقاي سىز ئويۇننى قانداق ۋاقىتا ئىتىسىز؟

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 23:26:37

كاشكارى يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 23:21
سوراپ باقاي سىز ئويۇننى قانداق ۋاقىتا ئىتىسىز؟

ئۆزۇم ئىزدىنىپ يۇرۇپmicrosoft games for windows live    ماۋۇ دىتالنى ئىشلەتسەساقلايدىغانلىقىنى بىلدىملىكىن بۇ دىتالنى نەدىن چۈشۈرۈپ قانداق قاچىلاپ قانداق تەڭشىسەك ئاندىن ئويۇن ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم

كاشكارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 23:26:53

روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 23:23
بىر ئۆتكەل ئويناپ بولۇپ   قانداق دەيسىز

مەن ئۇ ئۇيۇننى ئويناپ باقمىغان ساقلاش دىگەن يىرى بارمىئدۇ يا؟مەن تولاراق ئوينايدىغان ئوتۇن كىچىك سىرىق بالا دىگەن ئويۇن小黄人快跑 سىزمۇ ئوينامسىز ئۇ ئويۇننى؟

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 23:28:02

Qaynam1 يوللىغان ۋاقتى2014-10-3 23:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ناھايىتى ياخشى تىما بولۇپتۇ ..
بۇ   ...

ھازىرچە سىناق نۇسخىسى ھەقسىزھەقىقىي نۇسخىسى چىققانداھەقلىق بۇلىدۇ
بەت: [1] 2 3
: windows سىستىمىغا ساپايىمىز قانچىلىك؟